سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   7. پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش _cat}

    پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش



    اللھنىڭ بىرلىكىگە، تەڭداشسىزلىقىغا، ھىكمەتدارلىقىغا، رەھمىتىگە، بۇ ئالەمگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا، ئالەمنى باشقۇرىدىغانلىقىغا، ئىنساننى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىغا ئىشنىشنىڭ كەينىدىلا پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش تۇرىدۇ.
    پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ مۇھىم بىر تارمىقى. اللھئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئالەمدىكى نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەندىن كىين، ئۇنى يەنە بەلگىلىك يوللار بىلەن توغرا يولغا يىتەكلەپ كەلدى. بەلكى ھىكمتىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن ئىنسانغا دۇنيادا ياشاش يوللىرىنى كۆرسەتكىنىدەك ئۇنى ئاخىرەتتىكى بەخت – سائادەت يولىغىمۇ باشلىدى. قاغجىراپ كەتكەن زىمننى كۆكەرتىش ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈرگىنىدەك، تەشنالىقتىن ئۆلەر ھالغا يەتكەن قەلب ۋە ئەقىدىلەرگە ھاياتلىق بىغىشلاش ئۈچۈن ئاسماندىن ۋەھى چۈشۈردى.
    بۇ دۇنيالىق ھاياتتا ئىنسانلارنى شەخس ۋە جامائەلەر ئارا بولۇپ تۇرىدىغان تۈرلۈك تۈمەن ھىس – تۇيغۇلار، ئوي – فىكر، كۈچ – قابىلىيەت، ھەرخىل ھەۋەس، مەنپەئەتلەرنىڭ ئارىسىغا تاشلاپ قويۇش ھىكمەت بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز كۆڭۈللىرىدىكى خىلمۇ – خىل ئىنتىلىشلىرىنى توغرا بىر ئىزغا سېلىش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، يۈكسىلىشى، روناق تېپىشغا تۈرتكە بولىدىغان ئەربابلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ھەمدە جەمئىيەتنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن يىتەكچىلىك قىلىدىغان بىر ئىلاھىي قانۇننى چۈشۈرۈش ھىكمەتنىڭ كۈچلۈك تەلەبى ئىدى. بۇ ھىكمەت اللھنىڭ مۆجىزىلەر بىلەن ئەلچى ئەۋەتىشى ئارقىلىق ئورۇندىلاتتى. تەڭداشسىز، ھىكمەتلىك ئىش قىلغۇچى بۈيۈك اللھ ئۆز ھىكمىتى بويىچە ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى توغرا يول بىلەن ئەۋەتتى.
    ۋەھى بىلەن توغرا يولغا باشلاش ھىدايەت دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىدۇر. ھىدايەت دەرىجىلىرى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ.
    1. تۇغما سىزىش ئېڭى: بۇ يەردە ئالىملارنىڭ بىرىدىن : سىز قاچان ئەقىل تاپتىڭىز؟ دەپ سورالغاندا ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى مۇنداق بولغان : مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چىغىمدىلا ئەقىللىق ئىدىم، قورسىقىم ئاچسا ئىمەتتىم، بىر يىرىم ئاغرىسا يىغلايتتىم.
    بۇ تۇغما سىزىش ئېڭى ئىنسانغىلا خاس ئەمەس، ئۇ بارلىق ئالەم شەيئىلىرىدە، چەكلىك ئۆلچەم ۋە مەلۇم مىقدار بىلەن زىمىن ماددىلىرىدىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن تارتىپ تا ئۆز ئوربىتىسىدا رېتىملىق ۋە خاتاسىز ئايلىنىۋاتقان پىلانىتلارغىچە، ئومۇمىي ھايۋانات، ئۇچار قانات، ھەتتا ھاشاراتلارغىچە ئومۇملىشىپ كەتكەندۇر. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھىدايەتتىن ھەرە توغرىسىدا مۇنداق ئىبارە كەلتۈرىلىدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا دەرەخلەرگە ۋە (كىشلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن». (سۈرە نەھل 68- ئايەت ). اللھ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرەكەت قانۇنىيتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «كۈننىڭ ئايغا يېتىۋىلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كىچىنىڭ كۈندۇزدىن ئېشىپ كىتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۇزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ» ( سۈرە ياسىن 40- ئايەت).
    2. ئاڭلاش، كۆرۈش، تېتىش، پۇراشلارغا ئوخشىغان تاشقى سەزگۈلەر ۋە ئاچلىق، تەشنالىق، خۇشاللىق، غەمكىنلىككە ئوخشاش ئىچكى سەزگۈلەر ھىدايىتى: ھىدايەتنىڭ بۇ دەرىجىسى تۇغما ئاڭ ھىدايىتىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ سەزگۈلەر خاتالىقتىن ساقلىنالمىسىمۇ ئۇلاردا بىر تۈرلۈك سېزىم ۋە مەلۇم بايقاش بولىدۇ. ئۇلارنىڭ خاتالىقى تەشنا ئادەم سەرابنى كۆرسە سۇ، دەپ گۇمان قىلغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش.
    3. ئەقىل ھىدايىتى: گەرچە ئەقىل ھۆكۈم قىلىش، يەكۈن چىقىرىش ئىشلىرىدا سەزگۈگە كۆپلەپ تايىنىش بىلەن قىسمەن خاتالىق ھەمدە ئېزىقىشلارغا دۇچ كىلىدىغان بولسىمۇ يەنىلا ئەقىلنىڭ ئورنى سەزگۈدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئەقىل ئۆزىنىڭ يۈكسەك قىممىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن پەرقلىنىشىدىكى تۈپ ئامىل ھىسابلىنىدۇ.
    4. ۋەھى ھىدايىتى: بۇ ھىدايەت ئەقىللەرنىڭ خاتالىقلىرىنى توغرىلاپ بېرىدۇ. سەزگۈلەردىكى گۇمانلارنى يوقىتىدۇ. ئەقىلگە يول كۆرسىتىپ ئۇنى ئۆزى بىۋاستە بىلەلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىشكە يىتەكلەيدۇ. ئەقىللەرنىڭ بىرلىككە كىلىشى پەقەت مۇمكىن بولمايدىغان ئىختىلاپلارنى ئىلمى رەۋىشتە يىشىپ تۈگىتىدۇ. بۇ ھەقتە اللھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا ) ئىدى (كىيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئەيتتى، بەزىسى ئىمان ئەيتماي ئىختىلاپ قىلشتى)، اللھ (مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كۇففارلارنى دەۋزەختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (اللھ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەق كىتاپنى نازىل قىلدى، پەقەت كىتاپ بېرىلگەن كىشىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كىيىن ئۆز – ئارا ھەسەت قىلىشىپ (يەنى كاپىرلار مۇئمىنلەرگە ھەسەت قىلىپ) كىتاپ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. اللھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇئمىنلەرنى ئۇلار (يەنى گۇمراھلار) ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. اللھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ». (سۈرە بەقەر 213-ئايەت). «بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتاپنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، (تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن) تۆمۈر كۈچ – قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار. اللھنى كۆرمەي تۇرۇپ (قوراللارنى ئىشلىتىپ) اللھقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش (مەلۇم قىلش) ئۈچۈن (تۆمۈرنى ياراتتى) اللھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىپتۇر» (سۈرە ھەدىد 25- ئايەت). «اللھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دىگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن، (ئاسىيلىق قىلغۇچلارنى دەۋزەختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، اللھ غالىپتۇر ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (سۈرە نىسا 165- ئايەت) .





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى