
-
نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسى ا .3 _cat}
ئىككىنچى خۇتبە
بارلىق گۈزەل ماختاشلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇستەھكەم شەرىئەت بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھغا خاستۇر، ھەممىدىن غالىپ، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولغان ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، كەرەملىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن . ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە قىيامەتكىچە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، كىمكى تەقۋا بولىدىكەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىدۇ ۋە دۇنيا- ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدۇ.
دىنى قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇتلەق نەپلە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىگەن مەلۇم ۋاقىتلار بولۇپ بۇنى پىقھى ئالىملار چەكلەنگەن ۋاقىت دەپ ئاتايدۇ، بۇ ئۈچ خىل ۋاقىتتىن ئىبارەت؛ بىرىنچى: بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كۈن چېقىپ كۆتۈرۈلگىچە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا مۇتلەق نەپلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ . ئىككىنچى: كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتتىن كۈن غەرپكە ئېگىلگىچە بولغان ئارىلىقتا . ئۈچىنچى: ئەسىر نامىزىدىن كىيىن كۈن پاتقۇچە مۇتلەق نەپلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس، لېكىن بۇ ۋاقىتلاردا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇلىدىغان نەپلە نامازلارنى ئوقۇغۇلى بولىدۇ . مەسىلەن: تاۋاپتىن كىيىن ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەت، مەسچىتكە كىرگەندە ئوقۇيدىغان ئىككى رەكئەت، تاھارەتتىن كىيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكئەت نامازلار ۋە جىنازە نامىزى قاتارلىقلار بولۇپ ئالىملارنىڭ ساغلام كۆز قاراشلىرىدا بۇ نامازلارنى چەكلەنگەن ۋاقىتتىمۇ ئوقۇسا بولىدۇ دېيىلگەن.
ئى مۇسۇلمانلار! كىشىلەر ھازىر دۇنيادا يۈز بىرىۋاتقان، شىركەتلەر ۋەيران بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي كىرزستىن بىئارام بولماقتا، بۇ خاتالىقنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادقا سەل قاراشتىن كېلىپ چىققان، تارىخقا نەزەر سالغان كىشىلەر بۇنى چۈشىنىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ پرىنسىپىنىڭ سىرتىدا تۈزگەن قانۇن- پرىنسىپلىرى ئۇلارنى ھەرگىزمۇ بەختلىك قىلالمايدۇ بەلكى دۇنيا- ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ، بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ پرىنسىپىغا قارشى چىقىپ ئۇلارغا ئۇرۇش ئىلان قىلىپ دۇنيانىڭ پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىنى جازانىخورلۇق پرىنسىپى بىلەن باشقۇرغانلىقنىڭ، دۇنيانى دىندىن يۇقىرى بىلگەنلىكنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدىن يىراق بولغانلىقنىڭ ئاقىۋىتى . ئاللاھ قۇرئان- كەرىمدە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ جازانىنىڭ بەرىكىتىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ بەرىكىتىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر بىر ناشۈكۈر( يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ» . يەنە مۇنداق دەيدۇ:« ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر جازانە قىلىشتىن تەۋبە قىلساڭلار، قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر».
ئى دۇنيا خەلقى! ئاللاھ سىلەرگە ياخشى بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇ پەيغەمبەر سىلەرگە كامىل شەرىئەت ۋە ساغلام ئەقىدە ئىلىپ كەلدى، دىندا مۇستەھكەم تۇرساڭلار سىلەرنىڭ ئىككىلى دۇنيادا بەخت - سائادەتمەن بولۇشىڭلارغا كېپىللىك قىلدى. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دىنىنى تونۇڭلار، پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىڭلار، كۆرسەتكەن پرىنسىپى بويۇنچە ئىش قىلساڭلار، دۇنيا- ئاخىرەتنىڭ خارلىقى- رەسۋالىقىدىن ساقلىنىپ نىجاتلىققا ئېرىشىسىلەر.
ئاللاھ تائالا بىزنى ناھايتى بۈيۈك بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت، ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز. ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن، سىنىڭ سېخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن، ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زۇلمىدىن ساقلىغىن .
ئى ئاللاھ! مۆمىن ئەر ئاياللارنى، مۇسۇلمان ئەر ئاياللارنى، ھايات قالغان ۋە ۋاپات بولغان ئەر ئاياللارنى كەچۈرگىن، مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىغىنى ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن . ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنىڭ غەم - قايغۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىگە شىپالىق بەرگىن، بىزنى سەن ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىگە يامانلىقنى مەقسەت قىلغانلارنى ئۆز جىنى بىلەن مەشغۇل قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھىلە مىكىر باتىللىرىنى تارمار قىلغىن، مۇسۇلمانلارغا ھەقنى چۈشىنىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىدىغان چۈشەنچە ئاتا قىلغىن، بىزنى سەن ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەر بىلەن تائەت- ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن، بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىن دۇنيا ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىن، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن. بىزگە دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىغىنى ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، مۇسۇلمان ياشلىرىنى توغرا تەلىم- تەربىيە ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلشقا، گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن، ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك پىتنە- پاسات ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىغىن .
ئى ھەممىدىن بىھاجەت ۋە ماختالغۇچى ئاللاھ! بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، شەھەرلىرىمىز ۋە تۇپراقلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، بىزنى رەھمەت- مەغپىرىتىڭ بىلەن سۇغارغىن، گۇناھىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگىن، ياشانغان ئاجىزلار، ئورۇقلاپ ھالسىزلانغان چارۋىلار ۋە ئۇششاق بالىلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن .
ئى ئا للاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھنى كۆپ يادىتىڭلار، ئەتتىگەن كەچ تەرەپلەردە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، بىزنىڭ ئاخىرقى تىلىگىمىز بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.历史上的今天:
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى 2009-01-31مۇھەببەت ۋە ۋاقىت 2009-01-31مۇھىم خاتىرە كۇنلەر 2009-01-31چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 2009-01-31خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت 2009-01-31
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى