بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2011年01月21日

    يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر شائىرى -سەيدۇللا - - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

     شۇنداق بىر مەشھۇر ئەدىب ئۆتكەن.ئۇ شىئېرىيەتكە كامىل، رەسىمگە ماھىر ئىدى. گۇگۇڭ مۇزىيىدا ئۇنىڭ << يەنلىڭدىكى بېلىق تۇتۇش سۇپىسى>> ۋە <<قارا ئۈرۈك دەرىخىدىكى قۇشقاچ>> ناملىق رەسىمى ساقلانغان بولۇپ ،ئۇ تولىمۇ قىممەتلىك رەسىملەردۇر. ئۇنىڭ شىئېرلىرى ئاجايىپ يارقىن، شىئېرى ئىبارىلىرى تولىمۇ پاساھەتلىكتۇر. ئىلگىركىلەر ئۇنىڭ شىئېرىيەت ئۇسلۇبىغا يۇقۇرى باھالارنى بېرىپ ، لى خېجىدەك كاتتا ئۇسلۇپ ياراتتى دېسە، بەزىلەر ئۇنى لى شىياڭيىنگە ئوخشاتتى، يەنە بەزىلەر ئۇنى لى بەيگە تەققاسلىدى. ئىشقىلىپ كۆپ ساندىكى قەترىزچىلەر ئۇنى تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەدىبلەر بېلەن بىر قاتارغا قويۇپ كەلدى.
         ئۇ دۆلىتى ھەم خەلقىنىڭ غېمىنى يىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرمۇشنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، خەلىقنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلدى. << غەربىي يۇرت ئاز سانلىق مىللەت شىئېرلىرىدىن تاللانما>>نىڭ تۈزگۈچىسى ئىپتىخارلانغان ھالدا << ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر شائىرى بولۇپ ، شۇ دەۋىرنىڭ ئۆزىدىلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان>> دېگەنىدى.ئۇ دەل غەربىي يۇرتلۇق شائىر سەيدۇللادۇر. سەيدۇللا سارابۇقا جەمەتىدىن بولۇپ ، دادىسى ئارۇچى جەسۇر ئادەم بولغاچقا خاندانلىققا خىزمەت كۆرسىتىپ تارتۇقلىنىپ ، مەنسەپكە تەيىنلەنگەن ھەم جىنيۈن ، دەيجۇ( بۈگۈنكى سەنشىنىڭ شىمالىدا) قاتارلىق جايلاردا تۇرۇپ قالغان. ئۇ يۈئەنشىزۇ جىيۈئەننىڭ 9-يىلى (1272-يىلى) سەنشىدىكى دەيجۇ ئايمىقىنىڭ يەنمىن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.
         سەيدۇللا كىچىكىدىن باشلاپلا ناھايتى قېتىرقىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان .كېيىنچە ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ ۋۇچۇ قاتارلىق جايلاردا سودىگەرچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ تالىپ بولغانلىقتىن سودىنىڭ ئېپىنى بىلمىگەچكە زىيان تارتىپ دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ ئائىلىسىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دوسىت بۇرادەرلىرى بېلەن ھەمدەمدە بولۇشۇپ شىئېرىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 56يېشىدا تەشرىبدار بولۇپ فۇجىيەن ۋە خېبېي تەپتىش مەھكىمىلىرىدە ياردەمچى تەشرىبدار، تەشرىبدار بولغان. 78 يېشىدا ئەيىپلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى نامەلۇم. سەيدۇللا پۈتۈن ئۆمرىدە جۇڭگونىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئايلىنىپ ، تاغ-دەريا ۋە قەدىمىي ئىزلارنى كېزىپ چىقىپ نۇرغۇن ساياھەت نەزمىلىرىنى يازغان. ئۇنىڭ شىئېر نەزمىلىرىدە شىمالىي جۇڭگونىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى بېلەن جەنۇبىي جۇڭگونىڭ مەپتۇئىكار گۈزەل مەنزىرىلىرى كۈيگە قېتىلغان. بەزى شىئېر-نەزمىلىرىدە رىئېئال تۇرمۇش بىۋاستە ئىپادىلىنىپ ، ئىجتىمائىي زىدىيەت ۋە نۇقسانلار ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ چىرىكلىشىشى ۋە ئۇرۇشپەرەسلىكىنىڭ دۆلەت ۋەخەلىققە كەلتۈرگەن بالايى ئاپەتلىرى ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ شىئېر -نەزمىلىرىنى يىغىپ، رەتلەپ <<يەنمىن كوللىياتى>>نى تۈزگەن. كېيىنكىلەر ئۇنى تېخمۇ تولۇقلاپ798 كۇبلىتقا تيەتكۈزگەن. بىر مىسراسى 14 خەتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئايرىم شىئېرلىرىنىڭ ئۇدارى تولىمۇ كۈچلۈك.
         سەيدۇللانىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر ئۇنى موڭغۇل دېسە يەنە بەزىلەر تۇنگان دەپ قارىماقتا. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى لىيۇ جېڭمىن، شىڭ خەن ۋە شۈ جېڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئەپەندى<< سەيدۇللا 13-ئەسىردىن ئىلگىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر ئىدى>> دەپ قارايدۇ. مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئەدىب تاۋ زوڭيى << تارىخنامىلەردىن ئۆرنەكلەر>> ناملىق ئەسىرىدە ئېنىق قىلىپ:<< سەيدۇللا ئۇيغۇردۇر>> دەپ كۆرسەتكەن.
         سەيدۇللانىڭ شىئېرلىرى زور تەسىرگە ئىگە. يۈئەن سۇلالىسى شىخاۋۇل پىرقىسىنىڭ دىۋان بېگى گۈئەن ۋېنچۈئەن ئۇنىڭ شىئېرلىرىغا ئاتاپ يازغان كىرىش سۆزىدە:
                                       دولقۇنلاتسا سەلكىن شامال دېڭىز بېتىنى،
                                       گاھ ئۆرلەيدۇ گاھ چۆكىدۇ بېلىقلار ئۇندا.
                                      بۇلۇت كۆتە قەھرى بېلەن يېيىلسا شۇئان،
                                        ئازاپ بېلەن شۈمشىيىدۇ گىياھلار بۇندا.
                                    خۇئەييىڭ خەنشىننى تۇغقان كەبى چىقتى پىر ئۇستاز،
                                     شۇل مىسالى تەبىئەتنىڭ ھۆسنىدەك بەردەم،
                                   سانسىز ئۇرۇش ،كۆرەشلەردە پۈكۈلمەس قەددى،
                                     سوڭ ئېلىنىڭ زەئىپلىكىنى تەرىك ئېتىپ ھەم.
         دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھا بەرگەن. خەنزۇ تىل-تېزىقى سىرلارغا باي بولۇپ ، تولىمۇ چوڭقۇر مەناغا ئىگە. بىر ئاز سانلىق مىللەت زىيالىسىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، خەنزۇ تىل يېزىقىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش يىڭنە بېلەن قۇدۇق قازغاندەك قىيىن ئىش بولۇپ، بۇنىڭغا ھازىرقىلارمۇ قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.
         جۇڭخۇئا مىللەتلىرى كۆپ قۇتۇپلۇقتىن بىرلىككە كەلگەن ئورتاق گەۋدە. سىماچىئەن << تارىخنامە>> دە مىللەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان. ئۇ، مەيلى خۇئاشىيا (خەنزۇلارنىڭ ئەجدادى) مىللىتى بولسۇن ياكى شەرىقتىكى يى، غەرىبتىكى روڭ، جەنۇبتىكى مەن(بەدەۋىلەر)، شىمالدىكى دى( ئۇيغۇرلار) قاتارلىق قەدىمقى دەۋىر ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ ئەتراپىدا ھايات كەچۈرگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى يەن، خۇئاڭ ئەۋلادكىرى بولۇپ يىلتىزى بىر، كېلىش مەنبەسىمۇ بىر، دەپ قارىغان. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن يېتىشىپ چىققان كۆپ ساندىكى ئەللامە-ئالىملار خەنزۇ تىلىدا ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە زور مىقداردىكى سەمەرىلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ، جۇڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن موھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.
         يۈئەن سۇلالىسى دەۋرى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا چوڭ جازا يۈرۈشى بولغان، زور دەرىجىدە قوشۇلۇش بولغان ۋە بىر بىرىدىن زور مىقداردا مەدەنىيەت قوبۇل قىلغان دەۋىر بولدى. موڭغۇللار ۋە غەربىي يۇرىتتىكى ئازسانلىق مىللەتلەر بىركىكتە ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىغا كىرىپ ، ئوتتۇرا ئىقلىم رايونىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۇلاردىن بىر تۈركۈم ئىستىداتلىق كاتتا ئەرباپلار يېتىشىپ چىقتى. سەيدۇللا ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. پۈتكۈل يۈئەن سۇلالىسى دۋرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت شائىرلىرى ئىچىدە سەيدۇللانىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ كاتتا، تەسىرى ئەڭ زوردۇر. ئۇنىڭ شىئېرلىرى خەنزۇ تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان غەربىي يۇرىت ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سەيدۇللا پەزىلەت جەھەتتە ئۆز جەمەتى ئىچىدە يۇقۇرى ئابرويغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىدە بۇ جەمەتتىن تالاي ئىستىدات ئىگىلىرى يېتىشىپ چىققان. ھەتتا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىمۇ بۇ جەمەتتىن زور ئۇتۇق قازانغان ساروڭ. سايۈخېڭ، سا سالۇن، سا لوڭتىيەن، سا دانىيەن قاتارلىق شائىرلار يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ خاس شىئېرىي كوللىياتلىرى بولغان. مەسىلەن: سا يۈخېڭنىڭ<< بەيخۇا راۋىقىدا كۆچۈرۈلگەن شىئېرلار>> دا 300 كۇبلىتتىن ئارتۇق شىئېرى ساقلانغان بولۇپ ، كىشىلەر ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھلارنى بەرمەكتە. سەيدۇللانىڭ كېيىنكى جەمەتلىرى ئەپيۇن ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۈچلۈك ۋەتەن پەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلغان.
           سەيدۇللانىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئورنىنى تولۇق مقئەيەنلەشتۈرمەي بولمايدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش بېلەنلا قالماي ، يەنە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلغان بولۇپ، ھەممە ئەسەرلىرى ھەققىدە بىر-بىرلەپ چۈشەنچە بېرىشكە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدۇ.

    مەنبەسى: << ئاقسۇ گېزىتى>> نىڭ 2001-يىل 20-نويابىردىكى سانى. ئۆمەرجان ھەسەن بوز قىر تەرجىمىسى

    分享到:

darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68