• eot ياساش جەريانى ئاددىلاشتى - [تور بەت ياساش]

    2009-05-17

    شىنجاڭ پروگراممېرلار كۇلۇبى CreateMyEOT ناملىق قۇلايلىق eot ئۆزگەرتكۈچنىڭ 3.0 نەشىرىنى ئېلان قىلغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ كۆپ قىسىم تورداشلار يەنىلا مۇشۇ eot ياساش مەسىلىسىدە قىينىلىۋاتىدۇ، شۇڭا يېڭى تېما ئېچىپ بۇ قورالنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويدۇم.
    1. ناۋادا سىز تەييار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تور بەت پروگراممىلىرىنى چۈشۈرگەن بولسىڭىز ئىچىدىكى eot ھۆججىتىنى مۇشۇ قورالدا ئېچىپ ئادىرىسىنى ماس ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا ئۇلىغان ئىسىمغا ئۇلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
    2. باشقىلارنىڭ تور بېتىنىڭ eot ھۆججىتى لازىم بولسا چۈشۈرىۋېلىپ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆزىڭىزنىڭ بېتىگە ماسلاشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
    eot ئۆزگەرتىش قورالى CreateMyEOT3.0 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى
    ئاۋال 预览 دىن باشقىلارنىڭ eot ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىسىز ، تاپالمىسىڭىز بۇنى چۈشۈرۈڭ.
    ئاندىن ئاستىدىكى ئادىرىسلارنى تاللاپ 删除 نى بېسىپ ئۆچۈرىۋېتىپ ئادىرىس رامكىېىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى يېزىپ 添加 نى بېسىڭ، بارلىق تور نامىڭىزنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن 另存为 نى بېسىپ ساقلاڭ، ئاندىن ھاسىل بولغان يېڭى eot ھۆججىتىڭىزنى بوشلۇقىڭىزغا يوللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.


    eot ئۆزگەرتىش قورالى CreateMyEOT3.0 چۈشۈرۈش


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • خەتكۇچتىكى خەتلەرنى قەيەردىن چىقىرىمىز ....؟ مەن زادىلا چىقىرالمىدىم .
  • قېنى مەنمۇ قوللىنىپ باقايچۇ...
  • مەن بىلوگ ياساشقا قىزىقىپ، تۇۋەندىكى بەتنى قۇردۇم.
    http://altuzar.blogbus.com/
    بىراق بىلىمىمنىڭ چولتالىقىدىن بىر نەچچە تىما يوللاپ ھېچ نەرسە قىلالمىدىم. ياردەم بىرەرسىزمۇ؟ چ چ : 413107074
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك
    ئەپەندى ياخشىمۇسىز مەن بۇ ساھەدە ياكى kompiyoter غا مۇناسىۋەتلىك
    ئىشلاردا بىلىمىم بەكلام چولتا ئىدى شۇڭا مىكىن kompiyoter مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بەك تەمتىرەيتىم ھەم تېخى خەنزۇچە سەۋېيەممۇ ئاجىز بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بوشلىقىدا ھەقسىز تارقاتقان شەخسى بلوگ لارنى
    ئىشلەتكەن ئىدىم بىراق ھالىمغا باقماي بەزىيەرلەرنى ئۆزۈم خالىغانچە قىلىپ باقاي دىسەم vip قىل دەپ چىقىۋېلىپ تولا بولمىدى vip قىلاي دىسەممۇ بىر ئايلىقى 10元 ئىكەن ئىشقىلىپ مەن blogbus بلوگ نى ياختۇرۇپ قالدىم ئەمما نۇرغۇن يەرلەردە بىلىمىم چەكلىك كىلىپ قالدى شۇڭا ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلسىڭىز ماڭا eot لازىم ئىدى كامالى ھۆرمەت ئىھتىرام بىلەن ئەجرىم بلوگ مۇۋاپىق بولسا باشقۇر غۇچى بۇلۇپ بەرسىڭىز
    http://ajrim.blogbus.com/
    ئەنقا回复ئەجرىم بلوگ说:
    Blog ساھەسىگە قەدەم قويغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
    مەن ۋاقىت چىقىرىپ ياساپ بېرەي، سىز ھازىرچە مەزمۇن يوللاش ئىشلىرىنى قىلىۋېرىڭ.
    2009-05-18 17:29:07