بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2011年01月22日

    باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش تەجىربىلىرىم (خام خەت)Chinese Teaching - [شەخسى يازمىلىرىم]

    مەن باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى، خىزمەتكە قاتناشقان 5يىلدىن بۇيان ئۇدا خەنزۇتىلى دەرسى ئۆتۈپ كىلىۋاتىمەن.  بۇ جەرياندا ئۆزۈم ھىس قىلغان بىرقانچە تەرەپنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە مۇنۇ يازمىنى يوللىدىم. كەڭ ئوقۇتقۇچى دوستلارنىڭ بۇ يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.  بۇ قېتىم توختىلىدىغىنىم خەنزۇتىلىدىكى خام خەت ئوقۇتۇشى ھەققىدە.
    بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز خەنزۇتىلى دەرسلىك كىتابتىكى خام خەتكە تازا دىگەندەك ئىتبار بەرمەيدۇ. ئاساسلىقى ئالدى بىلەن سۆزلۈك قىسمىنى ئۆتۈش بىلەن ئىشنى باشلايدۇ. (مەنمۇ دەسلەپتە شۇنداق قىلاتتىم)بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە خەتكە نىسبەتەن تۇنۇشى تازا تۇلۇق بولماي قالىدۇ. مەن تۆۋەندە ئۆزۈم ئوقۇتۇش جەريانىدا قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تۈرلەرگە بۈلۈپ سۆزلەپ ئۆتىمەن.
    1. ئالدى بىلەن خام خەتنى دوسكىغا يازىسىز يازغاندا شۇ خەنزۇچە خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى، يان بۈلىكى، تۈزۈلىشى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا چۇقۇم ئىگەللىتىسىز. 
    2. بۇ خەنزۇچە خەتنىڭ ئايرىم كەلگەندىكى مەنىسى نىمە؟  ئايرىم كەلگەندە قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟ دىگەننى ئوقۇغۇچىلارغا مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق سۆزلەپ ئىگەللىتىسىز.
    3. بۇ خەنزۇچە خەت مىقدار سۆز بۇلۇپ كىلەمدۇ يوق؟ قايسى نەرسىلەرنىڭ مىقدار سۆزى بۇلالايدۇ؟ دىگەنلەرنىمۇ سۆزلەيسىز.
    4. بۇ خەنزۇچە خەتكە بىرقانچە سۆز تۈزۈپ بىرىسىز ، ھەمدە شۇ تۈزگەن سۆزلەرنىڭمۇ مەنىسى، ئىشلىتىلىش ئورنى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىگەللىتىسىز.
    5. بىر دەرستىكى بارلىق خام خەتلەرنى يۇقارقى تەلەپ بۇيىچە دوسكىغا تۇلۇق يېزىپ چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنى ئەگەشتۈرۈپ بىر قېتىم كوللىكتىپ  ئوقۇتۇپ چىقىسىز.
      بەلكىم يۇقارقى باسقۇچلارنى ئورۇنداش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كىتىدۇ، قالغان مەزمۇنلارغا قانداقمۇ ۋاقىتنى يىتىشتۈرۈپ بولغىلى بولسۇن دىيىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئەنسىرىمەڭ گەرچە ۋاقىت ناھايتى تەستە يىتىشسىمۇ بىراق مۇشۇ ئۇسۇلنى 2ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئوقۇغۇچىلىرىڭىزمۇ ئۆگۈنۈپ ماڭسا چۇقۇم ناھايتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز. چۈنكى يۇقارقى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىز  بىرىنچىدىن: ئوقۇغۇچىلىرىڭىز خەنزۇچە خەتنىڭ يان بۆلەك جەھەتتىكى بىلىمى بارغانچە ئېشىپ بارىدۇ.   ئىككىنچىدىن: ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ خەنزۇچە سۆز بايلىقى بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ.  ئۈچىنچىدىن: خەنزۇچە خەتنى قائىدە بۇيىچە يازىدىغان بۇلىدۇ.  تۆتىچىدىن: خام خەتلەرنىڭ ئايرىم تۇرغاندىكى مەنىسى، ئىشلىتىلىشنى تۇلۇق بىلىپ ماڭسا ئاخىرىدا ئۇلاردا ئۆزلىرى ئۆگىنىپ باقمىغان بىرەر سۆز ئالدىغا كىلىپ قالسىمۇ بۇ بىر سۆزنى تۈزگۈچى خەتلەرنى ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرى ئۆگۈنۈپ ئۆتكەن بولغاچقا شۇ خەتنىڭ ئايرىم تۇرغاندىكى مەنىسىگە ئاساسەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى پەرەز قىلالايدۇ. بۇ ئوقۇپ چۈشىنىش مەشىقلىرىدە بەكمۇ ئەزقاتىدۇ.  ئاخىرىدا دىمەكچى بولغۇنۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەد قىلكغان بولسىڭىز خام خەت ئوقۇتۇشىغا سەل قارىغۇچى بولماڭ.
    يۇقارقىلار مىنىڭ خام خەت ئوقۇتۇش ئۇسۇلۇم، ھازىر مىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم خەنزۇتىلىدىكى يان بۈلەك، سۆز تۈزۈش، مىقدار سۆز ، سۆز بايلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە مەكتىپىزدىكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ.  سىنىپىمدىن ئىككى يىلدا 18نەپەر ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇلۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇشقا كىردى. بۇ يىل يەنە 20ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنى يولغا سېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.   كىلەر قېتىمقى يازمامدا سۆز ئوقۇتۇشى ھەققىدە توختىلىمەن.  

    分享到:

    评论

  • بۇ ئۇسۇلنى تۇللۇقسىزدىما قوللانسا بولامدۇ؟
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بېكەت ئۈستىدىكى سەبۇرى ئېلان تەشۋىقات ئادرىسى خاتا بولۇپ قاپتۇ، بۇنداق بولسا كىرىم ھېسابلانمايدۇ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىۋالغايسىز:
    http://www.seburi.com/elan/
    دەرسلىك ئەپەندى回复seburi说:
    ئوڭشىۋالدىم، سىزنىڭ كۆرسىتىپ قويغىنىڭىزغا رەخمەت قېرىندىشىم...
    2011-01-31 22:03:15
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68