
-
10. ئۆلۈك نەرسىلەرنى تىرىلدۇرۈش _cat}
ئۆلۈك نەرسىلەرنى تىرىلدۇرۈش ئۇلارنى تۇنجى قاتىم يوقتىن بارلىققا كەلتۇرۇپ ياراتقان اللھ قا زادىلا قىيىن ئىش ئەمەس. اللھ مەخلۇقاتلارنى ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغانلقىنى ۋە ئۇنىڭغا تامامەن قادىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنى دەستلەپىدە قانداق قىلىپ يوقتىن بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ شۇنداق دەيدۇ: «مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كىيىن) تىرىلدۈردىغان اللھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) اللھ قا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زىمىندا ئەڭ ئالىي سىفەت پەقەت اللھ قا خاستۇر، اللھ غالىپتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» (سۈرە رۇم 27- ئايەت).
قۇرئان كەرىم تىرىلشنىڭ مۇمكىن ۋە مۇقەررەرلىكىگە بۇ ئالەمدىكى ئاسمان ۋ زىمنىدىن ئىبارەت زور جىسىملارنىڭ يارىتىلغانلىقنى دەلىل قىلىدۇ : «ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ياراتقان زات ئولارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، اللھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر. ھەممىنى بىلگۈچىدۇر». (سۈرە ياسىن 81- ئايەت). ئىنسانلار قەبرىلىرىدىن تىرىلىپ قوپقاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئادىل تارازىغا سېلىنپ ئنچىكە ھىساپ ئېلىنىدۇ: «بۇگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۇگۈن زۇلۇم يۇقتۇر، اللھ ھەقىقەتەن تىز ھىساپ ئالغۇچىدۇر». (سۈرە غافىر 17- ئايەت). «قىيامەت كۈنىسى بىز ئادالەت تارازىسى ئورنىتىمىز، ھىچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمىلى بولسا ئۇنى ھازىر قىلىمىز، ھىساپ ئېلىشقا بىز يىتەرلىكمىز». (سۈرە ئەنبىيا 47- ئايەت). ئاندىن بەندىلەر بەخىتلىكلەر ۋە بەخىتسىزلەردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: «بەدبەختلەرگە كەلسەڭ، ئۇلار دەۋزەخكە كىرىدۇ. ئۇلار دەۋزەختە توۋلاپ نالە – پەرياد چېكىدۇ. ئۇلار دەۋزەختە پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە تۇرىۋىرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە خالىغىننى قىلىغۇچىدۇر. سائادەتمەنلەرگە كەلسەڭ ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتتە پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە تۇرىۋىرىدۇ، (بۇ ئۇلارغا قىلنغان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنئامدۇر)». (سۈرە ھۇد 106- 108 ئايەت).
* * *
جەننەت – اللھ مۇئمىن ۋە سالىھ بەندىلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن تەييارلىغان يۇرت، اللھ جەننەتتە ماددىي ۋە مەئنەۋىي نىئمەتلەرنىڭ ھەر ئىككىلاسىنى ھازىرلىدى. قۇددۇسىي ھەدىس تە مۇنداق دىيىلگەن: «مەن ياخشى بەندىلىرىمگە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ھىچبىر ئىنساننىڭ دىلىغا كىچىپ باقمىغان نىئمەتلەرنى تەييارلىدىم». قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن اللھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خوشال قىلىدىغان كاتتا نىئمەتنى ھىچكىم بىلمەيدۇ». (سۈرە سەجدە 17- ئايەت).
جەننەت يۇرتىدىكى ھايات رىئال ھاياتتۇر، جەننەتنىڭ نىئمەتلىرى ئىنسان تەسەۋۋۇرى ئاجىز كىلىدىغان نىئمەتلەر بولۇپ ئۇ نوقۇل مەئنەۋىي نىئمەت ياكى نوقۇل ماددىي نىئمەتمۇ ئەمەس بەلكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىكمىسىدۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىمۇ تۈگەل روھ ياكى ماددادىن پۈتكەن بولماستىن ئەكسىچە ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىكمىسىدۇر. ئاخىرەتتىكى ئىنسان دۇنيادىكى ئىنساندىن بىر قىسىم تەرەپلەردە پەرقلەنسىمۇ ئۇ يەنىلا مۇشۇ دۇنيادىكى ئىنساننىڭ كىڭەيگەن ھالىتىدىن ئىبارەت، خالاس. شۇڭلاشقا جەننەتتە مىۋىلەرنىڭ، گۆشلەرنىڭ، ئۇچار قاناتلارنىڭ ۋە شەھلا كۆزلۈك قىزلارنىڭ بولىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس: «اللھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) اللھنىڭ رازىلىقى (جەننەتنىڭ نىئمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەخىتتۇر». (سۈرە تەۋبە 72- ئايەت ).
دەۋزەخ – اللھ ئۆزىنىڭ جىنايەتكار بەندىلىرىنى جازالاش ئۈچۈن تەييارلىغان كاتتا جازا لاگىرى. دەۋزەخ ئازابىمۇ ماددىي ۋە مەئنەۋىي ئازاپتىن تەركىب تاپقان. دەۋزەختىكى ماددىي ئازاپنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بۇ ئايەتتىن كۆرەلەيمىز: «شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دەۋزەخكە كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تىرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تىرە يەڭگۈشلەيمىز. اللھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھىكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». ( سۈرە نىسا 56- ئايەت ). بۇ يەردىكى مەئنەۋىي ئازاپ اللھنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتتە دىگىنىدەك، ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىش ۋە خارلاشتىن ئىبارەت: «جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كىتشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار». (سۈرە مۇئمىنۇن 108- ئايەت).历史上的今天:
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن 2009-02-05ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام 2009-02-05بلوگ ئەسكەرت مىسى 2009-02-05ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك 2009-02-05
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى