سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   6. اللھ نىڭ تەڭداشسىزلىغى ۋە ھەممە جەھەتتە مۇكەممەللىكى _cat}

    اللھ نىڭ تەڭداشسىزلىغى ۋە ھەممە جەھەتتە مۇكەممەللىكى



    اللھنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە اللھنىڭ ئۆز زاتىغا لايىق رەۋىشتە پۈتكۈل كامالەت بىلەن سىفەتلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىش لازىم. اللھ ھەر قانداق كەمچىلىكتىن پاكتۇر، «اللھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھىچ كىشى اللھقا تەڭداش بولالمايدۇ». (سۈرە ئىخلاس 3- 4- ئايەت). «(ئۇلار) پىرئەۋىننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (اللھنىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟». (سۈرە شۇرا 11- ئايەت ).
    بۇ ئاجايىپ ئالەم ۋە ئۇنىڭدىكى پۇختا لايىھە، سېستىمىلار اللھنىڭ تەڭداشسىزلىقىغا ئىسپات بولالايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئى ئېڭىمۇ اللھنىڭ تەڭداشسىزلىقىنى ھىس قىلالايدۇ. اللھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە دوستلىرى (مۇئمىنلەر) ۋە باشقا ئەقىل ئىگىلىرى اللھنىڭ مۇكەممەل، ھەر تەرەپتىىن تەڭداشسىز ئىكەنلىكىگە گۇۋالىق بەردى: «ئۇلار ئولتۇرغاندىمۇ ياتقاندىمۇ اللھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا فىكر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن». (سۈرە ئال ئىمران 191- ئايەت).
    ئىسلامدىكى ئىلاھ ئارسىتوتىل دەۋالغان «تۇنجى تۈرتكە» ۋە «تۇنجى ئامىل» ئىلاھىدەك، بۇ ئالەمدىن ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق، جانسىز نەرسلەردىن ئايرىۋىتىلگەن ئەمەس. ئارسىتوتىل ئۆز قارىشىدىكى ئىلاھنى ئۇنىڭ پائالىيىتى يوق، تەسىرىمۇ يوق،ئۇ، دۇنيانى باشقۇرمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرمايدۇ، دېگەندەك بارلىق سەلبى سىفەتلەر بىلەن سىفەتلىگەن ئىدى. ئارستوتىل پەلسەپىسى تەسۋىرلىگەن بۇ ئاتالمىش ئىلاھ ئەمەلىيەتتە ئۆزىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان، ئالەمدە بولمىش ئىشلار بىلەن چاتىقى يوق بىر ئىلاھدۇر. ئارسىتوتىل ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرنىڭ ئىلاھ توغرىلىق دەيدىغان گەپلىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: «بۇ ئىلاھ سۇبىستانسىيە (جەۋھەر – ئەسلىي مەنبە)مۇ ئەمەس،ئاكسىدىنسىيە (ھادىسە)مۇ ئەمەس، ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىمۇ، ئاخىرلىشىش نۇقتىسىمۇ يوق. ئۇ بىر پۈتۈن گەۋدىمۇ ئەمەس ياكى گەۋدىنىڭ بىر بۆلىكىمۇ ئەمەس، ئۇ ئالەمنىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەس، تېشىدىمۇ ئەمەس، ئالەم بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس، مۇناسىۋەتسىزمۇ ئەمەس ...» بۇنداق تۇترۇقسىز سىفەتلەر ئىلاھنى ئۇنىڭدىن قورقىلىدىغان ۋە ئارزۇلىنىدىغان قىلمايدۇ، ھەم ئىنسانلارنى ئۆز ئىلاھىغا ئۇنىڭ نازارىتىدىن ھېيىقىدىغان، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە تەۋەككۈل قىلىدىغان، جازاسىدىن قورقۇپ مۇھەببەت باغلايدىغان مۇستەھكەم بىر رەۋىشتە باغلىيالمايدۇ.
    بىر چاغلاردا  يۇنان پەلسەپىسىدىن ئورۇن ئالغان، ھازىر غەرپ پەلسەپىسى تەركىبىگە كىرگەن، ئالەمدىن چەتنىتىلگەن بۇ ئىلاھنى ئىسلام تونۇمايدۇ. ئىسلام تونۇيدىغان ئىلاھ بولسا ھەممە نەرسىنى ياراتقاندۇر، ھەممە جانلىققا رىزىق بەرگۈچىدۇر، ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى تەلتۆكۈس بىلگۈچىدۇر، ھەممە نەرسىنىڭ سانىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ رەھمىتى ھەممە شەيئىگە ئورتاقتۇر، ھەممىنى يارىتپ بىجىرىم قىلغان ۋە ئۇلارغا پايدىلىق نەرسىلەرنى تەقدىر قىلغان، پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆرسەتكەندۇر. ئۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاڭلاپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە: «اللھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىغانلىقىنى بىلمەمسەن ؟ ئۈچ ئادەم پىچرلىشىدىكەن اللھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن اللھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن اللھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى اللھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ. اللھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر». (سۈرە مۇجادىلە 7- ئايەت). اللھنىڭ بىلىشى ۋە بارچىدىن خەبەردارلىقى ھەر قاچان بەندىلەر بىلەن بىرگىدۇر. اللھ بۇ ھەقتە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «اللھ ئاسمانلارنى ۋە زىمننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. اللھ زىمىنغا كىرىپ كىتىدىغان نەرسىلەرنى، زىمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار اللھ سىلەر بىلەن بىرگە، اللھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر». (سۈرە ھەدىد 4- ئايەت).





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى