بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年11月14日

    ئالامەت يۇمۇرلار ، قانغۇچە كۈلىۋېلىڭ.... Joke - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    بىر ياشانغان ئايال تىۋىپقا قۇرسىقىم دائىم بىئارام بولىدۇ لېكىن چوڭ تەرىتىم باشقىچە پۇرىمايدۇ ھەم ئاۋازلىق ئەمەس دەپتۇتىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
    نەچچە كۈندىن كېيىن، ئايال كىلىپ دورىنى يىدىم ، قۇرسىقىم بىئارام، تەرىتىم سېسىق لېكىن ئاۋازلىق ئەمەس، دەپتۇ تىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
    نەچچە كۈندىن كېيىن، ئايال كىلىپ دورىنى يىدىم ، قۇرسىقىم بىئارام، تەرىتىم سېسىق ھەم ئاۋازلىق دەپتۇ.

    تىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
    دورىڭىزنى يەۋەردىم لىكىن ئۈنۈمى ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ، يەنە يەمدىمەن دەپتىكەن دوختۇر،- 1-قېتىمدىكى پۇراش سىزىمىڭىزنىڭ 2- قېتىمدىكى ئاڭلاش سەزگۈڭىزنىڭ دورىسى ئىدى، ھازىرقىسى قۇرساق ئاغرىقنىڭ دورىسى دەپتۇ

     بىر دوختۇر دوختۇرخانا قوروسىدىكى دەرەخلىكتە بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ سۆيىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئىتىلىپ بارغىنىچە يىگىتكە كايىپ كىتىپتۇ،
    --سۈنئى نەپەسلەندۈرگەندە ئادەمنى يەردە تۈز ياتقۇزۇش كىرەك،بولدى سەن نىرى تۇر،ئۆزەم نەپەسلەندۈرەي..

     

    بىر ئادەم ئەرلەر كېسلگە گرىپتار بوپتۇ ،
    دوختۇر ئۇنىڭغا بىر قۇتىنى بېرىپ ،بۇنىڭغا ئىسپىرمىڭىزدىن ئازراق چىقىرپ ئەتە ئېلىپ كېلىڭ ،تەكشۈرمىز دەپتۇ
    ئۇ ئەتىسى قۇتىنى قۇرۇق ئېلىپ كەپتۇ
    نىمە بولدى ؟ قۇرۇق ئەكەپسىزغۇ ؟- دەپ سوراپتۇ دوختۇر
    بىمار: مەن ئۆيگە بېرىپ قولۇم بىلەن ئىككى سائەت جېدەللەشتىم ،چىقمىدى
    ئايالىم كىرىپ ئۇمۇ جېدەللەشكەنتى ،چىقىرالمىدى

    قىزىم كىرىپ قىلىپ باقتى ،يەنىلا چىقرالمىدى،ئاپام ،ھەدەم ۋە ئۆيدىكەرنىڭ ھەممىسى قىپ باقتى بەقەت چىقمىدى - دەپتۇ
    دوختۇر: بۇ قانداق گەپ ،مۇشۇ ئىشقا قىزىڭىز ۋە ئۆيڭىزدىكەلرنى ئىشقا سالدىڭىزما ،سىز قانداق ئادەم ؟

    بىمار : قانداق قىلىمەن ،چىقمايۋاتسا ؟
    دوختۇر: نىمە چىقمىدى؟
    بىمار: قۇتىنىڭ ئاغزى

    بىر ئايال بىر ئەۋلىيانىڭ قىشىغا بىرىپتۇ، ئەۋلىيا دەپتۇ، بىرىنجى بالىڭىز بەك ئەقىللىق، ئىككىنجىسى بەك ئەدەپلىك، ئۈچىنجىسى بەك ھاكاۋۇ بولىدىكەن دەپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئايال راستىنلا ئۈچ بالا تۇغۇپتۇ، بىرىنجىسى تۇغۇلۇپلا بىر كەرە بىر تەڭ بىر دەپ چۈشۈپتۇ، ئىككىنجىسى ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ چۈشۈپتۇ، ئۈچىنجىسىنى دوختۇر تۇتىۋالاي دىسە، نىرى تۇرە ۋاي، ئۆزۈم چۈشەلەيمەن دەپتۇ!

      كۈندە ھاراق ئىچىپلا يۈرۈيدىغان بىر كىشى ئاخىرى 10 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولدى، ئۇ بوتولكىنىڭ ئاستىدىكى ئاخىرقى بىر يۇتۇم ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، بىنادىن سەكرىدى. لىكىن يەنىلا ياشىغىسى كىلىپ، خۇداغا نالە قىلدى: مۇشۇ قىتىم ھايات قالسام، بۇندىن كىيىن ھەرگىز ھاراق ئىچمەيمەن. ئۇنىڭ تەلىيىگە يارىشا ئۇ پاختا باسقان ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ھايات قالدى. ئۇ بۇ چاغدا يەنە مۇنداق دىدى:ئادەم مەستچىلىكتە ھەر نىمىلەرنى دەپ سالىدىكەن.

    -- ھەي بىلەمسەن، خوتۇنۇم مەندىن خېتىنى ئالدى !
    _
    ئۇنداقتا ھاراقنى چىلاشقۇچە ئىچ، شۇنىڭدىلا بۇ ئازاپنى ئۇنتۇپ كېتىسەن.
    _
    ئۇنداق قىلالمايمەن !
    _
    نىمىشقا ؟ پۇلۇڭ يوقمۇ ؟
    _
    پۇل بار ،ئازاپ يوق.

    _ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئەڭ ئوخشاشمايدىغان يېرى قايسى؟
    _
    قۇلاق بىلەن ئېغىز.
    _
    بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
    _
    ئەرلەر بىرەر گەپنى ئاڭلىسا، ئۇ قۇلىقىدىن كىرىپ بۇ بۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
    _
    ئاياللارچۇ؟
    _
    پاراڭ ئاياللارنىڭ قۇلىقىدىن كىرىدۇ،بىراق ئاغزىدىن چىقىدۇ.

    ئىككى بالا دادىسىنى ماختاپ پو ئېتىشىپ قاپتۇ:
    مېنىڭ دادام كاتتا ئېنژېنىر بىلەمسەن،ئالىپ تېغىنى مېنىڭ دادام ياسىغان
    ئۇ دىگەن قانچىلىك ئىشتى.مېنىڭ دادام كاتتا مەرگەن،ئۆلۈك دېڭىزنى دادام ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

    شېركەتنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق ئېلۋاتقان مېك بۇرۇلۇپ ، جېكقا دىدى،
    جەينىكىم ئاغرىپ تۇرىدۇ،دوختۇرغا كۆرۈنەيمىكىن؟
    دوختۇرغا بارمىساڭمۇ بولىدۇ،كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دوقمۇشتا بىر دورىخانا ئېچىلىپتۇ،شۇنىڭغا 10 دوللار تاپشۇرۇپ سۈيدۇكۇڭنى تەكشۈرتسەڭلا 30 سىكونتتىن كېيىن ساڭا نىمە كېسەل بولغانلىقىڭنى ، قانداق داۋالىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، دوختۇرغا بارغاندىن كۆپ ئەرزان،دىدى جېك.
    شۇنىڭ بىلەن مېك بىر كىچىك قاچىغا سۈيدۇكىنى ئېلىپ دورخانىغا بېرىپ 10 دوللار تاپشۇردى،كومپيۇتېرنىڭ چىرىقى يېنىپ سۈيدۈكنى ئوقۇرغا قىستۇرۇشقا بەلگە بەردى.مېك كۆرستىلگەن ئورۇنغا سۈيدۇكىنى قىستۇرۇپ 30 سىكونتتىن كېيىن تۆۋەندىكى جاۋاپقا ئېرىشتى،سىز جەينەك بۇغۇم ياللۇقىغا گىرىپتار بوپسىز، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۇرمەڭ، كۆپ ھەركەت قىلماڭ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ ، دىگىنىمدەك قىلسىڭىز ئىككى ھەپتىدە ساقىيىپ كېتىسىز.       

    ئۆيىگە قايتقاچ مېك "كومپيۇتېر ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ ئادەمگە يەتمەيدۇ، ئۇنى بىر ئەخمەق قىلىپ باقايچۇ "ئويلىدى.
    ئەتىسى ئەتىگەندە مېك بىر كىچىك قاچىغا ئۆيىدىكى تۇرۇببا سۈيىدىن ئازىراق قاچىلىدى،ئاندىن ئىتتىنىڭ مايىقىدىن ئازىراق سالدى،يەنە قىزى بىلەن ئايالىنىڭ سۈيدۈكىدىن ئازىراقتىن ئېلىپ ئۇدۇل دورىخانىغا بېرىپ ،10 دوللار تاپشۇرۇپ كۈتۈپ تۇردى،30 سىكونتتىن كېيىن كومپيۇتېر تۆۋەندىكى جاۋاپنى چىقىرىپ بەردى:
    1. ئۆيىڭىزدىكى تۇرۇببا سۈيى قاتتىق ئىكەن، يۇمشاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئىستىمال قىلىڭ.
    2. ئىتىڭىز تەمرەتكە بۇلۇپ قاپتۇ، باكتىريىگە قارشى سۇپۇن بىلەن يۇيۇپ قۇيۇڭ.

    3. قىزىڭىز زەھەر چېكىدىكەن، ئۇنىڭغا زەھەرنى تاشلاتقۇزۇڭ.
    4. ئايالىڭىزنىڭ بۇيىدا بار ئىكەن، قوش كىزەك، ئىككىلىسىلا قىز، بىراق بالا سىزنىڭ ئەمەس.

    ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن بىر ئۆيدە تۇردىغان بولۇپ،خوتۇنلىردىن ئۆلگىدەك قورقىدىكەن.بىر كۈنى ئىككىسى بۇ ئەلەمگە چىدىماي چىلاشقۇدەك ئىچىشىپتۇ ۋە بۇندىن كىين كىم خوتۇنىدىن قورقسا شۇ ھەقىقى ئەركەك ئەمەس دىيىشىپ ئۆيلىرگە قايتىشىپتۇ.    

    ئاكىسى ئۆيگە كىرىپ شۇنداق قارىسا خوتۇنى دەر غەزەپ بىلەن تۇرغۇدەك؛

    "ھەي !نەگە باردىڭ؟!"
    "
    ھېچ...ھېچ....ھېچيەرگە........"
    "
    ئەمسە نىمانداق كەچ قالدىڭ؟! " ماڭ ،تىزدىن  داسقاسۇ ئەكىر !! " ئۇ ياۋاشلىقچە داسقا سۇ ئەكىرىپتۇ .
    "
    دەرھال پۇتۇمنى يۇ !"
    "خوتۇن ،بۇ....بۇ....."
    "
    يۇ دېگەندىكىن يۇمامسەن !" بىچارە بايقۇش ئامالسىز پۇتۇنى يۇيۇپ قويۇپتۇ.
    "
    ئەمدى بۇ سۇنى ئىچىۋەت!"دەپتۇ داستىكى سۇنى كۆرسىتىپ.
    "
    خوتۇن بۇ مەينەت سۇنى قانداق ئىچكىلى بولىدۇ؟"
    "
    نىمە تولا گەپ بۇ ؟.ئىچ  دىگەندىكىن ئىچمەمسەن!!!"
    "
    بۇنداق لاۋزا سۇنى قانداقمۇ ئىچكىلى بولىدۇ؟ئەمسە ئازراق شىكە سىلىپ بىرىڭلار."
    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايالى شىكەر سىلىپ بەرگەن مەينەت سۇنى ئىچىۋىتىپتۇ.
    بۇنى دەرىزىدىن كۆرۇپ تۇرغان ئىنىسى"ما لاۋزا ئاكامنىڭ قىلقىنى !"دەپ كەينىگە شۇنداق بۇرۇلىشىغا خوتۇنىنى كۆرۇپتۇ.
    "
    ھەي!..سەن بولساڭ قانداق قىلىتىڭ؟"
    "
    شىكە ساممايلا ئچىۋىتىتىم!"

