بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2011年01月21日

    تۇنجى ئۇيغۇر ئولىمپىك چىمپىيونى مەھمۇد ئۆمەر - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    مەھمۇد بەدەلجان ئۆمەر ئوغلى 1924-يىلى ئالمۇتا شەھرىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا  تاماملاپ تىببى ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا چۈشكەن . 1941-يىلى ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى پارتلىغاندا كېڭەيش ھۆكۈمىتى ئۇنى كىروف نامىدىكى ھەربى تىببى ئۇنىۋېرستېتقا ئوقۇشقا ئېۋەتكەن.1943-يىلى بىر قولىدا داۋالاش سومكىسى يەنە بىر قولىدا قورال ئېلىپ دۇشمەن ئالدىنقى سېپىگە كىرىپ جەڭ قىلغان . ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەدە ھەربى خىزمەت ئۈتىگەن . ھەربى خىزمەت ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن كىروف نامىدىكى تىببى ئۇنىۋېرستېتتە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1953 -يىلى تىببى پەنلەر نامزاتلىق دېسىرتاسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلىغان .
    1953-يىلى بىرلا ۋاقىتتا  مەھمۇد ئۆمەر سوۋېت ئارمىيەسى قارغا ئېتىش كوماندىسى ۋە سوۋېت دولەتلىك قارغا ئىتىش كوماندىسىغا قوبۇللىنىدۇ . 1954 -يىلى سوۋېتلەر سايۇزى ۋە دۇنيا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قارغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ تېزلا تونىلىدۇ. 1955-يىلى بۇخارىستتا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . 1954  -يىلدىن 1961 -يىلغىچە 6 يىل ئۇدا س س س ر دۆلەت چىمپىيونى ، يوۋروپا چىمپىيونى ، دۇنيا چىمپىيونى  بولىدۇ.
    1956-يىلى مېرلبۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدال . 1960-يىلى ئىتالىيە رىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە يەنە بىر كۈمۈش مېدال غا ئېرىشىدۇ.
    ئۇندىن باشقا ماھمۇد ئۆمەر كوماندىلار ئارا مۇسابىقىدە 5 نۆۋەت يوۋروپا چىمپىيونى ، 3 نۆۋەت دۇنيا چىمپىيونى بولغان .
    ماھمۇد ئۆمەر بىلىملىك زىيالى كىشى ئىدى .ئۇيغۇرچە ۋە روس تىلىدىن باشقا يەنە نېمىسچە ۋە لاتىن تىلىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىشنى تولىمۇ ياختۇراتتى . ئۇنىڭ ئىجادى نەتىجىلىرى زور بولۇپ ، پىسىخىكىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇنىڭ بۇ كىتاپلىرى روسىيە تىببى ئاكادىمىيىدە ساقلىنىپ يۈكسەك باھالارغا ئېرىشكەن .
    1961-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسى لېنىنگرادتا 37 يېشىدا  تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان .
    ماھمۇد ئۆمەر توغۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشەي دىسىڭىز  1982-يىلى موسكىۋادا نەشىر قىلىنغان «مەشھۇر كىشىلەر ھاياتى » ياكى « سوۋېت ئولىمپىكى » دىگەن كىتاپلاردىن مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىۋالالايسىز . ئۇ كىتاپ ۋە تەشۋىقات رەسىم  تاختىلىرىدا  مەرھۇم ماھمۇد ئۆمەرنىڭ سۈرىتى  باشقا روس داڭلىق كىشىلىرى بىلەن تەڭ بىرىنجى قۇردىن 3-كىشى بولۇپ تىزىلغان .
      « 20-ئەسىردىكى مەشھۇر شەخىسلەر » روسچە توپلامدىن تەرجىمە (چىن تۆمۈر تورى)

    分享到:

darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68