بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2011年01月21日

    كۆچۈرۈش چەكلەنگەن تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]

    ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تورغا چىققاندا، ياخشى ماقالىلەر ئۇچراپ قالسا، كۆچۈرۈۋېلىپ ساقلىۋېلىشنى ئويلايدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما بەزى تور بەتلىرى ئۆز تور بېتىنىڭ مەزمۇنىنى قوغداش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈۋېلىشىنى چەكلەيدۇ.(مەسىلەن: جاھان مۇنبىرىنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىدا شۇنداق چەكلىمە بار ئىدى، ھازىرقى نۇسخىسىدا بۇ خىل چەكلىمە يوق ئىكەن.) ئەگەر سىز بۇ خىل تور بەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە يارىغان مەزمۇنلارنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ تۆۋەندە بۇ چەكلىمىنى بۇزۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. 1- ئۇسۇل: كۇنۇپكا تاختىسىغا تايىنىش بەزى تور بەتلىرى كۆچۈرۈشنى چەكلىگەندە پەقەتلا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن، Ctrl+C كۇنۇپكىسىنىلا چەكلەپ قويىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن Ctrl+A بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بارلىق مەزمۇننى تاللىۋېلىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىغا باراۋەر كېلىدىغان كۇنۇپكىنى تاپىمىز(ئادەتتە ئوڭ تەرەپتىكى Win كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكا شۇ). مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسساقلا بىزگە تونۇش بولغان مائۇس كۇنۇپكىسىنى چەككەندە چىقىدىغان تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. ئاندىن بىز تىزىملىكتىن «كۆچۈرۈش» بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئاندىن خاتىرە دەپتەر ياكى Word دېگەندەك يېزىق تەھرىرلەش قوراللىرىغا چاپلىۋالساقلا بولىدۇ. 2- جاھاننامىنىڭ تۈرلۈك scripit پروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى چەكلەش ئۇسۇلى نۇرغۇن تور بەتلىرى چەكلىمە قويۇپ قويغاندا پروگراممىغا تايىنىدۇ. بۇ پروگراممىلار scripit (脚本) پروگراممىلىرى بولۇپ، بۇ پروگراممىلار ئىجرا بولۇش ئۈچۈن ئابونتلارنىڭ جاھاننامىسىگە تايىنىدۇ. بىز دەل مۇشۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز. يەنى جاھاننامىنىڭ تىزىملىكىدىن « ھۆججەت- Intérnét تەڭشىكى » (工具-Internet选项) دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بىخەتەرلىك»(安全) تاللانمىسىنى تاللاپ، ئۆزى بەلگىلەش دەرىجىسى (自定义级别) دېگەن تۈرنى «ئوتتۇرا» (中) دېگەن تۈرگە توغرىلاپ، ئاندىن scripit(脚本) دېگەن تۈر ئاستىدىن «ھەرىكەتچان scripit» (活动脚本) ۋە «jawa كىچىك پروگراممىلىرى»(jawa小程序脚本) دېگەن تۈرلەردىن « چەكلەش» دېگەن تۈرنى تاللاپ، بۇلارنى چەكلىۋېتىمىز. ئاندىن جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تەڭشەشنى ساقلاپ چېكىنىپ، قايتا بايامقى چەكلىمە بار تور بېتىگە كىرسەك، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسىنى كۆچۈرۈپ ئالالايسىز. ئەمما سىز بەزى تور بەتلىرىدىكى بەزى نەرسىلەرنى كۆرەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق چاغدا بايامقى چەكلىۋەتكەن ئىككى تۈرنى قايتىدىن قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. 3- ئۇسۇل: ئەسلى ھۆججەتتىن كۆچۈرۈش ئەگەر سىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇن ئانچە كۆپ بولمىسا، تور بەتنىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى ئېچىپ، كۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى چەكلىمە بار تور بېتىنى ئېچىپ، ئاندىن جاھاننامىنىڭ تىزىملىكىدىن « كۆرۈش- ئەسلى ھۆججەت» (查看-原文件) دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساق، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەنگەن يېزىق تەھرىرلەش دېتالى(ئادەتتە خاتىرە دەپتەرنى ئاچىدۇ.) ئارقىلىق، شۇ تور بېتىنىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان مەزمۇننى تاللاپ، كۆچۈرىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. 4- ئۇسۇل: رەسىمگە تارتىش ئۇسۇلى Snagit بولسا داڭلىق رەسىم تۇتۇش دېتالى. ئۇ يالغۇز ئادەتتىكى رەسىملەرنى تۇتۇپلا قالماي، يەنە كۆزنەك، تور بېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خەت-يىزىقلارنى تۇتالايدۇ.(ئەمما بۇ ئىقتىدارنى مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم) بىز بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، چەكلىمە بار تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرەلەيمىز. يەنى ئالدى بىلەن Snagit قوزغىتىپ، ئاساسى كۆزنەكتىن Capture دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، «خىزمەت ھالىتى» (mode) دېگەن تۈرگە «تېكىست»(text) دېگەننى تاللاپ، ئاندىن بۇ ئارقىلىق چەكلىمە بار تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى تاللىساق بولىدۇ. تاللاپ بولغاندىن كېيىن «باشقا نامدا ساقلاش»(save as) بۇيرۇقىنى باسساقلا، بىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى دەرھاللا يىڭى بىر ھۆججەتكە چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ دېتالنى ئۆزۈم ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بۇ دېتال بەلكىم يۇنىكودنى يا قوللايدۇ يا قوللىمايدۇ. ئەگەر قوللىمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى مەزمۇنلارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا توغرا كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا سىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇن ئاز بولسا، بۇ دېتالنىڭ رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق رەسىمگە ئېلىپ تۇرۇپ كۆچۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.ياكى رەسىم تۇتىدىغان باشقا دىتال ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. 5- ئۇسۇل: Word دىن پايدىلىنىش بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان Word ئارقىلىقمۇ، چەكلىمە بار تور بەتلىرىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. سىز پەقەت ئالدى بىلەن شۇ چەكلىمە بار تور بېتىنىڭ ئادرېسىنى كۆچۈرۈۋېلىپ، ئاندىن Word نى ئېچىپ، تىزىملىكتىن «ھۆججەت- ئېچىش» بۇيرۇقىنى بېرىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ھۆججەت ئىسمى دېگەن يەرگە بايامقى تور بەت ئادرېسىنى چاپلاپ، ئېچىش دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بۇ چەكلىمە بار تور بېتى Word دا ئىچىلىدۇ. ئەمدى سىز قايسى يەرنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز خالىغانچە كۆچۈرەلەيسىز.

    分享到:

darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68