    بىر قىز ساقچىغا:

    مەن پۇلنى ئىچ كىيىمىمنىڭ يانچۇقىغا سالغانىدىم،كېلىشكەن بىر يىگىت ئوغرىلاپ كەتتى،-دەپتۇ.

    ساقچى:

    -ئۇ ئوغرىلىق قىلغاندا ئازراقمۇ سەزمىدىڭىزمۇ؟

    -ئۇ پورىتمالىمنى سىلىغانىدى،پەقەت ئويلىماپتىمەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىز قىزارغان ھالدا.

    يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان يەر ئاستى پويىزىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ ، ئۆرە تۇرغان بىر ئەر يولۇچى يېنىدا تۇرغان بىر ئايال يولۇچىغا ئېگىلىپرەك تۇرۇپ ئەدەپ بىلەن دەپتۇ؛

    -كەچۈرۈڭ خانىم ،پويىزنىڭ ئىچى  بەك قاراڭغۇ ئىكەن ،ئەيىپكە بۇيرۇمىسىڭىز ، سىزگە بىر تاسما تۇتقۇچ تېپىپ بېرەيمۇ ؟

    -ھاجىتى يوق ، مەن تۇتقۇچقا ئېسىلىپ بىر ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن ،-دەپتۇ ئايال قوپاللىق بىلەن .

    -ئۇنداقتا گالىستۇكۇمنى قويۇۋېتىڭ!-دەپتۇ ئەر زەردە بىلەن .

    بىر ئىت تورغا مەستانە بولۇپ قاپتۇ.قۇرداشلىرى ئۇنىڭغا تورغا چىقىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىپتۇ. بىراق ئۇ گەپ يېمەپتۇ. ئۇ تېخى بىر كۈنى تورغا چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ؛

    مەن ھەر قېتىم تورغا چىقسام مېنىڭ ئىت ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.

    بىر پىخسىق يىگىت تۇنجى قېتىم قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا شۇنداق دەپتۇ؛ --بۈگۈن مېنى نەس باستى،سىزگە سوۋغا قىلاي دەپ يېڭى بىر سائەت سېتىۋالغانىدىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى ئاپتۇبۇستا ئوغرى ئېلىۋالدى.

    --بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىيات قىلىڭ،--دەپتۇ قىز ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا.

    --كېلەر قېتىم كەلسەم ،

    --دەپتۇ يىگىت دەرھاللا،--ھېچ نەرسە ئالماي كېلىمەن، ئوغرى نېمېنى ئوغرىلايدىكىن قېنى؟!

    كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ بېيىغان بىر جۈپ ئەر -ئايال كارۋاتتا ئارام ئېلىۋاتقانىكەن.

    --ھازىر ئۈيىمىزدە ھەممە نەرسە تەل،نېمە دىسەك شۇ بار،

    --دەپتۇ ئېرى،

    --30 يىل ئىلگىرى ھېچ نەرسىمىز يوق ئىدى، بىراق ئۇ چاغدا يېنىمدا ياتقىنى ھەم چىرايلىق ھەم ياش قىز ئىدى...

    --بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئاسان، قەدىرلىكىم،

    --دەپتۇ ئايالى،

    --مەن سىزنى يالاڭتۆشكە ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلاي، سىز يەنە ياش ھەم چىرايلىقنى ئىزدەپ بېقىڭ!...

    分享到:

    评论

  • ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربان ھىيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
    دەرسلىك ئەپەندى回复تۇرانىم说:
    سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم. ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، تىنىڭىزنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.
    2010-11-18 16:19:46
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68