
-
5. اللھ تائالا پەقەت بىر ئىلاھتۇر _cat}
اللھ تائالا پەقەت بىر ئىلاھتۇر
ھەقىقەتەن اللھ يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنىڭ شىرىكى يوق. ماھىيەت، سىفەت جەھەتتە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق: «ئەيتقىنكى ئۇ اللھ بىردۇر، ھەممە اللھغا مۇھتاجدۇر، اللھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھىچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ». (سۈرە ئىخلاس 1- 4 ئايەت). «سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىرئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ناھايىتى شەفەقەتلىكتۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر». (سۈرە بەقەرە 163- ئايەت). ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر ۋە پۇختىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈزۈملەر ئۇنىڭ ئىجادچىسىنڭ بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ ئالەمدىكى شەيئىلەرنىڭ ئىجادچىسى بىرقانچە بولغان بولسا، ئالەم تۈزۈلمىسىدە بىردەكلىك بولمىغان، بۈگۈنكى تەرتىب – ئىنتىزامدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىغان بولاتتى. اللھ راست ئەيتىدۇر: «ئەگەر ئاسماندا – زىمىندا اللھدىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى (كائىناتنىڭ تەرتىبى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى. ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى اللھ ئۇلارنىڭ سىفەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر». (سۈرە ئەنبىيا 22- ئايەت).
اللھ ئاسمان، زىمندىكى جانلىق – جانسىز پۈتكۈل نەرسىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىنسانغا – ئۇ پىر – ئەۋلىيا، پەيغەمبەر، خانزادە، پادىشاھ بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ – چوقۇنۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقىلار تۈگۈل ئۆزلىرىگە كەلگەن پايدا – زىياننىمۇ چىكىندۈرەلمەيدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيتىنى ئېلىپ ئىيىتساق ئۇ بىر ئىسلام پەيغەمبىرىلا خالاس. قۇرئان ئۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى». (سۈرە ئال ئىمران 144- ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى توغرىلىق پەقەت «مۇھەممەد اللھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دىدى. اللھ ھەقىقەتەن ھەربىر ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ يەككە – يىگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكنى، ئۆزىدىن باشقا ئىبادەت قىلشقا تىگىشلىك ھىچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلىقىنى بىلدۇرۈش مەقسىتىدە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەرلەرمۇ اللھدىن ئوچۇق، روشەن دەلىللەر بىلەن ۋەھيى كەلگەندىن كيىن، بىرەرسىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىنى ئۇلۇغلاشقا، ئۆزىنى ئىلاھ تىكلەشكە بۇيرىغىنى يوق. شۇڭا ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تۈپ مەزمۇنى مۇسۇلمانلار ئارىسدا «تەۋھىد»، «ئىخلاس»، «تەقۋا» كەلىمىسى دەپ تونۇلغان «اللھدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق» دېگەن مۇشۇ ئۇلۇغ شوئارغا يىغىنچاقلانغان.
بۇ شىئار يەرشارى زومىگەرلىرى ۋە جاھالەت پىرلىرىغا قارشىى ئىقىلاب شىئارى، تاش يا دەرەخ يا ئىنسان بولسۇن، قىسقىسى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۈتۈرۈلگەن ھەرقانداق بۇت – سەنەم ۋە ئاتالمىش ئىلاھلارغا قارشى ئىنقىلاپ شىئارىدۇر. «اللھدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق» بۇ شىئار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىنسان قۇلچىلىقى، تەبىئەت قۇلچىلىقىدىن ئوموميۈزلۈك ئازات قىلىدىغان دۇنياۋىي چاقىرىق. بۇ بىر يىڭى يولنىڭ سەرلەۋھەسى. بۇ بىر ھەكىم ياكى پەيلاسوپنىڭ ئىجاد قىلغان يولى ئەمەس. بەلكى قەلبلەر ھۆكۈمى ۋە قانۇنىغا مۇتلەق بوي سونۇشقا تېگىشلىك ئۇلۇغ اللھنىڭ يولىدۇر.
«اللھدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق» بۇ شىئار جەھالەت جەمئىيەتلىرىگە جەڭ ئىلان قىلىدىغان، ئۆز ئەقىدىسى ۋە قانۇنى بىلەن ھەممىدىن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان، ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللەتۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق، يۇرتۋازلىققا ئورۇن بولمىغان، پەقەت اللھقا، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا قاراشلىق بولغان يېڭى بىر جەمئىيەتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدىغان ئالەمشۇمۇل خىتاپنامە.
جاھالەت باشلامچىلىرى ۋە ئازغۇنلۇق ھامىلىرى «اللھدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق» دېگەن چاقىرىقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاجۇ – تەختىنى گۇمران قىلىش، زۇلۇم – ياۋۇزلىقىغا خاتىمە بېرىش، ئۆزلىرىگە قۇل بولۇپ ياشاۋاتقان خەلقلەرگە ئىلھام، ياردەم بەرگۈچى تايانچ ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش يولىدا ھىچنىمىسىنى ئاياشمىدى. ئۇلار مۇئمىنلەرنى اللھنىڭ يولىدىن توسۇپ، ئۇلارغا ھەرخىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلدى. بۇ چاقىرىقنى ئۆزگەرتىۋىتش ئۈچۈن بىر مۇنچىلىغان ساختا ئىلاھلارنى پەيدا قىلىپ، ئادەملەرنى ئۇ نەرسىلەرگە باش ئىگىدىغان، تەئزىم – سەجدە قىلىدىغان قىلىپ قويۇشتى. ئەمما تەۋھىد ئەقىدىسى مۇئمىنلەرنىڭ روھىنى يۈكسەلدۈرگەچكە ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ئىلاھ، يېرىم ئىلاھ، ئۈچ ئىلاھ، ئىلاھنىڭ ئوغلى بار ياكى زىمىندا ئىلاھ چۈشكەن ئورۇن بار دېگەندەك سەپسەتەلەرگە ئورۇن يوق.
ئىنسانغا سەجدە قىلىدىغان، چوقۇنىدىغان باش ئىگىدىغان ياكى ئىنسان ئالدىدا يەر سۆيىدىغان ئادەم ئىنسان قاتارىدا سانالمايدۇ. مانا بۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى باراۋەرلىك ئاساسى، ھەقىقى ئەركىنلىك مەنبەسى، ئىنساننىڭ ھەقىقى ھۆرمەت يىلتىزى. چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچى بىلەن مەبۇد ئارىسىدا قېرىنداشلىق، ئورتاقلىق بولمايدۇ.
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەبەش (بۈگۈنكى ئىفئوپىيە) پادىشاھى نەجاشىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگەندە ئۇ تەختىدە ئولتۇراتتى، ۋەزىر – ۋۇزەرالىرى ۋە پوپلىرى ئۆز ئورنىدا جىمجىت تۇرىشاتتى. قۇرەيىشلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەمر ئىبنى ئاس ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، ئەممار ئۇنىڭ سول تەرىپىدە تۇراتتى، ئۇلار بىز كىرىشتىن ئىلگرى نەجاشىغا: ئۇلار ساڭا تازىم قىلمايدۇ دېگەن ئىكەن. بىز بۇنداق قىلمىغاندىن كىيىن ۋەزىر – ۋۇزەرالار بىزنى: شاھقا سەجدە قىلىڭلار، دەپ ئالدىراتقىلى تۇردى.
جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب قوپۇپ: «اللھدىن باشقىغا سەجدە قىلمايمىز» دېدى.
قاراڭ! بۇ مۇسۇلمانلار قۇرەيىشلەرنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئۆ ز ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ، ئۇشبۇ پادىشاھنىڭ زىمىنىغا كېلىپ ئۇنىڭ قانات ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مۇھاجىرلار بولسىمۇ لىكىن ئۇلار اللھدىن باشقىغا باش ئۇرۇشتەك ئۆز ئەقىدىسىگە خىلاپ ئىشنى قىلىشقا ئۇنىمىدى. جەئفەر ھەربىر مۇسۇلماننىڭ شوئارى بولغان «اللھدىن باشقىغا سەجدە قىلمايمىز!» دېگەن سۆزنى قىلچە قورقماستىن جاكالىدى.历史上的今天:
يەرشارىدا 24 سائەت ئەزان توختىمايدىكەن 2009-02-05ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام 2009-02-05بلوگ ئەسكەرت مىسى 2009-02-05ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك 2009-02-05
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى