-
2011年05月26日
بلوگباس دەرسلىكلىرى تىرىشچانلار مۇنبىرىدە - [بلوگ بىلىملىرى]
بلوگباس دەرسلىكلىرى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللاندى. دوستلارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىنى، پىكىر-تەكلىپ بىرىشىنى، تىزىملىتىپ ئەزا بۇلۇپ قىممەتلىك تىمىلارنى يوللىشىنى قارشى ئالىمىز. مۇنبەر ئادرىسىمىز: http://www.tirixqanlar.com
-
2011年03月04日
دەرسلىكلەر بلوگى كۆچىدىغان بولدى - [خەۋەرلەر]
دەرسلىكلەر بلوگىنىڭ يىڭى ئۆيىگە برىشنى ئۇنۇتماڭ. يىڭى ئۆيىمىزنىڭ ئادرىسى: http://www.tirixqanlar.com دوستلارنىڭ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە قارىتا پىكىر-تەكلىپ بىرىشىنى، تىزىملىتىپ ئەزا بۇلۇپ قىممەتلىك يازمىلارنى يوللىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
-
2011年02月13日
ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر يىلنامىسى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
ئۆزمىللىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم . بىز ئۆز تارىخىمىزنى سۇدەك يادقا بىلەلمىسەكمۇ ، يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا كېلىپ قالغىنىمىز ياخشى .
مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئالتۇن تاغ ( ئالتاي تېغى ) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى . بۇزېمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
-
2011年02月13日
چوشقا گۆشى يېگەن ئۇيغۇرۇم - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
بۈگۈن مۇنبەر ئارىلاۋېتىپ قۇمۇل مۇنبىرىدە توۋەندىكى يازمىنى كۆرۈپ تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. ئاللا ئىنساپ بەرسۇن ئۇنداق مۇناپىقلارغا!!!!!!
دوستىلار ، بۇ بىر ھەقىقى بولغان ۋەقە .2009 - يىلى 3- ئاينىڭ بېشى، بىر كۈنى ئىدارىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتىم ، خىزمەتدىشىم 24 ياشلاردىكى ئىككى بالىنى باشلاپ كىردى، مەن ئۇنىڭدىن بۇلار نېمە ئىش قىپتۇ ، دەپ سورىسام يالغان گىرىم بويۇملىرى سېتىپتىكەن ، كىشلەر ئىنكاس قىلدى ، شۇڭا تۇتۇپ كەلدىم دىدى . مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ،
-
2011年02月11日
google tipsگوگۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]
1.گوگۇل ئېلكىتاپ كۆرگۈچىسى(Google Reader): تور بېتى نۇسخىسىدىكى RSS خەۋەرلىرىنى كۆرگۈچ. مۇشتەرى بولۇش ، تەشكىللەش ۋە ئورتاقلىنىش ئاسان .يانفۇن نۇسخىسىمۇ بار.
-
2011年02月11日
ئۇيغۇرلاردىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ سەۋەبى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۆپلىگەن«يامان بولىدۇ»لارنى ئاپىرىدە قىلغان.خەلقىمىز ئارىسىدىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ شەكىللىنىشى ،بىر تەرەپتىن روھى قاتلىمىمىزدا يۇغۇرۇلغان رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئۇزاقتىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان قائىدە -يوسۇنلىرىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر.بالىلىرىمىز چوڭ بولۇشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ،چوڭلارنىڭ «يامان بولىدۇ» لارنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمىسەكمۇ ، قانداقتۇر «يامانلىق»نىڭ پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇخىل سۆز -ھەرىكەتلەرنىڭ ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىمىزنى چەتكە ئالىدىغان بىر خىل روھى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈۋالىمىز.
-
2011年02月02日
ھەقسىز ماشىنىغا ئىرىشىشنى خالامسىز؟ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
جۇڭگۇنىڭ داڭلىق دوستلىشىش تورلىرىدىن بىرى بولغان 51دوستلىشىش تورى تورداشلار تىزىملاتسىلا ھەقسىز چىرۈي ماشىنىغا ئىرىشىش پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇپتۇ.http://2011.51.com/?f=MjQxMzEwMzUz
-
2011年01月22日
باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش تەجىربىلىرىم (خام خەت)Chinese Teaching - [شەخسى يازمىلىرىم]
مەن باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى، خىزمەتكە قاتناشقان 5يىلدىن بۇيان ئۇدا خەنزۇتىلى دەرسى ئۆتۈپ كىلىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا ئۆزۈم ھىس قىلغان بىرقانچە تەرەپنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە مۇنۇ يازمىنى يوللىدىم. كەڭ ئوقۇتقۇچى دوستلارنىڭ بۇ يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىم توختىلىدىغىنىم خەنزۇتىلىدىكى خام خەت ئوقۇتۇشى ھەققىدە.
بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز خەنزۇتىلى دەرسلىك كىتابتىكى خام خەتكە تازا دىگەندەك ئىتبار بەرمەيدۇ. ئاساسلىقى ئالدى بىلەن سۆزلۈك قىسمىنى ئۆتۈش بىلەن ئىشنى باشلايدۇ. (مەنمۇ دەسلەپتە شۇنداق قىلاتتىم)بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە خەتكە نىسبەتەن تۇنۇشى تازا تۇلۇق بولماي قالىدۇ -
2011年01月21日
تىنىش بەلگىلەر(标 点 符 号) - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
يېزىقچىلىقتا دائىم تىنىش بەلگىلىرىگە ئىھتىياجلىق بۇلىمىز، خېلى كۆپ تىنمىش بەلگىلىرىنى تۇنۇساقمۇ بەزىلىرىنى كۆپ ئىشلەتمىگەچكە بىلىپ كەتمەيمىز، دوستلارغا ياردىمى تىگىپ قالار دىگەن مەقسەتتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە نامىنى يوللاپ قويدۇم، پايدىلىنارسىلەر.
-
ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تورغا چىققاندا، ياخشى ماقالىلەر ئۇچراپ قالسا، كۆچۈرۈۋېلىپ ساقلىۋېلىشنى ئويلايدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما بەزى تور بەتلىرى ئۆز تور بېتىنىڭ مەزمۇنىنى قوغداش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈۋېلىشىنى چەكلەيدۇ.(مەسىلەن: جاھان مۇنبىرىنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىدا شۇنداق چەكلىمە بار ئىدى، ھازىرقى نۇسخىسىدا بۇ خىل چەكلىمە يوق ئىكەن.) ئەگەر سىز بۇ خىل تور بەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە يارىغان مەزمۇنلارنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ تۆۋەندە بۇ چەكلىمىنى بۇزۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. 1- ئۇسۇل: كۇنۇپكا تاختىسىغا تايىنىش بەزى تور بەتلىرى كۆچۈرۈشنى چەكلىگەندە پەقەتلا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن، Ctrl+C كۇنۇپكىسىنىلا چەكلەپ قويىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن Ctrl+A بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بارلىق مەزمۇننى تاللىۋېلىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىغا باراۋەر كېلىدىغان كۇنۇپكىنى تاپىمىز(ئادەتتە ئوڭ تەرەپتىكى
-
2011年01月21日
ئىجرا(运行)دىكى بىر قىسىم تېز قوزغىتىش بۇيرۇقلىرى - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]
winver ------------------------ ۋىندوۋىسنىڭ نەشىرىنى تەكشۈرۈش
wmimgmt.msc ----------- ۋىندوۋىسنىڭ سېسىتما قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش
wupdmgr---------------------- سىستېمىنى يېڭىلاش
write --------------------------- خەت يېزىش تاختىسى
winmsd------------------------ سىستېما ئۇچۇرى
iaacmgr --------------------- سىكانېر ۋە رەقەملىك ئاپپارات يېتەكچىسى
winchat ------------ سېستىمىنىڭ ئۆزىدە بولغان -
2011年01月21日
تۇنجى ئۇيغۇر ئولىمپىك چىمپىيونى مەھمۇد ئۆمەر - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
مەھمۇد بەدەلجان ئۆمەر ئوغلى 1924-يىلى ئالمۇتا شەھرىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا تاماملاپ تىببى ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا چۈشكەن . 1941-يىلى ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى پارتلىغاندا كېڭەيش ھۆكۈمىتى ئۇنى كىروف نامىدىكى ھەربى تىببى ئۇنىۋېرستېتقا ئوقۇشقا ئېۋەتكەن.1943-يىلى بىر قولىدا داۋالاش سومكىسى يەنە بىر قولىدا قورال ئېلىپ دۇشمەن ئالدىنقى سېپىگە كىرىپ جەڭ قىلغان . ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەدە ھەربى خىزمەت ئۈتىگەن . ھەربى خىزمەت ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن كىروف نامىدىكى تىببى ئۇنىۋېرستېتتە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1953 -يىلى تىببى پەنلەر نامزاتلىق دېسىرتاسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلىغان .
-
2011年01月21日
ئاتاقلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ تەرجىمھالى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
-
2011年01月21日
بېيجىڭ خان ئوردىسىنى كىم لايىھىلىگەن؟ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
-
مەدىنە ئابلىكىم 1986 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندى ، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولغاچقا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ دائىملىق پاراڭ ئوبيېكتى ئىدى . ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن فاكۇلتېت رەھبەرلىرى قارار چىقىرىپ سىنىپ ئاتلىتىپ ئوقۇتتى . تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئىزچىل "" ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى "" بولۇپ باھالاندى . 1990 - يىلى مەدىنە ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن ئېلىنىدىغان دۆلەتلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەزەرىيىۋى فىزىكا ، مەيدان نەزەرىيىسى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىدى . ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويدى . ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ قېتىرقىنىپ ئۆگەندى .
-
2011年01月21日
يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر شائىرى -سەيدۇللا - - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
شۇنداق بىر مەشھۇر ئەدىب ئۆتكەن.ئۇ شىئېرىيەتكە كامىل، رەسىمگە ماھىر ئىدى. گۇگۇڭ مۇزىيىدا ئۇنىڭ << يەنلىڭدىكى بېلىق تۇتۇش سۇپىسى>> ۋە <<قارا ئۈرۈك دەرىخىدىكى قۇشقاچ>> ناملىق رەسىمى ساقلانغان بولۇپ ،ئۇ تولىمۇ قىممەتلىك ر...
-
2011年01月14日
شىنجاڭدىكى تۇنجى ۋە شىنجاڭدىكى ئەڭ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
شىنجاڭ __ مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىسكىلاتى. تارىم،جۇڭغارىيە ۋە تۇرپان-قۇمۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا 20مىلىيارد 900مىلىيون توننا نېفىت بىلەن 1تىرلىيون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز بار،بۇ پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، گېئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى شىنجاڭنى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ ئۆلكە،دەپ قارىماقتا؛ شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى پۈتۈن مەملىكەت كۆمۈر بايلىقىنىڭ 40پىرسەنتىنى ئىگىلىگەچكە، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئۇدا 15يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان
-
كومپيوتېرنى ۋاقىت بەلگىلەپ ئۈچۈرىدىغان بۇ دېتال ھەقىقەتەنمۇ ئىشلىتىشكە ئەپلىك ئىكەن. بۇ دېتال پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بۇلۇپ كومپيوتېرنى خالىغان ۋاقىتقا تەڭشەپ ئۆچۈرۈش، قايتا قوزغۇتۇش، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆچۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مەشخۇلاتلارنى قىلغىلى بۇلىدىكەن. پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بۇلۇپ بىر كۆرۈپلا ئىشلىتىشنى بىلىۋالالايسىز.
-
2011年01月13日
pdf(ئېلىكترونلۇق كىتاپ)ئوقۇيدىغان يۇمشاق دىتال pdf阅读器 - [يۇمشاق دېتاللار]
-
2011年01月12日
USPئېغىزىنى چەكلەش قۇرالى - [يۇمشاق دېتاللار]
بەزى چاغلاردا كومپيوتېرىڭىزغا يىڭىدىن سېستىما قاچىلاپ، ۋىروسلارنى تازىلاپ ناھايتى نۇرمال قىلىپ قويسىڭىز باشقىلار بارماق دىسكىلىرىنى خالىغانچە چېتىپ بىرنىمىلەرنى كۆچۈرۈپ نەتىجىدە بىر ئوبدان كومپيوتېرىڭىزنى يۇقۇنلاندۇرۇپ بىنۇرمال قىلىپ قويغان ئەھۋاللارمۇ بولدىمۇ؟ شۇ چاغدا سىزدە USPئېغىزنى چەكلەپ قويسام قانداق بۇلار؟ دىگەن خىيال بولۇپ باققانمۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سېغىمى ناھايتى كىچىك، ئىشلىتىشكە ئەپلىك تۆۋەندىكى يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئاۋال بۇدېتالنى چۈشۈرۈپ 安装دىگەننى بېسىپ كومپيوتېرغا قاچىلاپ كومپيوتېرىڭىزنى قايتا قوزغاتسىڭىز uspئېغىزى چەكلىنىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە 卸载نى بېسىپ بۇدېتالنى كومپيوتېرىڭىزدىن ئۈچۈرۈپ تاشلاپ ئاندىن كومپيوتېرىڭىزنى قايتا قوزغاتسىڭىزلا كۇپايە.
-
مەن يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ يىڭىدىن مودا بۇلىۋاتقان تور كۆرگۈچ قۇرالى Mozilla Firefox ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قېلىپ بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ماختىغۇچىلىكى بار دېتالكەن، بۇ تور كۆرگۈچنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ نۇرغۇن تور بەتلەرنىڭ خۇددى ئۆز كومپيوتېرىمدىكى wordھۆججەتلىرىنى ئاچقاندەكلا تويغۇغا كىلىپ قالدىم. تور سۈرئىتى ھەقىقەتەنمۇ تىز ئىكەن. 360، QQ،搜搜،ieدىگەن تور كۆرگۈچلەر Firefoxتور كۆرگۈچكە شاگىرتلىققا كىرىپ تەلىم ئالسا بولغۇدەك. قېنى سىزمۇ قاچىلاپ سىناپ كۆرۈڭ. چۇقۇم رازى بۇلىسىز.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: چۈشۈرۈش -
2011年01月12日
رەسىمگە بىۋاستە ئۈنۈم قاتقىلى بۇلىدىغان تور بىكەتلەر Picture production - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
تۆۋەندىكى تور بىكەتلەردە كومپيوتېرىڭىزدىكى رەسىملەرگە ئۆزىڭىز خالىغانچە ئۈنۈم قۇشالايدىكەنسىز، phothoshopدىگەندەك رەسىم لاھىيەلەيدىغان دېتاللارنى كومپيوتېرىڭىزغا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز. ھەم قۇلايلىق، ھەم قوللىنىشچان تور بىكەتلەركەن قېنى سىزمۇ كىرىپ سىناپ بېقىڭ. جەمئى25دانە تور بىكەت بار. تۆۋەندىكى سانلارنى بېسىپ كىرىڭ.
1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 -
2010年12月25日
خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
مىلادىيە 1917-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا، تۆتتىن-تۆتتىن بولۇپ سەككىز كىراكەش كۆتۈرگەن بىر جۈپ تەختىراۋان گەنسۇنىڭ غەربىدىكى سۇجۇ )جيۇچۇەن( شەھىرىگە كىرىپ توختىدى. ھارغان، دولىلىرى ئاغرىپ كەتكەن كىراكەشلەر تەختىراۋاننى كارۋان ساراينىڭ كەڭ سەيناسىغا قويۇشتى ۋە ئالدىراپ تەختىراۋان پەردىسىنى قايرىدى. تۇنجى بولۇپ ئارقىدىكى تەختىراۋاندىن ئۈستىگە نىمچە كىيگەن، قېلىن كۆزەينەك تاقىغان، بېشىغا قارا رەڭلىك دۇخاۋا تەقىيە كىيگەن، ئۇزۇن چاچلىق بىر ئەر چۈشۈپ ئۈلگۈرگەنىدى. ئۇ قۇچاقلىرىنى كېرىپ بالىنى باغرىغا باستى ۋە ئۇنى كۆتۈرگىنىچە ئارقىسىدىكى تەختىراۋاننىڭ يېنىغا كەلدى. بىر قولىنى ئۇزىتىپ تەختىراۋاندىن چۈشكۈچىگە تىرەك قىلىپ بەردى. تەختىراۋاندىن چۈشكۈچى بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ قارا لاتا خەي ئىچىدىكى پۇتلىرى شۇنچىلىك كىچىك ۋە دىقماق ئىدىكى، يەردە تايتاڭلاپ ئاران-ئاران ئۆرە تۇراتتى. ئۇلار ھال سورىشىۋاتقان ئەسنادا ئوخشاشلا نىمچە كىيگەن، ئۇزۇن چېچىنى كېسىۋەتكەن ساراي خوجايىنى يېتىپ كېلىپ، ئىككى قولىنى جۈپلەپ سالام قىلدى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى ساراينىڭ ئالاھىدە خانىسىغا باشلىدى.
-
2010年11月18日
ساپ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان سۆزلىشىش دېتالى MSN Messenger نى ئىشلىتەيلى!! - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سۈيۈملۈك دوستلار. ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىندىن بۇيان تېڭشۈن شىركىتى بىلەن360 جىدەللىشىپ بىر-بىرىنى چەكلەۋاتىدۇ، 360 بىر قىستۇرما تارقىتىپ چ چ نىڭ شەخسى ئۇچۇرنى ئاشكارلاش قىلمىشىنى توسىغاندىن كېيىن، چ چ بايانات ئېلان ق...
-
2010年11月18日
كومپيۇتېردىكى بۇ ھۈنەرلەرنى بىلەمسىز؟ - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]
ESCكۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىتىلىشى
ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇل... -
2010年11月18日
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز؟ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
چىسا دىدى ئانا بالىغا،
بۇ چى دىدى بالىسى باتناپ .
يىگىن دىدى كاۋرۇ بولسىمۇ،
بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ.
خېچا قىلغىن جېنىم بالام دەپ،
چاي ئۇزاتتى ئانا بالىغا.
ھەيران بۇلۇپ،توۋا دىيىشتۇق،
قوش مىللەتلىك ئانا بلىغا. -
2010年11月18日
2010-يىللىق ھەج پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
2010-يىللىق ھەج پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى ھەج پائالىيىتىگە جەمئى2500000دىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان بۇلۇپ، جۇڭگۇدىن بارغانلار13000نەپەر..... سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
-
2010年11月18日
mp3 ئايلاندۇرغۇچ mp3转换器 - [يۇمشاق دېتاللار]
-
2010年11月14日
ئالامەت يۇمۇرلار ، قانغۇچە كۈلىۋېلىڭ.... Joke - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
بىر ياشانغان ئايال تىۋىپقا قۇرسىقىم دائىم بىئارام بولىدۇ لېكىن چوڭ تەرىتىم باشقىچە پۇرىمايدۇ ھەم ئاۋازلىق ئەمەس دەپتۇتىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
نەچچە كۈندىن كېيىن، ئايال كىلىپ دورىنى يىدىم ، قۇرسىقىم بىئارام، تەرىتىم سېسىق لېكىن ئاۋ... -
2010年11月13日
بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رولىChildren's games - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
خەلقىمىزدە قەدىمدىن پەرزەنتلەرنىڭ ئەتراپلىق، ساغلام يېتىلىشىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈنگەن. بالىلار تىلى چىقىپ ئېسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن باشلاپلا ئۇلارغا ناخشا – قوشاق ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ساز چېلىشنى، خەت يېزىشنى ئۆگىتىش، تېپىشماق تاپقۇزۇش، رەسى...