• bbsxp نىڭ بىخەتەرلىگى توغرىسىدا - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    2008-07-28

    2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى «بىزنىڭ» ئۇيغۇر تور گۇرۇپپىمىز يۈزى گۇرۇپپىسىنىڭ 2007-يىل12-ئاينىڭ25-كۈنى تارقاتقان bbsxp2008 8.0.2 نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتقاندىن بۇيان تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدۇق، كۇلۇبىمىزدا بۇ توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتىدۇ.

    يېقىندىن بۇيان بىز ھەقسىز تارقاتقان يوقارقى نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلاردىن مۇنداق بىر ئىنكاس كەلدى، يەنى بۇ نۇسخىسىنىڭ بىخەتەرلىگىدە مەسىلە بار دىيىلگەن، شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئازراق توختالماقچىمەن. مەسىلە كۆرۈلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك.

    1. ساندان يولىنى ئۆزگەرتىش
    نۇرغۇن تورداشلار ساندان يولىنى ئۆزگەرتمىگەچكە باشقىلار ئاسانلا ئەسلى ئادىرىس بويىچىلا سانداننى چۈشۈرۋېلىپ باشقۇرۇش پارۇلىنى تېپىۋېلىپ خالىغانچە مۇنبەر پىرۇگىراممىسىنى بۇزۇپ ۋە ئۆزگەرتىپ ئاۋارىچىلىق كەلتۈرگەن، بۇ ھەرگىزمۇ مۇنبەر پىرۇگىراممىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، ئىشلەتكۈچىلەر ساندان نامى ۋە ساندان ئادىرىس يولىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشىنى باشقۇرغۇچى پارۇلىغا چوقۇم سان ۋە ھەرپ ئارلاشقان ئۇزۇنراق پارۇل ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    2. قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش

    قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارىدا رەسىم ۋە پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنىلا يوللاشقا بۇلىدۇ، بۇ ئىقتىدار ئادەتتە ئوچۇق بۇلىدۇ، خاككېرلار مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ياغاچ ئاتلىرىنى رەسىم خاسلىققا ئۆزگەرتىپ بوشلۇقىڭىزغا قوشۇمچە ھۆججەت شەكلىدە يوللايدۇ، يوللاپ بولغاندىن كىيىن بوشلۇقىڭىزنى خالىغانچە بۇزۇپ تۈزەيدۇ، شۇڭا بوشلۇقىڭىزنىڭ asp پىرۇگىراممىسىنى چەكلەش ئىقتىدارى بولمىسا بۇ ئىقتىدارنى ئارقا سەھنىدىن ئېتىۋېتىڭ.

    3. ئارقا سەھنىدىكى تەڭشەلمىلەر
    ئارقا سەھنىدىكى ئاساسلىق ئىقتىدارلار جەدىۋىلىنى تولدۇرغاندا خالىغانچە تور بېكەت ئادىرىسىڭىزنى يېزىۋالماڭ، بۇنىڭدا سانداندا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ، بۇلۇپمۇ Cookies ساقلىنىش يولى بىلەن Cookies تور نامى نى تولدۇرماڭ .

    ئەسكەرتىش: كۇلۇپتىكى bbsxp2008 نىڭ بىخەتەرلىگىگە دائىر مەزمۇنلارنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى، تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قۇلايلىق بۇلىشى ئۈچۈن يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇشۇ تىما ئاستىغىلا قالدۇرۇڭ، ئوخشاش مەزمۇننى قايتا قايتا يېڭى تىما ھالەتتە يوللاشنىڭ ھاجىتى يوق.

     


    收藏到:Del.icio.us