-
2010年11月18日
ساپ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان سۆزلىشىش دېتالى MSN Messenger نى ئىشلىتەيلى!! - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سۈيۈملۈك دوستلار. ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىندىن بۇيان تېڭشۈن شىركىتى بىلەن360 جىدەللىشىپ بىر-بىرىنى چەكلەۋاتىدۇ، 360 بىر قىستۇرما تارقىتىپ چ چ نىڭ شەخسى ئۇچۇرنى ئاشكارلاش قىلمىشىنى توسىغاندىن كېيىن، چ چ بايانات ئېلان قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيوتېرىدىن 360نى ئۈچىرىۋەتمىسە چ چ نى ئىشلىمەس قىلىپ قويماقچى بۇلىۋاتىدۇ. ھەممىزگە ئايان 360بولسا كومپيوتېر بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ياخشى دېتال. يەنە كىلىپ چ چ ئۇيغۇرتىلىنى قوللىمايدۇ. يېقىندا مەن ئالىپ تورىدىن بىۋاستە ئۇيغۇرتىلىنى قوللايدىغان، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالى Windows MSN غا كۆچەيلى، ئۆز تىلىمىزدا بىۋاستە پاراڭلىشايلى، دىگەن تىمىدىكى يازمىسىنى ئوقۇپ چىقتىم، قارىسام بۇ دېتال ھەقىقەتەن ياخشىدەك قىلىدۇ. ئالىپ ئەپەندىم ئىزدىنىپ بۇ دېتالنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپتۇ، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىمۇ سۆزلىنىپتۇ. بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن مەنمۇ بۇ دېتالنى كومپيوتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم. ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن، بۇنىڭدا چ چ دا قىلغىلى بۇلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىىسى قىلغىلى بۇلىدىكەن، ئەڭ مۇھىمى چىرايلىق ئۇيغۇر يېزىقىمىز نۇرمال كۆرىنىدىكەن. ئالىپ ئەپەندى مەزكۇر دېتالنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇپتۇ، قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ كىرىڭ. http://www.alip.tk/forum.php?mod=viewthread&tid=475
评论