بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年11月18日

    ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز؟ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    ئاشخانىدا تاماق ساخلىغاچ،
    نەزەر سالدىم،ئۇياق بۇياققا.
    يان ئۈستەلدەبۇلۇنغان گەپلەر،  
    كىرىپ قالدى،قېلىن قۇلاققا. 

    چىسا دىدى ئانا بالىغا،
    بۇ چى دىدى بالىسى باتناپ .
    يىگىن دىدى كاۋرۇ بولسىمۇ،  
    بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ. 

    خېچا قىلغىن جېنىم بالام دەپ،  
    چاي ئۇزاتتى ئانا بالىغا.  
    ھەيران بۇلۇپ،توۋا دىيىشتۇق،  
    قوش مىللەتلىك ئانا بلىغا.  

    كاۋاپنىمۇ يىمىدى بالا، 
    چى خەنباۋدەپ چىقاردىجېدەل. 
    بۇ ناجىنسى دىئالوگلارغا، 
    چىدىيالماي تۆلىدىم بەدەل. 
     
    جېنىم ھەدە،دىدىم قۇپۇپلا، 
    ئازات قىلاي دىدىم قۇلاقنى. 
    ساۋاپ ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز،
    بېقىۋېلىپ،خەنزۇ بوۋاقنى. 

    ئاڭلاپ قۇيۇڭ،ئۇمىنىڭ بالام،
    دىدى تىللاپ،بارمۇ كۈزىڭىز. 
    بېشىم ئىگىپ دىدىم كەچۈرۈڭ،  
    ئۇيغۇرمىدى،ئەسلى بالىڭىز.


    تىللاپ كەتتى ئەڭ مەينەت تىلدا،  
    تۆكمەك بولدى مىنىڭ يۈزۈمنى.  
    گەپ ياندۇرماي،يىدىم تاماقنى،  
    دەۋەلغاچقا يۈرەك سۈزۈمنى.  

    كۈلۈپ كەتتى كۈلەلىگەنلەر،
    ئەيىپ لەشتى،مىنى بەزىسى.
    چىقىپ كەتتىم يامان ئەمەسمۇ،
    خۇتۇن خەقنىڭ تىلى تەنەسى.  

    كۈلۈڭ دوستۇم قاقاقلاپ كۈلۈڭ،
    يازغىنىمنىڭ يوقتۇر يالغىنى.  
    سېسىق تىللارمەن بىلەن كەتتى،
    سوغام بولسۇن سىزگە قالغىنى.


    مەنبە : مىسرانىم مۇنبىرى  

    分享到:

darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68