سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   9. ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھىكايىسى _cat}

    ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھىكايىسى مۇشۇ دۇنيادىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ ئىنسان ئانىدىن تۇغۇلۇپ، زىمىن يۇتۇپ ئۆتىۋەرسە ئىنسانغا ھىچ ئىش بولمامدۇ؟ ياكى اللھ قۇرئاندا كاپىرلار ئىغىزىدىن ئەيتقان: «بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلۈمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز» (سۈرە مۇئمىنۇن 37- ئايەت) دىگىنىدەك بولامدۇ؟
    ئۇنداق بولسا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئىنسان ئېڭىنى قاپلاپ كەتكەن – ئىنسان مۇشۇ قىسقىغىنا مۇددەت ئۈچۈن يارىتىلمىغان دېگەن بىۋاسىتە ئىچكى سېزىمنىڭ سىرى نىمە؟ ئىنساننىڭ ئۆزىنى دۇنيادا بىر غەرىب ياكى يولۇچىدەك، ياكى ئۆزىنىڭ داۋاملىق تۇرىدىغان ئۆيىگە كېتىدىغان بىرمېھماندەك ھىس قىلىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
    ئالىم مۇھەممەد ئەبدۇھ ھەزرەتلىرى مۇنداق دەيدۇ: «ئاز بىر تۈركۈم تۇتامغا چىقمايدىغان، ئالىم نامىدىكى دىلى كور ئىنسانلاردىن باشقا مەيلى مۇۋەھھىد (خۇدانى بىر بىلگۈچى) بولسۇن ياكى بۇتپەرەس بولسۇن، مەيلى پەيلاسوپلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساندىكى جان (روھ) نىڭ بەدەندىن ئايرىلغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا مەۋجۇت بولىدىغانلىقىغا، ئۆلۈم بولسا روھنىڭ بىر تۈرلۈك يوشۇرۇنلۇققا ئۆتۈش باسقۇچى ئىكەنلىكىگە قارىتا بىردەك تونۇشقا ئىگە؛ گەرچە ئۇلار روھنى ئىسپاتلاپ چىقىشتا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلارنى چىقىش قىلسمۇ. ئىسلام دىنىدىكى روھ قارىشىدىن باشقا قاراشتىكى كىشلەردىن بەزىلەر ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ روھىدا داۋاملىق بىرخىل ھالەتتىن يەنە بىر خىل ھالەتكە كۆچۈش (يەنى سانسارا – روھ كۆچۈمى جەريانى) مەۋجۇت دەپ قارىدى. يەنە بەزىلەر روھنىڭ بىر خىل ھالەتتىن يەنە بىر خىل ھالەتكە ئۈزلۈكسىز كۆچۈۋىرىشى نەتىجىسىدە روھ ئەڭ يۇقىرى كامالەت – نىرۋانا دەرىجىسىگە يىتىدۇ، – دەپ قارىدى. يەنە بەزىلەر: روھ ئۆزى بىلەن بىرگە تەندىكى ماددىي ھوزۇر ياكى ماددىي كۈلپەتنى ئېلىپ، جەسەتتىن ئايرىلىپ ماددىسىز، ساپ روھىي ھالەتكە قايتىدۇ، دەپ قارىدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، روھ تەندىن ئايرىلغاندىن كىيىن تەبىئەتتىكى ئەڭ نازۇك، ئېفىرسىمان (يەنى ئۇچۇچان، گازسىمان) جىسىملارغا قوشۇلۇپ كىتىدۇ، دەپ قارىدى».
    ئالىم، نادان، ياۋايى، مەدەنىي، شەھەرلىك، سەھرالىق، قەدىمكى، ھازىرقى بارلىق ئىنسان كۆڭۈللىرىدە تۇغۇلۇپ تۇرىدىغان، بۇ ھاياتتىن كىيىن يەنە بىر ھاياتنىڭ بارلىقىغا باغلىنىپ كەتكەن بۇ سېزىمنى ئەقلدىن ئېزىش ياكى گۇمانىي مايىللىق دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ، پەقەت ئىنسانلارغىلا خاس بولغان، خۇددى ئىنسانغا دۇنيادىكى ياشاش تايانچىنىڭ ئەقىل ۋە فىكر قۇۋۋىتى ئىكەنلىكى ئىلھام قىلىنغىنى كەبى ئىلھام قىلىنىدىغان تەبىئىي روھى ئىلھامدۇر. گەرچە ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى ئىتراپ قىلمىسىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشى بۇ ھەقىقەتنى يوققا چىقىرالمايدۇ. تەبىئى ئاڭنىڭ ئىنكاسىنى دىل قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەر بۇ قىسقا ئۆمۈرنىڭ ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش باسقۇچى ئەمەس بەلكى ئىنسان روھىنىڭ جەسەتتىن كىيىم سالدۇرۋالغاندەك سالدۇرۋىلىنىدىغانلىقنى، ئاندىن ماھىيىتى نامەئلۇم بىر باسقۇچتا مەڭگۈ تىرىك تۇرىدىغانلىقىنى ئەقىل ئىلھامى ئارقىلىق سىزەلەيدۇ. بۇ خىل ئىلھام ئۆزىنىڭ ئېنقلىقى ۋە روشەنلىكىدە خۇددى دەلىللەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئاددى تۇرمۇش ھەقىقىتىگە ئوخشايدۇ.
    ھەرقانداق كۆڭۈل ئۆزىنىڭ قامالسىز يولدىن چەكسىز مەلۇمات قوبۇل قىلىش، چەكسىز ھوزۇرغا تەلپۈنۈپ بىر ئارزۇدا توختىماسلىق پىسخىكىسى بىلەن يارىتىلغانلىقنى سىزىپ تۇرىدۇ.
    بۇ ھاياتلىق قاينىمىنىڭ بۇنداقلا ئاياغلىشىشى قانداقمۇ ئەقىلگە سىغىدۇ؟ بۇ ھاياتتا بۇلاڭچىلار بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلار ئوغرىلىق، قاتىللار قاتىللىق، تاجاۋۇزچىلار تاجاۋۇزچىلىق، زوراۋانلار زالىملىق قىلىپ ئۆتكەن، ھەمدە ئېزىلگەنلەردىن ھىچبىرى ئۇلاردىن ئىنتىقامىنى ئالالمىغان، ئۇلار بىردە قېچىپ قۇتۇلغان، بىردە دەئۋاگەرلەرنى كۈچ ۋە بېسىم بىلەن بۇيسۇندۇرۇپ، ئۆزرەزىللىكلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدىغان تۇرسا.
    يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلغان، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە قۇربانلارنى بەرگەن، ئەمما نامسىز قەھرىمان بولغانلىقتىن قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىپ، بەرگەن قۇربانلىقلىرىغا يارىشا مۇكاپات ئالالمىغان كۆپلىگەن ياخشى كىشىلەر ئۆتكەن تۇرسا.
    خۇددى شۇنىڭدەك، دۇنيادا نۇرغۇن ئەزىمەتلەر كىشىلەرنى ھەقىقەتكە چاقىرغان ۋە ئۇنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن زومىگەرلەرنىڭ قىين – قىستاقلىرى، توسقۇنلۇقى، زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، ئىللىق يۇرتىدىن، ئانا ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، ئەكىسچە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بەھۇزۇر ياشاپ ئۆتكەن تۇرسا.
    ئىلاھنىڭ ئادالىتىگە ئىشىنىدىغان بىر ئەقىل قانداقمۇ يەنە بىر ئادالەت دۇنياسىنڭ بارلىققا كەلمەسلىكىنى ئۆزىگە سىغدۇرالار؟ ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ بۇ دۇنيادىلا تۈگەپ كىتشىنى ئىلاھنىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىدىغان بىر ئەقىل زادىلا سىغدۇرالمايدۇ. بەلكى ئەقىل زالىملار تىگىشلىك ئەدەبىنى يەيدىغان، ياخشىلار تىگىشلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان يەنە بىر ھەققانىيەت دۇنياسىنىڭ بارلىققا كىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدۇ. مانا بۇ، ئاسمانلار ۋە زىمنىدىكى ھەر بىر زەررىچىلەرگىچە ئومۇملاشقان چەكسىز ھىكمەتنىڭ ئنكاسىدۇر. اللھ ئەيتتى: «ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اللھنىڭ مۈلكىدۇر» (سۈرە نەجىم 31- ئايەت). «ئاسمانلارنى، زىمننى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق. بۇلارنى بىز ھەق ياراتتۇق ۋە لىكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ. باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ (ھىساۋى ئۈچۈن) تەيىنلەنگەن ۋاقىتتۇر». (سۈرە دۇخان 38- 40- ئايەت).


    *       *        *





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى