سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   4. اللھ نىڭ بارلىقى _cat}

    اللھ نىڭ بارلىقى



    تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى باشقۇرۇرۇۋاتقان كۈچى چەكسىز بىر سىرتقى كۈچ بولۇپ، ئۇ كۈچنى بەزىلەر «دۇنيا مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى» دەپ ئاتىسا، بەزىلەر «بىرىنچى ئەقىل» دەپ ئاتىدى. يەنە بەزىلەر «تۈنجى تۈرتكە» دەپ ئاتاشتى. قۇرئان كەرىم ۋە ساماۋىي كىتاپلار بولسا ئۇ كۈچنى بارلىق گۈزەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق سىفەتلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان «اللھ» دېگەن ئەرەبچە نام بىلەن ئاتىدى. بۇ چەكسىز ئۇلۇغ ئىلاھىي كۈچنىڭ ماھىيىتى ۋە زاتى ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ بىلىش دائىرىسىنىڭ سىرتىدادۇر. ھالبۇكى ئىنسان ئۆز جانى ۋە ئۆز روھىنىڭ ماھىيىتىنى، ماددىي ئالەم ئەمەلىيەتلىرىدىن توك، ماگىنىتقا ئوخشاش نۇرغۇن نەرسەلەرنىڭ تاشقى تەسىرىنى بىلسىمۇ ماھىيەتتە ئۇلارنى بىۋاستە بىلەلمىگەن تۇرسا، ھەممەدىن يۇقارى، كاتتا اللھنىڭ زاتى ۋە ماھىيەتىنى قانداقمۇ بىلەلىسۇن؟ «ئەنە شۇ اللھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. ئۇ ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، اللھدىن بۆلەك ھىچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر. كۆزلەر اللھنى كۆرمەيدۇ، اللھ كۆزلەرنى كۈرۈپ تۇرىدۇ، اللھ (بەندىلىرىگە) مىھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر». (سۈرە ئەنئام 102-، 103- ئايەتلەر). بۇ ئىلاھ بەلگىلىك بىر گورۇھنىڭ ئىلاھى ئەمەس، شۇنداقلا خاس بىر مىللەتنىڭ ياكى مۇئەييەن بىر رايوننىڭ ئىلاھىمۇ ئەمەس. ھەقىقەتەن ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى» (سۈرە فاتىھە 2 - ئايەت)، «ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» (سۈرە كەھف 14- ئايەت)، «مەشرىقنىىڭ، مەغربنىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» (سۈرە شۇئەرا 28 - ئايەت)، «(ئى مۇھەممەد) ئەيتقىنكى: اللھھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟». (سۈرە ئەنئام 164- ئايەت) – دېگەن ئىلاھتۇر.
    بىز اللھنىڭ ئىلاھىيىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان بىزگە ھىكايە قىلىپ بەرگەن مۇسا ۋە پىرئەۋننىڭ سۆھبىتىگە قۇلاق سالايلى: «پىرئەۋن ئەيتتى: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نىمە؟ مۇسا ئەيتتى : ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زىمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئەگەر سىلەر ھەقىقى ئىشىنىدىغان بولساڭلار. پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: (ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋا تامسىلەر؟ دېدى. مۇسا ئەيتتى: (ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. پىرئەۋن ئېيتتى : سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى مەجنۇندۇر، مۇسا ئەيتتى: (ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار». (سۈرە شۇئەرا 23 - 28 ئايەت).
    قۇرئان كەرىم اللھنىڭ بارلىقىغا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دەلىل كەلتۈرىدۇ. شۇ يوللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئۇ، ئىنسانلارنىڭ دىققەت – نەزەرىنى كائىناتتىكى كائىنات كەينىدە تۇرۇپ ئۇنى ئىدارە قىلىۋاتقان بىر ھىكمەتلىك ياراتقۇچىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان ئالامەتلەرگە قارىتىدۇ. ئۇ ئالامەتلەر بولسا «سەبەب – نەتىجە» پىرىنسىپىغا ئىشىنىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئاتۇقچە پاكىت تەلەپ قىلدۇرمىغان ھالدا يىگانە بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى تەن ئېلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئاپ– ئايدىڭ قانۇنىيەتلەردۇر: «ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننڭ يارىتىلىشىدا، كىچە بىلەن كۈندۇزنىڭ نۆۋەتلىشىشدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كىمىلەردە، اللھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زىمىننى تىرلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگەن تارقىتىۋەتكەن ھايۋانلاردا، شامال يۆنىلىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشلىرىدا، ئاسمان زېمىن ئارىسدا بۇيسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىندىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (اللھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر». (سۈرە بەقەرە 164- ئايەت).
    بۇ كەڭ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولماي مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدىكى سېستمىلارنىڭ ئەتراپلىق بىر لايىھەلىگۈچىسى بولماي مۇمكىن ئەمەس: «ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟». (سۈرە تۇر 35-، 36- ئايەت). «پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىىم؟» دېدى. مۇسا ئەيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە ئۆزىگە مۇناسىپ شەكىل ئاتا قىلدى. (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىغان نەرسىلەرنى كۆرسەتتى». ( سۈرە تاھا 49-، 50- ئايەت).
    قۇرئان ئىنساننىڭ ساغلام تەبىئىي ئاڭىنى قوزغىتىدۇ، ئىنسان شۇ ئاڭ بىلەن بىۋاستە ئۆزىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان، ھەممىدىن ئۇلۇغ، ئەڭ كۈچلۈك بىر پەرۋەردىگارى بارلىقىنى سېزىدۇ: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنغا يۈزلەنگىن، اللھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) اللھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، اللھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ.» (سۈرە رۇم 30 - ئايەت ).
    بۇ ئاڭ كەڭ – كۇشادەلىك، ئويۇن – تاماشا ۋاقىتلارىدا بىلىنمىسىمۇ، قىيىنچىلىق، بەخىتسىزلىك ۋاقىتلارىدا تىزلا ئاشكارا بولىدۇ. بۇنداق چاغدا ئىنساننىڭ يالغان پەردازلىرى تارقاپ، ئۇنىڭدىكى ساپ ۋە چىن بولغان روھىي ھالەت ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشقا باشلايدۇ: «اللھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا يەنى (يەنى كىمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر ئولتۇرغان كىمە (كىشلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كىمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ – تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كىمىدىكىلەر قورشىۋىلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇ بالادىن قۇتۇلدۇرساڭ بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.» (سۈرە يۇنۇس 22- ئايەت).
    بۇ ئاڭ ئىنسان بۇ ئالەمنىڭ مەنبەئى ۋە ياراتقۇچىسى توغرىلىق سوئالغا دۇچ كەلگەندە ئاشكارا بولىدۇ. بۇنداق چاغدا ئىنساننىڭ ئېڭى بۇ سوئالغا «اللھ» دەپ جاۋاپ بېرىشتىن باشقىغا پېتىنالمايدۇ: «ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى ؟ كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ ئۇلار چوقۇم «اللھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (اللھنىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ!» (سۈرە ئەنكەبۇت 61- ئايەت)، «(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئەيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى) كىم ئىدارە قىلىدۇ؟ ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «اللھ» دەيدۇ. ئەيتقىنكى اللھدىن غەيرىگە چوقۇنۇش بىلەن اللھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسلەر؟ (يۇقارقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگارىڭلار ئەنە شۇ اللھدۇر. ھەقىقەتتىن قالسا گۇمراھلىقتىن غەيرى ھىچ نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نىمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كىتىسىلەر؟». (سۈرە يۈنۈس 31-، 32- ئايەت).
    قۇرئان كەرىم اللھغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشنىڭ ئىنسانلارغا نىجاتلىق كىمىسى، اللھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىشەنمەسلىكىنىڭ ئۇلارغا ھالاكەت ۋە يۇقۇلۇش جىلغىسى بولىدىغانلىقىنى ئىنسانىيەتنىڭ بىر قىتىملىق تارىخى ئەمەلىيەتى بىلەن ئىسپاتلاپ، نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كىمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى». (سۈرە ئەئراف64- ئايەت). سالىھ ۋەئۇنىڭ قەۋمى سەمۇدلار توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شۇ ئۆيلىرى (ئادىمزاتتىن) خالى بولۇپ قالدى، اللھنىڭ قۇدرىتىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا چوڭ ئىبرەت بار. (سالىھ بىلەن) ئىمان ئەيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى ئازاپتىن قۇتقۇزدۇق». (سۈرە نەمل 52- 53- ئايەت ).
    اللھ ئۆزىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى توغرىلىق پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسامغا خىتاب قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) شۈبھەسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسباتلايدىغان) نۇرغۇن رەۋشەن مۆئجىزەلەرنى ئالىپ كەلدى (ئۇلار موئجىزەلەرنى ئىنكار قىلدى). ئاسىلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۇئمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى». (رۇم سۈرەسى 47- ئايەت).





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى