• PHPwind6.3.2 دىن Discuz X كە كۆچۈش جەريانى - [تور بەت ياساش]

    2010-06-08

    نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى پروگراممىسىنى كۆرۈپ باشقىچىلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ئىلگىرى تورداشلارنىڭ ئىشلىتىش ئېقىمىغا ئەگىشىپ بىر مەزگىل PHPwind بىلەن ھەپىلەشكەن، ئەمدى ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەپتۇ دەپ قاراپ دەرىجە كۆتۈرۈپ سىناپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا PHPwind6.3.2 نى Discuz X كە ئالماشتۇردۇم، تورداشلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ بۇ تېمىنى تەييارلىدىم.

    1. PHPwind6.3.2 دىن PHPwind7.5  كە كۆچۈش جەريانى

    PHPwind7.5 نىڭ CMS شەكلىدە كۆرسىتىش ئىقتىدارى مېنى قىزىقتۇرۇپ قويغاچقا دەسلەپ PHPwind7.5 كە كۆتۈرۈپ سىناپ باقتىم. جەريانى تۆۋەندىكىدەك:
    ئالدى بىلەن PHPwind6.3.2 نى قاچىلاپ كونا سانداننى يۈكلىۋالدىم مۇۋاپىقىيەتلىك قوزغالغاندىن كىيىن PHPwind7.5 نىڭ دەرىجە كۆتۈرۈش بولىقىنى چۈشۈرۈپ PHPwind6.3.2 نىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ دەرىجە كۆتۈرۈش ھۆججىتىنى ئىجرا قىلدىم، نەتىنجىدە ھېچقانداق توسالغۇسىز دەرىجە كۆتۈرىۋالدىم.
    مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى مۇنۇ بەتتىن چۈشۈرۈڭ: http://www.phpwind.com/index.php?m=download
    مەن ئىشلەتكىنى phpwind v7.5sp3 社区软件 نىڭ 升级包:简体 UTF8

    2.كونا PHPwind7.5 دىن Discuz X كە كۆچۈش جەريانى
    بۇ ئىككىسى ئىككى پروگرامما بولغاچقا سانداننى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى 1-باسقۇچتىكى دەرىجە كۆتۈرۈشكە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا تكۋەندىكى تەييارلىقلارنى ئىشلەيسىز.
    چوقۇم ھەر ئىككى پروگراممىنى قاچىلايسىز، PHPwind7.5 كە ئالدىنقى باسقۇچتىكىنى ئىشلەتسىڭىز كۇپايە، ئەمدى سىز Discuz X نى قاچىلىشىڭىز كېرەك، مەسلەن:   http://localhost/DzX      http://localhost/pw75  مۇشۇنداق.

    ئەمىسە سانداننى ئالماشتۇرۇشنى باشلايلى
    ئاۋال PHPwind7.5 دىن Discuz X كە كۆچۈش پروگراممىسىنى مۇنۇ بەتتىن چۈشۈرۈپ   http://www.discuz.net/thread-1662192-1-1.html
    يەشكەندىن كىيىن PW7.5 قاچىلانغان مۇندەرىجىگە كۆچۈرىسىز ئوخشاش ھۆججەتلەرنى ئىككىلەنمەي باستۇرۋېتىسىز، ئەمدى http://localhost/pw75 نى ئاچسىڭىز PHPwind7.5 دىن Discuz X كە كۆچۈش پروگراممىسى ئاپتۇماتىك قوزغىلىدۇ، سىز ساندان مەلۇماتىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىسىز، ئايلاندۇرۇش تۈرىنى تاللىغاندا  PHPWind7.5          ->         Discuz! X1 نى تاللايسىز.
    نەچچە مېنۇت ساقلىغاندىن كىيىن سانداننى مۇۋاپىقىيەتلىك ئايلاندۇرۇپ بولغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ. ئەمدى http://localhost/DzX  نى ئاچسىڭىز ئەسلىدىكى http://localhost/pw75 دە بار بولغان تېما، ئىنكاس، ئەزالار ئۇچۇرى ...قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز، تېمىلار ئارىسىدىكى رەسىملەركۆرۈنمەيدۇ ، بۇنى تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىز ھەل بولىدۇ.
    ئەسلىدىكى PHPwind تىكى قۇشۇمچە ھۆججەت يوللانغان مۇندەرىجىلەرنى PW ناملىق مۇندەرىجە قۇرۇپ ئىچىگە كۆچۈرۈڭ ئاندىن Discuz X قاچىلانغان مۇندەرىجە ئاستىدىكى قوشۇمچە ھۆججەت يوللايدىغان جايغا كۆچۈرۈپ قويۇڭ، ناۋادا تاپالمىسىڭىز كۆرۈنمىگەن رەسىمنىڭ خاسلىقىغا قاراڭ.
    ----------------------------------------------
    قوشۇمچە : مەن سىناق قىلغىنى UTF-8 فورماتىدىكى خەنزۇچە پروگرامما، سانداندىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە، ۋاقىت تۈپەيلىدىن ئىچكىرلەپ سىناشقا ئىمكان بولمىدى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن ھەر قېتىم نۇرقۇت تورىنى كورسەم بىلىملەر تورىنىڭ بىر ئەخلەتتەكلا ھېس قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ مۇشۇ بىلىملەر تورىنى بىر توربەت قىلاي دىگەن ئويدا سەل شۇ قاراملىق قىلىپ قېلىۋاتىمەن.
    ئەنقا回复Zoro说:
    باشقىلارغا كىچىك بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى ئېلىپ كېلەلىسە ئۇ سىزنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىڭىز.
    2010-06-10 13:16:08
  • Discuz X نىڭ كۆرۈنۈش شەكلى مۇنبەرگە بەكمۇ ئوخشاپ كەتمەيدىكەن... شۇڭا مەن Discuz X نى ئىشلىتەيمىكىن دىگەن. ھەم ئىختىدارىمۇ بەك ياخشىكەن ئەمەسمۇ ...
    ئەنقا回复Zoro说:
    بىزمۇ شۇنى كۈتىۋاتىمىز، مۇنبەردىكى تېمىلار يوقالمايدۇ، ئايرىم باش بەت ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، باشقۇرۇشمۇ قولاي.
    2010-06-10 13:13:25
  • نۇرقۇت دۇنياسى Discuz X نى قاچان تارقىتار؟
    يەنە بىر ئىش مۇنبەر ئاچساق بۇلامدۇ ھازىر... قانۇنغا خىلاپ تېما يوللىماي كەسپىي قىلىپ ؟
    ئەنقا回复Zoro说:
    تەرجىمە تولۇق تاماملانغاندا تارقىتىدىكەن.
    مۇنبەر ئېچىش ئۈچۈن رەسمىيەت كېتىدىكەن، كىملىك ئارقىلىق ئەنگە ئالدۇردىغان گەپكەن. ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېلىشقا بولمايدىكەن، يەنىلا قانۇنلۇق ئاچقان ياخشى دەپ ئويلايمەن.
    يەنە بىرى مۇنبەر بىردىنبىر تور بەت ئېچىشنىڭ يولى ئەمەس، ھازىر Discuz ۋە PHPwind لارمۇ پروگراممىسىنى ئۇنۋېرساللاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، بىز يوقارقى ئىككى گۇرۇپپىنىڭ CMS شەكلىدىكى بېتىنى ساقلاۋاتىمىز.
    2010-06-09 19:45:37