-
ئىككى جۈملىلىك ھايات دەستۇرى - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2010-06-30
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، لېكىن تەكەببۇر بولماڭ؛
ئىززىتىڭىزنى ساقلاڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ؛
ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، لېكىن قالتىس ھېسابلىماڭ؛
كەمتەر بولۇڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ؛
ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەڭ، لېكىن ھاقارەتلىمەڭ؛
ئۆزىڭىزگە تاي... -
ئۈچ مىكياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2009-05-28
ئۈچ مىكياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى
ۋۇجىيەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن «مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار خوراز، مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى مۇئاۋىن خوجىدار خوراز ۋە سىياسى ئىشلارغا مەسئۇل خوراز ئۈستىگە ئالدى. ئەزالىرى بولسا مۇئاۋىن خوجىدارنىڭ مۇئاۋىن خوجىدار خورازلىرى ئۈستىگە ئېلىشتى. ( چۈنكى بۇ كاتەكتە بارى يوقى ئۈچ مىكيان، ئوخشاشمىغان ۋەزىپىدىكى رەھبەر خورازدىن ئالتە يەتتىسى بار ئىدى) يىللىق باھالاشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىدىكىلەر يىغىن ئاچتى، يىغىنغا خوجىدار خوراز رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق پىكىرگە كىلىشتى. -
قۇربان ھېيتلىق كۆز يېشى [ئاۋازلىق] - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2008-12-27
ئىلگىرى تور بېكىتىمىزدە «ئىچكىردىكى بۇ ھايات»، «ئانا» ناملىق ناخشىلىرى ھوزۇرىمىزغا سۇنغان ئىچكىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوغلى مۇختارجاننىڭ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا مېنىڭ Yahoo ئېلخېتىمگە يوللىغان بۇ تەسىرلىك ئاۋازلىق ئەسىرىنى ب...
-
ئوباما ۋە نۇپۇسسىز ئۇيغۇرلار - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2008-11-09
ئوباما ئامېرىكىغا پرېزدېنت بولدى،دۇنيا شاتلىققا تولدى.كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا پرېزدېنتىغا بولغان قىزىقىشى ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا بولغان قىزىقىشىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئۈستۈن.بۇ يەردە نۇرغۇن سەۋەب بار.دۇنايادا ھەتتا ئامېرىكا پرېزدېنتىنى دۇنيا خەلقى ئورتاق سايلاپ چىقىشى كېرەك دېگەن چۈشەنچىمۇ خېلى خېرىدارلىق.
مېنى خوشال قىلغىنى بىر مەغلۇپ سىياسىيوننىڭ سىياسى سەھنىدىن يوقۇلىشى ۋە بىر ئۈمىدلىك ،قىزغىن يىگىتنىڭ غايىۋىي پىلانلار بىلەن ئامېرىكا خەلقىنى قايىل قىلىشىدۇر.ئامېرىكا خەلقى ھەقىقى ئۇلۇق خەلقۆەن دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.نوپۇسنىڭ ئون پىرسەنتىدىن سەل ئاشىدىغان ،قارا تەنلىكلەردىن بولغان بىر كىشىنى ئۆزىگە باش قىلدى. -
ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ ؟ - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2008-09-30
ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ ؟ ( 3 )
گۈلزىبانىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ۋۇجۇدۇمنى مۇزدەك تىترەك باستى . مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم . شۇندىلا ئۇنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم . مەندە ئويغانغان بۇ خىل تۇيغۇ ساۋا... -
گۈلزىبا ، ماڭا تېگەمسەن ؟ - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2008-09-30
گۈلزىبا ، ماڭا تېگەمسەن ؟ ( 2 )
كۆپ ھاللاردا پۇلسىز بولۇپ قالىدىغان تېلېفونۇمنى ئېچىشىمغىلا ، ئەنسىز سايراپ كەتتى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەن گۈلزىبا ... تاماق يېگەچ بىردەم پاراڭلىشامدۇق ... - ئۇنىڭ ئاۋازى تولىم... -
ئۇيغۇرلۇقۇمدىن چاندىم - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2008-09-30
ئۇيغۇرلۇقۇمدىن چاندىم ( 1 )
بۈگۈن كەچكۈزنىڭ غېرىبانە قوينىدا مۇڭلىنىپ كېتىۋاتاتتىم ، توساتتىن بىر قىزنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن ئىتتىك كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ، ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم گۈلزىبا ئىكەن . ئىككىمىز قىزغى... -
ئانا تىل ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش جېڭى - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2008-08-01
2002- يىلى قىشتا، بىز بىر ئائىلە كىشىللىرى كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىگە كۆچۈپ باردۇق. شۇ كۈنى كەچتە بىز كەچلىك تاماقنى ئەمدىلا يەپ بۇلۇشىمزغا ئىشىك چىكىلدى. ئىشكىنى ئېچىپ قارىۋىدىم،شىك چەككۈچى چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ياشانغان بىر بودەك خانى... -
《ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش》 - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2008-07-28
-
《ئېشەك ۋە بىز》 - [نەسىرى ئەسەرلەر]
2008-07-28
بىر كۈنى، بىر دېھقاننىڭ ئېشىكى قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، بىچارە ئېشەك قۇدۇق ئىچىدە زارلىنىپ بىر ھازاغىچە قاتتىق ھاڭراپتۇ، ئېشىكىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرۈپ چىدىيالمىغان دېھقان قۇدۇق بېشىدا بىر ئۇيان - بىر بۇيان پىرقىراپ، قانداق قىلسا ئېشىكىنى قۇتقۇزۇپ تارتىپ ئېچىقالايدىغانلىقىنى بىلەلمەي تازا تىت - تىت بولۇپتۇ. ئاخىرى كەسكىن بىر قارارغا كەپتۇ: بۇ ئېشەك بەرىبىر قېرىپ كەتكەن ئىدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ بېشىغا چىققان بۇ قۇدۇقنىڭمۇ تىندۇرۇلۇپ، تەكشىلىنىش ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى . مۇنچە زورۇقۇپ ئېشەكنى قۇتقۇزۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق .