بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年11月12日

    ئۇيغۇرلاردا كەشپىيات - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    ئايرۇپىلان ياسىغان تۇنجى ئۇيغۇر

     1997 – يىل 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى پەيشەنبە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، بۇ كۈنى قەدىمقى مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى سەلتەنەتلىك پىرامىدا ھاسىل قىلغان ئىدۇقۇت دىيارىدا بىر رىۋايەت يېزىلىشقا باشلىدى. قورساق قىسمىغا قىزىل خەت بىلەن چوڭ، كۆركەم ۋە سەنئەتلىك قىلىپ « تۇرپان 2 – نۇمۇرلۇق » دىگەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە خەتلەر يېزىلغان،خەتنىڭ كەينىگەرەك بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ، ئايرۇپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىغا تۇرپان مۇنارىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئاق رەڭلىك ئايرۇپىلان خۇددى بىپايان ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشكە تەييارلانغان بۈركۈتتەك مەغرۇر قانات كېرىپ تۇراتتى. ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئۈچ بولغاندا بېشىغا يارىشىملىق دۇپپا كىيگەن، ئوتتۇرا بوي، كىلىشكەن، كۆزلىرىدىن پاراسەت ۋە شىجائەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان بىر كىشى تەمكىنلىك بىلەن ئايرۇپىلانغا چىقىپ، ئۇچۇش ئالدىدىكى تەييارلىقلارنى ئىشلىدى. قۇلاقنى يارغىدەك موتور ئاۋازى بىلەن تەڭ « تۇرپان 2 – نۇمۇرلۇق » ئايرۇپىلان خۇددى راكىتادەك ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ، كۆك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئايرۇپىلان سائىتىگە 100 كىلومىتىر تىزلىكتە، 20 مىمۇت ئۇچۇپ قاقاسلىق ئاسمىنىنى تۇلۇق ئۈچ قېتىم ئايلانغاندىن كىيىن بىخەتەر ھالدا يەرگە قوندى. مانا بۇ تۇرپان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئاددى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇللا قادىرمۇ رىۋايەتلەردىكى « ياغاچ ئات » ، « ئۇچار گىلەم » نى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزى ئايرۇپىلان ياساپ ئۇچۇپ، خەلقىمىزنىڭ قىسمەتلىك تارخ قامۇسىغا يېپيېڭى بىر سەھىپىنى يازدى. « مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامىرىكىلىق ئاكا – ئۇكا رايت لاردىن توپتوغرا 94 يىل كىيىن، ئۆزلىرى بىر قوللۇق ياساپ كۆتە ئۇچۇرغان ئايرۇپىلانى ئىدى .

    ئۇيغۇر كەشپىياتچى ئالىمجان

    قەشقەر يوپۇرغا ناھيىسى سىيەك يېزا 4-كەنىت 4-مەھەلىدىن ئالىمجان يېقىندا پايتەخىتكە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەتقىقاتىنىڭ پاتنىېتىنى ئىلتىماس قىلىپ شانلىق غەلبە بىلەن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.ئۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە بارلىققا كەلتۈرگەن كەشپىياتلىرى 10 خىلغا يىتىدۇ. بۇنۇڭدا ئادەمنى ھەم خۇشال قىلىدىغىنى ھەم چۇڭقۇر ئويلاندۇرىدىغىنى ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىش ئارقىلىق دېۋگاتىل(ماتۇر)نى ھەركەتلەندۈرۈش. ئالىمجان بۇ كەشپىياتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا كەگۈسى 50 يىلدىن كىيىنكى ئېنىرگىيە مەنبەسى كەمچچىلىكىنى شۇنداقلا، نۆۋەتتىكى خەلقارانى ساراسىمگە سېلىۋاتقان مۇھىت بۇلغۇنۇش مەسىلىسىىنى ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەك ئەمەلىي تېخنىكىسى بىلەن ھەل قىلدى.ئۇ كەشپىياتنى پايتەخىتتىكى مۇتەخخەسىسلەر سوغاققانلىق بىلەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈپ تولىمۇ رازىمەنلىك بىلەن مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇ ماتۇرنىڭ كېرەسىز گاز قويۇپ بىرىش ئارقىلىق مۇھىتنى بۇلغاش نىسبىتىنى نۆل پىرسەنىت دەپ بىكىتىشتى.ئارقىدىنلا ئۇلار دۆلەت نىفىتكە زور سوممىلۇق مەبلەغ ئاجرىتىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا كىرىم قىلىدۇ.سېنىڭ بۇ كەشپىياتىڭ دۆلەتنى نۇرغۇن ئىقتىساددىن مەھرۇم قىلغۇدەك دېگەن شاتلىق ئارلاش تەئەججۇپلۇق ئىنكاسنى بىلدۈرۈشىدۇ.ئالىمجان تەتقىقى قىلىپ ياساپ چىققان بۇ ماتۇرغا يەل(ھاۋا) ئېنىرگىيە قىلىنىدۇ،يەنى ماشىنا تىراكتۇرلارنىڭ چاقىسىغا يەل بىرىدىغان (چىباڭ)يەل ماشىنىسىدىن چىققان ھاۋا ئۇ ماتۇرغا ماي ياكى يېقىلغا گاز ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇ مۇھىتىنى بۇلغىمايدۇ.ھەم دۇنيا بويچە ئەڭ ئەرزان ئېنىرگىيە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئالىمجان بۇ كەشپىياتىغا پاتنېت ئىلتىماس قىلىپ 10 كۈندىن كىيىن ئامېرىكا، 15 كۈندىن كىيىن فىرانسىيە بۇ خىل پاتنېتنى ئىلتىماس قىلغان.دېمەك بىز ئويغۇرلارنىڭ تەلىيى يېقىنقى ئەسىر مابەينىدە بۇ كەشپىيات ئارقىلىق ئوڭ كەلدى.

    نۆۋەتتە ئالىمجاننىڭ پاتنىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى پۈتتى.گۇۋانامە ئاۋغۇستنىڭ ئاخرىدا قولغا كەلمەكچى.ئالىمجاننىڭ بۇ نۆۋەتتە ئىلتىماس قىلغىنى پەقەت ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىپ ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر.قالغان كەشپىياتلىرىنى بىر -بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقارماقچى.ئالىمجان بۇ كەشپىياتى توغرۇلۇق ناھيىگە ئەھۋال ئىىكا قىلغاندا ئالدى بىلەن ناھيىمىزنىڭ ئەلسۆيەر ،خەلىقپەرۋەر ئوغلان ھاكىمى- ھەسەنجان ئەخمەت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزى ئالىمجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرگەندىن كىيىن ،بۇ ناھيىنىڭ ھەر بىر ئىدارىدىكى رەھبىرى خادىمدىن بىردىن كىشىنى ئېلىپ كىلىپ ئاندىن بۇنى تونۇشتۇرغان،ھەممەيلەننى گۇۋاچى بولۇشقا چاقىرغان.ئاندىن 11 مېنۇتلۇق چۈشەندۈرۈش فىلىمى لېنتىغا ئېلىنغان.لېكىن ئالىمجاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ فىلىم تارقىتىلمىدى.ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسىڭىز مىھماندوس ئۇيغۇر ئالىمى يىگىتى ئالدى بىلەن ئۇ فىلمىنى قويۇپ بىرىدۇ،سىزنىڭ يەنە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ.ئاندىن ئۇ سىزگە بىر-بىرلەپ ئەمەلىيىتىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ،ئاندىن ئىشىنىسىز لېكىن يەنە «چۈش كۆرۈۋاتقاندەك» بىر خىل ھېسسىيات بىلەن پەخىرلىنىش،سۆيۈنۈش ھېسسىياتىغا چۆمىسىز.ئالمجان پايتەختتە ئۆزىنىڭ كەشپىياتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە سۆزلىگەندە مۇتەخخەسىسلەر: ئەگەر ئەمەلىي كەشپىياتىڭ ھازر سۆزلىگىنىڭ بىلەن ئوخشاشلا بولسا،سەن ئۈچۈن بىز نوبىل مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلىمىز،تەستىقلىنىشتا گەپ يوق»دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ.ئالىمجاننىڭ نۆۋەتتە تىزىملاتقان بۇ بىر تۈرىمۇ خەلقارالاشسا نوبىل مۇكاپاتىغا شەكسىز ئېرىشىدۇ.ئۇ تىرىشچان،ئاقكۆڭۈل ،ساددا مىجەز كەشپىياتچىمىز نىڭ ئاددىي بىر ئائىلىدە ،ئاددىي شارائىتتا بۇنداق ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنى روياپقا چىقىرىشىنى تۇنجى ئاڭلىغاندا سىزئەمەس مەنمۇ ئىشەنمىگەن.لېكىن پاكىت دېگەن بەرىبىر پاكىتتە.مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن بۇ تىمىنى مۇنبەرگە ئۆز نامىمدا يوللاۋاتىمەن.ئىلگىرى باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرۈپ قويغان.مانا ئەمدى قانۇنلۇق ئىگە سۈپىتىدە بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.بۇ ھەقتە ھەرقانداق سۇئال بولسا ئۇچۇر قالدۇرساڭلار قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىلىدۇ.

    تۆۋەندە ئالىمجاننىڭ قىسىچە تەرجىمالى:

    ئالىمجان قۇربان،ئەر،ئويغۇر.43 ياش.قەشقەر يوپۇرغاناھىيە سىيەك يېزىسى 4-كەنىت ،4- مەھەللىدىن. دىھقانچىلىقتىن سىرىت ياغاچچىلىق قىلىدۇ.ئۇ بىر ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن ھەم غۇلجا جېلىليۈزى خوتەن مەھەللە7-ئەترەتتە ئولتۇراقلاشقان.ئۇيەردە چوڭ بولغاندىن كىيىن دىھقانچىلىق ۋە ياغاچچىلىق قىلغان.30 ياشقا كىرگەندىن كىيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەر يوپۇغا سىيەككە قايتىپ كىلىپ تېرىقچىلىقىنى قىلغان،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياغاچچىلىق قلىپ يىراق -يېقىنغا ئۇستا ھۇنەرۋەن دەپ نام چىقارغان.ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى ئۇ ئىزچىل تىرىشىش ۋە قېتىرقىنىىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر نەچچە خىل كەشپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،مىللىتىمىز،رايۇنىمىز ۋە ئولۇق ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قىسقىسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى .تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىدىن يەنە بىرىنى تونۇشتۇرماقچى.ئۇنىڭ ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىدىغان ماتۇردىن باشقا يەنە چوڭ بۆسۈش دەپ قارىلىدىغىنى ھاۋانى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىش ئارقىلىق گاز ئوچاقنى كۆيدۈرۈش. بۇ كەشپىيات ھاۋانى گاز تۇڭىغا قاچىلاپ،ئۇنىڭغا بىر خىل دورا ئارلاشتۇرۇپلا گازتۇڭىدىن يەنە بىر نەيچە(گۈەنزە)ئارقىلىك ئۇنى ئۆزى ياسىغان گاز قالايدىغان ئوچاققا چېتىپ ئۇچاقنى كۈندۈلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.ئالىمجان بۇكەشپىياتىنى ئون سەككىز مىلىيۇنغا ساتمىغانلىقىنى ئېيىتتى.ھېلىقى ماتۇرىنىمۇ شاڭخەيدىن كەلگەن بىر خوجايىن:«ئاغزىڭغا پاتقان پۇلنى ئېيىت،مەن بۇنى ئېلىپ كىتەي»دېگەن.ئالىمجان ئۇنىڭغا سەن ئېلىپ كەتسەڭمۇ ياساپ باشقىلارغا ساتىسەن،ئۇنىڭدىن مەن ئۆزۈملا ياساپ ساتاي دېدىم،دەپ جاۋاب بەرگەنلىكنى ئېيىتتى.

    ئۇنىڭ باشقا كەشپىياتلىرىنى كىيىنكى قېتىملىق مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا قوياي.ھازىرچە مۇشۇنچلىك بولسۇن.ھەقتە گەپ بولسا مەن بىلەن ئۇچۇرلىشىڭلار.ھازىر ئالىمجان كۈنىدە نەچچە ئون زىيارەتچىنى كۈتۋېلىش بىلەن بەند بولىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ يىرىقى پايتەخىتتىن ئۈرۈمچىدىن… يېقىنى قەشقەر ۋە باشقا رايۇنلاردىن كىلىپ كۆرۈپ كىتىۋاتىدۇ. بەزى زىيارەتچىلەر ئالىمجانغا قانچلىك پۇل كېرەك بولسا ھازىرلا ياردەم قىلىدىشانلىقىنى ئېيتىپ ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈشتى. تۆۋەندە مەن تورداشلارنىڭ ئالىمجان بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلىشىش ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆي تېلىفۇنىنى قالدۇرىمەن. كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى بىھۇدە ئاۋارە قىلماسلىقىنىمۇ ئۆتۈنىمەن.13279874321

    شۇ تاپتا ئالىمجان ناھيىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكمىتىنىڭ يېقىندىن قوللاپ ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.بىز ئۇنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق،كەشپىياتىغا زور غەلبە،ئالتۇندەك ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمىز .

    كىچىك كەشپىياتچى مۇھەممەت ئەھمەت

    كىچىك كەشپىياتچى مۇھەممەت ئەھمەت 1986- يىلى پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازىرى دېھقانسۇ كەنتىدە بىر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 -يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۈچ تۈرلۈك كەشپىيات يارىتىپ پاتنېت ھۇقۇقىغا ئېرىشكەن .
    ئۇ كىچىكىدىنلا ھەر قانداق نەرسىگە قىزىقىش نەزىرى بىلەن قارايتتى . بولۇپمۇ ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ، بۇزۇلغان ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق ۋە باشقا ھەر خىل نەرسىلەرنى رېمونت قىلىشقا ، ياساشقا بەكمۇ قىزىقاتتى . لىكىن ، ئۇ دادىسىنىڭ نەزىرىدە بىر «بۇزغۇنچى» ئىدى . مۇھەممەت ئەھمەت مانا مۇشۇنداق كىچىك مودېللارنى ئېلىكترونلۇق ئاددىي قۇرۇلمىلارنى ياساش ، قۇراشتۇرۇش ، رېمونت قىلىش بىلەن بىلەن خۇشاللىققا ئېرىشەتتى . بەزى چاغلاردا ئۇ ئۆيدىكى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قەستەن چۇۋۇپ كۆرەتتى . شۇنداق بولسىمۇ دادىسى ئۇنىڭ بۇ خىل قىزىقىشلىرىغا يول قۇياتتى . مۇھەممەتمۇ بىلمىگە ن جايلىرىنى دادىسىدىن سوراپ بىلىۋالىدىغان بولدى . ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللقىغا قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىنمۇ ئۆگىنىشتىن كۆرە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە بەكمۇ قىزىقاتتى . شۇڭا باشلانغۇچنىڭ 1- يىللقىدا ئىككى يىل ئوقۇدى . ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 -يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەكتەپ پەن – تېخنىكا كۇرۇژۇكىغا ئاكتىپ قاتناشتى . بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشىغا ، ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولدى .
    بىر كۈنى مۇھەممەت شاتىراشخانىغا چاچ ئالدۇرغىلى كېلىدۇ . ساتىراش ئۇستام بىرەيلەننىڭ چېچىنى چۈشۈرۋاتقانىدى . ئۇستىرا يۈزىگە چاپلىشىۋالغان تۈكلەرنى قولى بىلەن سىيرىپ چۈشۈرۋېدى ، قولى كىسىلىپ كەتتى . بۇ ئىشنى كۆرگەن مۇھەممەتنىڭ كاللىسىغا دەرھال «ئۇستىرىنى قولنى كىسىۋەتمەيدىغان قىلىپ ياسىغىلى بولماسمۇ ؟» دېگەن خىيال كاللىسىغا كېلىدۇ . ئۇ مۇشۇ مەسلىنى ئۇزاق ئويلىندۇ . بىر كۈنى ئۇنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ ئەينەك سۈرتۈش ئۈسكۈنىسى كېلىدۇ . ئۇ مۇش خىل قۇرۇلمىدىن ئىلھاملىنىپ ئۇستا يۈزىگە ماشىنىنڭ ئەينەك سۈتكۈچىسىگە ئوخشاش بىر قۇرۇلما ئورنىتىلسا ، ساتىراش ئۇستام ئۇستىرىنىڭ مەلۇم يېرىدىكى بىر كۇنۇپكىنى باسسىلا ئۇستىرا يۈزىدىكى تۈكلەر سىيرىلىپ چۈشۈپ چۈشۈپ كەتسە نىمىدىگەن قولايلىق – ھە ؟« دەپ ئويلايدۇ . قايتا -قايتا لاھىيلەش ، ئۆزگەرتىش سىناق قىلىش ئارقىلىق 2002-يىلى قولايلىق ئۇستىرىنى ياساپ چىقىدۇ ھەمدە شۇ يىلى 7 – ئايدا بۇ كەشپىياتنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق پاتنىت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى ئارقىلىق دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىگە يوللاپ 2003-يىلى 4- ئايدا پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ .
    پاتنېت ھوقۇقى نۇمۇرى :ZL 02230876.8
    گۇۋاھنامە نۇمۇرى : 557089
    بۇ خىل ئۇستىرا بىخەتەر ، ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ مەشغۇلات ئادىتىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .
    سىگىنال بېرىدىغان جۈمەك
    ئۇ دائىم كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن قىش كۈنلىرى تراكـتورنىڭ سۈيى توڭلاپ قېلىپ سۇ قاچىلاش تۇڭى (شۈيشىياڭ) نى يېرىۋېتىپ كىشىلەرگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۇ سۇ توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈسكۈنىسى ياساش قارارىغا كېلىدۇ .مۇھەممەت سۇ توڭلاشقا ئاز قالغاندا سۇ تۇرۇبىسى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ سۇ يەرگە چۈشۈپ كىتىغان قۇرۇلمىنى ياسايدۇ . لىكىن ، تراكـــــــــــــــتورلاردا بولۇپمۇ قول تـراكتـــــــــورلىرىدا
    ئاككومولىياتور بولمىغاچقا ، بۇ خىل قۇرۇلما كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدىۇ . ئۇ قايتا -قايتا ئۆزگـــــــــــــەرتىش ئارقىلىق سۇ توڭىدىكى سۇ توڭلاشقا ئاز قالغاندا سېگنال بېرىدىغان ئۈسكۈنىنى ياساپ چىقىدۇ ھەمدە 2003 – يىلى 2 -ئاينىڭ 19 – كۈنى دۆلەتلىك پاتنېت ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتنېت ھۇقۇقىغا ئېرىشىدۇ .
    پاتنېت ھۇقۇقى نۇمۇرى : zl 02230960.8
    گۇۋاھنامە نۇمۇرى :538704
    قوش پاترون (قوش دېڭتو)
    بۇ خىل پاترون نىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، بۇنىڭغا ھەم بۇرمىلىق لامپۇچكا ، ھەم ئىلمەكلىك لامپۇچكا سالغىلى بولىدۇ . ھەر بىر لامپۇچكىنىڭ باشقۇرغۇچى ۋېكليۇچاتېلى بار . ھەر ئىككى يېنىدا چاتقۇچ تۆشۈك (ساكو) لۇق توك مەنبە ئورنىتىلغان . بۇ كەشپىيات 2003 -يىلى 2- ئاينىڭ 19 – كۈنى پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن
    پاتنېت ھۇقۇقى نۇمۇرى : ZL 02230877.6
    گۇۋاھنامە نۇمۇرى :539510
    ئۇ تېخى ئوقۇغۇچى . ئۇ سانسىز قېتىملاپ تەجىرىبە قىلىش ، سىناق قىلىش ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردى .5000 يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سەرپ قىلدى . ئۇنڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ كەشپىياتلارنى يارىتىپ تەڭتۇشلىرى ۋە زامانداشلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىشىگە تىلەكداشمىز .

    ئۇيغۇر تارىخىي كەشپىياتلىرى

    قەغەز

    تۇرپان بىزەكلىك ئەتراپى ۋە يىپەك يولى بويلىرىدىكى باشقا شەھەرلەردىن تېپىلغان قەغەز بۇيۇملارنىڭ يىل دەۋرى جۇڭگۇ قەغەزنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سەيلۇن دىگەن كىشى كەشىپ قىلغان دىگەن دەۋىردىن تۇپ – توغرا 400 يىل بۇرۇندۇر.

    مەتبە

    مىخ مەتبە : جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى 1992.يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم – پەن كومتىتىغا دۈنخۇاڭدا پاكىت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن 6 دانە مىخ مەتبە ھەرپى قەدىمكى ئۇيغۇر ھەرپلىرى ئىكەنلىكى ئالىملار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان.

    كومپاس

    تۈركولوگلا ر، كومپاس ئەمىلىيەتتە يىپەك يولى مەركىزىدە سودا قىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇر كارۋانلىرىنىڭ تەكلىماكان چۆلىدە يولدىن ئېزىپ قالماسلىق ئىھتىياجى سەۋەبىدىن كەشىپ قىلىنغان دەپ قارىماقتا.

    كاستىيۇم ۋە گالىستۇك

    باي ناھىيسىنىڭ قىزىل مىڭ ئۆي غارلىرىدىكى تام رەسىملىرى ئىچىدە (104.نۇمۇرلۇق رەسىم) گالىستۇك تاقىغان، كاستىيۇم كەيگەن بىر ئادەم تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ، ئىلگىرى نۇرغۇن تۈركولوگلار بۇ رەسىمدىكى ھازىرقى زامان ياۋرۇپا پاسۇنىغا يېقىن قىياپەتتە كىيىنگەن ئادەمنىڭ تۇرقىغا قاراپ، «مىڭ ئۆي رەسىملىرىنى ۋىزانتىيەلىكلەر سىزىپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن» دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنغانىدى. ئەمما، ئومۇر بۇيى تۈركلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان گىرمانىيە ئالىمى ۋون گابائىن خانىم بۇ قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە بۇ خىل كىيىم، بۇ خىل مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلار بارلىققا كەلتۈرگەن. «گالىستۇك» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدىكى« گالغا ئاستۇق» (گالغاستۇق) ۋە «كاستىيۇم» سۆزى كاسغا كىلىدىغان تون، يەنى «كاستون» دېگەن سۆزنىڭ ياۋرۇپا تىللىرىدىكى بۇزۇلغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر، دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىگە ئىتىقات قىلىشقا باشلىغاندىن باشلاپ، كاستىيۇم ۋە گالستۇكنىڭ ئورنىنى ئەرەپلەرنىڭ ئۇزۇن كىيىملىرى ئالغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇمۇملاشقان. يىپەك يولى ئارقىلىق كاستىيۇم ۋە گالىستۇك ياۋرۇپاغا كارۋانلار ئارقىلىق تارقىلىپ مودا بولغان.





    评论

  • مەن كەشپىياتچى ئالىمجاننىڭ شىركىتىدىن بولىمەن، بۇ ۇچۇرلاردا بەزى كوپتۈرۈلمىلەر ، ئاساسى يوق گەپلەمۇ قېتىلىپ قاپتۇ، شۇڭا بېكەت باشلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى ئوچۈرۋېتىشىنى سورايمەن،رەخمەت!
    回复ئىلمىدىن تاھىر说:
    ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت دوستۇم. خالىسىڭىز ھەقىقى ماتىريال بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى.
    2011-07-20 16:00:02
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۈرمەتلىك تور باشقۇرغۇچى، سىزنىڭ نومۇرىڭىزنى ھېچ يەدىن تاپالمىدىم،مۇھىم ئىش باتتى،بولمىسا بىلىدىغانلا دەپ بەرسەڭلار. مېنىڭ نومۇرۇم:18609914731 1362598305 : چ چ
    回复ئىلمىدىن تاھىر说:
    مىنىڭ نۇمۇرۇم: 13399031416
    2011-08-15 16:34:31
  • بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنمىز
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68