
-
بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە _cat}
بالىلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر ئىچىدىن ئالاھىدە چوڭ نېمەت ۋە شەرەپلىك ھەم خەتەرلىك ئامانەتتۇر. بالىلارنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن، دىن، مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق ھەم ياراملىق ئەزىمەتلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ھەر قانداق ئاتا ـ ئانىنىڭ ئۇنىڭدىن باش تارتالمايدىغان ئۇلۇغۋار بۇرچىدۇر. بالىلارنى يوقىرىقىدەك ئەزىمەتلەردىن قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارداپەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش شەرتتۇر. ئېنىقكى، پەزىلەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتلەرنىڭ مەنبىئى دىندۇر. تەربىيە بابىدا دىن ئەڭ يېڭىلمەس ئىلاھىي مەنبەدۇر. بېرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان شەخس قارارسىز شەخستۇر، شۇنداقلا بېرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ــ پەن ـ تېخنىكىدا ۋە باشقا ساھەلەردە قانچىلىك تەرەققى قىلغان، باياشاتلىق، ساپالىق تۇرمۇشتا قانچىلىك ئىلگىرىلىگەن بولۇپ كەتسۇن ــ بەرىبىر مەنىۋىياتتىن مەھرۇم، جاڭگاللىققا ئوخشاش بىر جەمئىيەتتۇر. چۈنكى، ئىلىم ـ پەن ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرى كىشىلەرگە تۇرمۇشتىكى بەزى ئۇڭايلىقلارنى ۋە باياشاتلىقنىڭ ۋاسىتىلىرىنى يارىتىپ بېرەلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارغا پەزىلەت، ئەخلاق ۋە سائادەتنى بېرەلىگىنى يوق. كىشىلەر ھازىرقى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان ئەسىرنى«تەرەققى قىلغان ئەسىر»، «كەشىپىيات ئەسرى» ۋە «كومپىيۇتېر ئەسىرى» دەپ ئاتىسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى «پەزىلەت ئەسىرى» ياكى «سائادەت ئەسىرى» دېيەلمەيدۇ. زامانىمىزدا ئىنسانلاردىكى پەزىلەتلەرنىڭ بارغانسېرى يوقىلىشقا قاراپ كېتىپ بارغانلىقى، ئەخلاقنىڭ پەۋقۇلئاددە ئاجىزلىشىۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك شاقاۋەتلەر ئىچىدە تولغىنىۋاتقانلىقى دېگەنلىرىمىزنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. چۈنكى سائادەتنى پۇل ـ مالنىڭ كۆپ بولۇشى ياكى تۇرمۇشتىكى تېخنىكىلىشىش بېرەلمەيدۇ، بەلكى سائادەتنى ئىمان ـ ئېتىقاد بىلەن كۆڭۈلنىڭ تېچلىقى بېرەلەيدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: «بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» دەيدۇ.
بېرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پەيلاسوپلار، ھەتتا ئادەتتىكى ئاتېستتىك پىكرىدىكى ئىنسانلارمۇ، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىدا، سۇلۇكىدا ۋە باشقا تەرەپلىرىدە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان چوڭقۇر ئىجابىي تەسىرلىرىنى ئىنكار قىلالمىغان. ھەتتا پەيلاسوپلاردىن بەزىسى: «ئەگەر ئاللاھ بولمىغان بولسا ئېدى، ئۇنى يارىتىشقا توغرا كېلەتتى» دېسە، بەزىلىرى: «ئاللاھنىڭ بارلىقىغا شەك قىلامسىلەر؟ ئەگەر ئاللاھ بولمىغان بولسا، ئايالىم ماڭا خىيانەت قىلغان، خىزمەتچىم مېنىڭدىن قولىغا چىققاننى ئوغۇرلىغان بولاتتى» دېگەنىكەن.
بەزىلەر ۋىجدان بولىدىكەن، دىنغا ھاجەت يوق، دەپ جۆيلۈيدۇ. بۇ خاتادۇر. چۈنكى بۇ، ئىلمىي نەزەرىيە بولالمايدۇ، بەلكى ئىلمىي نەزەرىيە ئۇنىڭ زىتتىنى سۆزلەيدۇ. ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىچكى قاتلىمىدا كۆز بىلەن كۆرۈلمەيدىغان، پەقەت ئۆز ئىگىسىلا ھېس قىلىدىغان «ۋىجدان» دەپ ئاتالغان بىر كۈچنىڭ بار ئىكەنلىكى ئېنىق بىر ھەقىقەت. بۇ ۋىجداننىڭ بار بولغانلىقى يېتەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ دىنىي تەربىيە بىلەن كۈچلىنىشكە ئېھتىياجى بولمايدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇ ۋىجدان ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەرەبلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يەرگە كۆمىدىغان، ئاتىلىرىنىڭ خوتۇنلىرىنى خوتۇن قىلىدىغان ۋە باشقا ۋەھشىلىكلەردىن توسالمىغان؟ نېمە ئۈچۈن ئىسلامىيەتتىن كېيىن شۇ ئەرەبلەرنىڭ ئۆزى پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى ئۈچۈن ۋىجدان ۋە ئەخلاق ـ پەزىلەتلەردە ئۆلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىللىرىدا مەڭگۈلۈك مەدھىيىلىنىشكە سازاۋەر بولدى؟ تەبىئىيكى، ۋەھىينىڭ تەربىيىسى ئۇلارنىڭ ئۆلگەن ۋىجدان ۋە قەلبلىرىنى تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ۋە ۋىجدانلىرىنى تەربىيە بىلەن شۇنداق ئۆزگەرتكەن.
دېمەك، خۇددى يامغۇر سۈيى قورغاقچىلىقتىن قۇرۇپ ئۆلگەن زېمىنلەرنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈپ ياشارتقاندەك، دىنىي تەربىيە ئۆلگەن ۋىجدانلارنى ۋە قەلبلەرنى ئىمان نۇرى بىلەن شۇنداق تىرىلدۈرۈپ ياشارتىدۇ. دىنىي تەربىيەنىڭ ھاياتتىكى رولىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەنلەر پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى باشقا دىندىكىلەر، ھەتتا بېرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەرمۇ سۆزلىگەن ۋە بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلالمىغان.
ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى ھېنرى لېنك «ئىمانغا قايتىش» ناملىق ئەسىرىدە بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇنىسى ئېنىقكى، بالىلار خاراكتېر ۋە ئىرسىيەت جەھەتتە بىر ـ بىرىدىن پەرقلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قېنىدىن سىڭىپ كىرگەن ئىرسىيىتى قانچىلىك ياخشى بولۇپ كەتمىسۇن، بەرىبىر ئۇلار ياخشى ئادەت ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىنىشكە مۇھتاجدۇر. ئۇلارغا ياخشى ئادەت، گۈزەل ئەخلاقلارنى سىڭدۈرۈش ئىشى نىزامسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا تەسىر قىلغۇدەك ۋاسىتىلارنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. زامانىمىزدا ئاتىلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيىلەش ئىشىدا قاتتىق قىينىلىۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق. ئۇلار بالىلىرىغا ياخشى ئادەت ۋەگۈزەل ئەخلاقلارنى سىڭدۈرۈش يولىدا باشقىلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە بەكمۇ مۇھتاجدۇر. ئاتىلارنىڭ بۇ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا، ئەقلىي، پىسخىك جەھەتلەردىن ئىزدىنىدىغان بولساق، بۇ ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىدىغان نەرسىنىڭ پەقەت دىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرىمىز. چۈنكى ئاللاھنىڭ بار ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىگە، كىتابلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىدە ياخشى ـ ياماننىڭ سورىقى بولىدىغانلىقىغا بولغان چىن ئىمان ئاتا ـ ئانىلار ئۈچۈن ئەڭ يېڭىلمەس، ئەڭ ئىشەنچلىك ھەل قىلغۇچ بىر ئاساسنى يارىتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار بالىلىرىنىڭ قەلبىگە ياخشى ئادەت ۋە گۈزەل ئەخلاق ـ پەزىلەتلەرنى سىڭدۈرۈش ئىشىدا غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. بۇنداق دىنىي ئاساس بولمايدىكەن، ھېچقانداق ئاتا ـ ئانا بالىلىرىغا توغرا ـ خاتانى، ياخشى ـ ياماننى توغرا شەكىلدە ئۆگىتىپ چىقىشتا نەتىجە ئالالمايدۇ.
بالىلار چوڭىغانسېرى جەمىئىيەت، مەكتەپ، دوستلار ۋە خوشنىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقتىن، ئۆگىنىشى ۋە ئەخلاقلىنىشى زۆرۈر بولغان ياخشى ئادەت ۋە گۈزەل ئەخلاقلاردىن نېسىۋە ئالالمايدۇ. تەربىيە ئەڭ خەتەرلىك ۋە قىيىن بىر مەسئۇلىيەتتۇر. زامانىمىزدا ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتە قىينىلىۋاتقانلىقى ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئەڭ ياخشى شاھىتتۇر. دىن ئىنساننىڭ ئەقلىي ۋە خۇلقىي مۇشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئەڭ يېڭىلمەس مەنبەدۇر. ئاتا ـ ئانىلار، بالىلار ۋە جەمئىيەت ھېچقاچان بۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدۇ.
كىچىكىدىن ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە ياخشى ـ ياماننىڭ تارازىسى دىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بالا ياخشى ئادەت ۋە ئېسىل ئەخلاقلارغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق جەۋھەرنى قازانغان بولىدۇ.
ئىبادەت ئورۇنلىرىدىن ئالىدىغانلىرىمىز قانچىلىك سەۋىيىدە بولمىسۇن، ئىبادەتگاھلىرىغا بېرىشقا داۋام قىلىش، دىنىي ۋەز ـ نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇش بىزنىڭ ياخشى ـ باماننى ـ توغرا ـ خاتانى پەرقلەندۈرەلەيدىغان توغرا بىر ئاساسقا ئىگە بولىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەدەتكاردۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا بولغان ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرىشىمىز ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە رولىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئەخلاقىمىزنى يېتىلدۈرۈشتە يوقىرىقىلارنى ئاتا ـ ئانىلار، جەمئىيەت، خۇسۇسەن بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق دەپ ئىشىنىمىز.
كۆزىمىز ئالدىدا تۇرغان رېئاللىق شۇكى، ئاتا ـ ئانىسى ئىبادەتگاھلىرىغا بارىدىغان بالىلار بىلەن، ئاتا ـ ئانىسى ئىبادەتگاھلىرىغا بارمايدىغان بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئالاھىدە چوڭدۇر. ئاۋۋالقىلار ئۆزلىرىگە گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئون مىڭ كىشى ئۈستىدە ئۆزۈم بېۋاسىتە ئېلىپ بارغان تەھلىل ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ماڭا شۇنداق ئايان بولدىكى، ئىبادەتگاھلىرىغا بېرىپ تۇرىدىغانلار، بارمايدىغانلارغا نىسبەتەن گۈزەل ئەخلاق، ياخشى ئادەت ۋە ئىنساپ ـ ئادالەت جەھەتتە ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ چىقتى.
بالىلارغا ياخشى ئادەت ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى سىڭدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئۇلارنىڭ ئۆگىتىلگەنلەرنى چۈشەنمەستىن قوبۇل قىلىدىغان چاغلىرىدۇر. ئەگەر ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىغا دىنىي تەربىيە بەرمەي ياكى ئىبادەت گاھلىرىغا ئەۋەتمەي ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى چۈشىنىدىغان ياشقا يېتىپ قالسا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى بارلىق ناچارلىقلارنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ ـ دە، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆمرىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى يوقاتقان بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش دەۋرىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. بىزنى ئەجدادلىرىمىزدا بولغان دىيانەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتلەرگە باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە پەقەت دىندۇر. دىندىن باشقىسى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمايدۇ».
يۇقىرىقىلار يالغۈز ھېنرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى بېرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمىغان بولسىمۇ، دىننىڭ ئىنسانلارنى، خۇسۇسەن بالىلارنى گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتلەر دائىرىسىدە ۋەتەن، مىللەتكە پايدىلىق ئەزىمەتلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان يېڭىلمەس بىر ئىرفان مەنبىئى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتالمىغان تەربىيە ۋە پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىردەك پىكرىدۇر.
دىن بىلەن ئەخلاقلىنىشقا چاقىرىدىغانلارنىڭ تولىسى دىننى ھىمايە قىلغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ خۈلقىي، نەپسىي ۋە ئەقلىي مۇشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا دىنغا يۆلىنىشتىن باشقا بېرەر يېڭىلمەس مەنبەنىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرى ھالدا دىنغا قايتىشنى تەرغىپ قىلغۇچىلاردۇر.
ئەمما بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنقى چاغلاردىلا ھەل قىلغان ــ بالىلارنى كىچىكىدىن دىن تەربىيىسى بىلەن يېتىشتۈرۈش، مەسچىتلەرگە، ئاممىۋىي دىنىي سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىش، ئۇلارغا ئۆيگە كىرگەندە رۇخسەت سوراپ، سالام بېرىپ كىرىش قاتارلىق ئەخلاقلارنى ئۆگىتىشنىڭ ئاتا ـ ئانىلار ئۈستىدىكى مۇھىم پەرزلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دېمەك، ئىسلام دىنى بالىلار ئۈچۈن يوقىرىسى ئىماندىن باشلاپ، ئەدناسى يول يۈرگەندە ئاتا ـ ئانىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا مېڭىشقىچە بولغان پۈتۈن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگەتكەن. بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىمىزنىڭ كېپىلى چوقۇم ئىسلام دىنىدۇر!دىنىمىزدا بېكىتىلگەن تەلىماتلارغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىش بىزنىڭ مەڭگۈلۈك سائادەتلەرگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.
____________________________________________
مەنبە :ئىسلام ئاۋازى تور بېتى历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى