• ئىككى جۈملىلىك ھايات دەستۇرى - [نەسىرى ئەسەرلەر]

    2010-06-30

    ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، لېكىن تەكەببۇر بولماڭ؛
    ئىززىتىڭىزنى ساقلاڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ؛
    ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، لېكىن قالتىس ھېسابلىماڭ؛
    كەمتەر بولۇڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ؛
    ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەڭ، لېكىن ھاقارەتلىمەڭ؛
    ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، لېكىن شەخسىيەتچى بولماڭ؛
    ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، لېكىن مەيلىڭىزچە ئىش كۆرمەڭ؛
    قەتئىي بولۇڭ، لېكىن جاھىل بولماڭ؛
    جانلىق بولۇڭ، لېكىن شاللاق بولماڭ؛
    باتۇر بولۇڭ، ئەمما قارام تەلۋە بولماڭ؛
    تەمكىن بولۇڭ، لېكىن جۈرئەتسىز بولماڭ؛
    سەگەك بولۇڭ، لېكىن گۇمانخور بولماڭ؛
    مەردانە بولۇڭ، لېكىن قوپال بولماڭ؛
    ياۋاش بولۇڭ، لېكىن دۆت بولماڭ؛
    ئېھتىياتچان بولۇڭ، لېكىن چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭ؛
    يومۇرلۇق بولۇڭ، لېكىن چاكىنا بولماڭ؛
    سۆزمەن بولۇڭ، لېكىن مۇغەمبەرلىك قىلماڭ؛
    ساددا بولۇڭ، لېكىن گۆدەكلىك قىلماڭ؛
    مۇلايىم بولۇڭ، لېكىن قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەڭ؛
    چاقچاقچى بولۇڭ، لېكىن باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەڭ؛


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى (بايلىق تورى )بلوگىنى ئۇلىنىش قىلۋېلىڭ .

    بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com

    http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg
  • ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى (بايلىق تورى )بلوگىنى ئۇلىنىش قىلۋېلىڭ .

    بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com

    http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg
  • ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز،مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.