
-
11. ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى _cat}
ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
يارقىن ئەقىدە
ئىسلام ئەقىدىسى كەڭ، چۈشىنىشلىك، ئېنىق ئەقىدە بولۇپ ئۇنىڭدا ھىچ قانداق چىگىشلىك، مۇجمەللىك، مۇرەككەپلىك يوق. بۇ ئەقىدىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: بۇ ئاجايىپ پۇختا سېستىمىلىق ئالەمنىڭ كەينىدە ئۇنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئالەمدىكى ھەممە نەرسىگە ئۆلچەم بەلگىلىگەن بىر پەرۋەردىگار بار بولۇپ، ئۇنىڭ شىرىكى يوق، تەڭدىشى يوق، ئايالى يوق، بالىسى يوق. «ئۇلار (يەنى يەھۇدىلار، ناسارالار، مۇشرىكلار): اللھنىڭ بالىسى بار دەيدۇ، اللھ ئۇلارنىڭ (گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن) پاكتۇر، ئۇنداق ئەمەس، ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اللھنىڭىدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر». (سۈرە بەقەر 116- ئايەت).
شۇنداقلا بۇ ئەقىدە ئىدىيىدىن ئۆتىدىغان ئەقىدە. چۈنكى ئەقىل ھەر دائىم كۆپ خىللىق ۋە رەڭگارەڭلىك ئارقىسىدىكى بىرلىك ۋە باغلىنىشنى ئىزدەيدۇ ۋە ھەممە نەرسىلەرنى بىر ئاساستا چۈشەنمەكچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئەقىدىسىدە خىرىستىئان ۋە كاتولىك دىنلىرىدىكى «ئۈچ خۇدالىق» ۋە «ئىككى خۇدالىق» ئەقىدىلىرىدىكىدەك ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. شۇنداقلا غەيرى دىندىكىلەردە تارىخى سۆزگە ئايلىنىپ كەتكەن «چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىتىقاد قىل» دېگەن قائىدىگە تايىنىۋالىدىغان چۈشنىكسىزلىك ۋە مۈجمەللىكلەر يوق历史上的今天:
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن 2009-02-05ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام 2009-02-05بلوگ ئەسكەرت مىسى 2009-02-05ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك 2009-02-05
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى
评论