• ئۈچ مىكياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى - [نەسىرى ئەسەرلەر]

    2009-05-28

    ئۈچ مىكياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى
    فىلىيەتون
    ۋۇجى
    يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن «مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار خوراز، مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى مۇئاۋىن خوجىدار خوراز ۋە سىياسى ئىشلارغا مەسئۇل خوراز ئۈستىگە ئالدى. ئەزالىرى بولسا مۇئاۋىن خوجىدارنىڭ مۇئاۋىن خوجىدار خورازلىرى ئۈستىگە ئېلىشتى. ( چۈنكى بۇ كاتەكتە بارى يوقى ئۈچ مىكيان، ئوخشاشمىغان ۋەزىپىدىكى رەھبەر خورازدىن ئالتە يەتتىسى بار ئىدى) يىللىق باھالاشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىدىكىلەر يىغىن ئاچتى، يىغىنغا خوجىدار خوراز رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق پىكىرگە كىلىشتى.
    سېرىق مەللەك مىكيان:--- بۇ يىلدا گەرچە يىل بۇيى بىر دانىمۇ تۇخۇم تۇغمىغان بولسىمۇ، لىكىن بەزى ئەتىگىنى تاساددىپى ۋاق تۇرۇپ قالغىنىمدا، (ھەتتا بارلىق چۆجىلەر ئىشقا كىرشىپ بولغاندا) ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا ۋاكالىتەن بىر نەچچە قېتىم ئۈنلۈك قىچقىرىپ مىنى ئويغۇتۇپ قويدى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ بولغۇچە، مەن خىزمەت قىلدىغان ئورۇننى پاكىز تازلاپ، مىنى ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەپ، ماڭا بىر كۈن پاكىز مۇھىتتا خىزمەت قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى. يەنە تېخى بۇ يىل چاغاندا ئائىلەمگە بېرىپ تۇققان يوقلايمەن دەپ 45 كۈن رۇخسەت سوراپ، دەل 44 كۈن بولغاندا قايتىپ كىلىپ ئەسلىدىكى ۋاقىتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئىشقا چىقتى. شۇڭا بۇ مىكيان ئىلغار بۇلۇپ سايلىنىدۇ.
    قارا مىكيان:--- بۇ يىللىق تۇخۇم تۇغۇش خىزمىتىدە گەرچە ياخشى تۇخۇملارنى تۇغالمىغان بولسىمۇ، لىكىن ناچار تۇخۇملارنى تۇغۇپ باقمىدى. ئۇ ھەر كۈنى باشقا مىكيانلار دان ئىزلەپ چىقىپ كەتكەن ۋاقتتىمۇ، خىزمەت تۈزۈمىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، كاتەكتىن ئايرىلماي، كاتەكتە ياخشى گۈزەتچىلىك قىلىپ، كۈن بۇيى تورغا چىقىپ، يىراقتىكى تۇققانلىرى بىلەن كۆرشۈپ، تۇققان يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت سورىماي، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىدى. ھەم سىرتتا دان ئىزدەپ، چۆجە باقىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، ھەر ۋاقىت ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەي، تاجىسىنى قىزارتىپ، تىرناقلىرىنى چىرايلىق ياساپ، پەيلىرىنى پارقىرتىپ يۈردى. قاچان ئىزدەپ كەلسەم شۇ ۋاقىتتا كاتەكتە «ھازىر» بولدى. شۇڭا بۇ مىكيان ئىلغار بۇلۇپ سايلىنىدۇ.
    يۇقۇردىن بىزگە بىر نەپەر مىكياننى مەجبۇرى لاياقەتسىز سايلاش ۋەزىپىسى چۈشۈردى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىز چار مىكياننى تەپسىلىراق باھالاپ باقايلى--- دەپ يانچۇق خاتىرسىنى قۇلغا ئالدى.
    چار مىكيان:-- بۇ يىل جەمئى 363 دانە تۇخۇم تۇغدى. لىكىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، 5-ئاينىڭ 6- كۈنى، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى كەنجى چۈجىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئالدىراپ، ئۈچ دانە يۇمشاق شاكاللىق تۇخۇم تۇغدى. مەزكور مىكيان تېخى ھەر قېتىم تۇخۇم تۇققاندىن كىيىن ئۆزىچە يۇغان ئىش قىلدىم دەپ ئويلامدۇ قانداق ؟!كاتەكنى بېشىغا كىيىپ، « قى قىق قىق! جى جىق جىق » دەپ مەغرۇرلىنىدۇ. بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى بولماي نىمە؟! بۇندىن كىين دىققەت قىلشى كېرەك. بۇلۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى ھېلىقى كىسەلچان كەنجى چۆجىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەپ مەندىن رۇخسەت سورىماي بىر كۈن كاتەككە كەلمىدى. ئەتسى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كاتىكىمىزگە كىلىپ، تۇخۇم تۇغۇش ۋە ئارخىپلارنى ئىشلەش خىزمىتىمىزنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ قۇلدا «مىكيانلارنىڭ قۇشۇن قۇرلۇشى» دىگەن مۇھىم ئارخىپ بار بۇلۇپ،  مەزكور مىكياننىڭ شۇ كۈندىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار، كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، يۇقۇردىن تەكشۈرۈش كەلگەندە فورما كىيىپ كىلىش تەكتلىنىپ تۇرسىمۇ چۆجىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەپ، ھازدارنىڭ كىيىمنى كىيىپ، رەڭگى رويىنى سارغايتىپ،پەيلىرى پۇرلاش كاتەككە كىلىپ ، رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆكتى. شۇڭا بۇ مىكيان يۇقارقى سەۋەبلىرى تۈپەيلى لايەقەتسىز بۇلۇپ، باھالىنىپ، ئىككى يىلغىچە 13- ئايلىق يەم خەشىكى بېرىلمەيدۇ. ھەم ئىككى يىلغىچە مۇنەۋەر مىكيان بۇلۇپ باھالىنىش سالاھيىتى بىكار قىلىندۇ.
    ئاخىرى بۇ يىللىق باھالاش ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىپ، ھېلىقى تۇغۇمچان بىچار چار مىكيان « لاياقەتسىز» بۇلۇپ باھالاندى.


    ۋۇجى

    «روشەنگۈل ئەركىن» ۋە «ئابدۇرېھىم ھۈسەن» تەرجىمىسى
    « ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 2009- يىلى 11- مارتتىكى سانىدىن ئېلىندى

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • نىمە دىگەن قىزىقارلىق ئەسەر بۇ!كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۇزۇلۇپ قالاي دىدى
  • كەچۈرۈڭ تىمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازدىغان بولدۇم، سىزگە ئىككى ئىشنى ئېيتماقچى ئىدىم.
    بىرىنچىدىن، مىنى ئۇلىنىش قىلۋالغان بولسىڭىز بولۇپتىكەن.
    ئىككىنچىدىن، مەن قانداق قىلسام يازغان تىمامنىڭ رەسىملىرى تىمىنى چەكمىسىمۇ تىما بىلەن بىرگە كۆرنىدۇ مەسىلەن بۇ تىمىدىكى توخىنىڭ رەسىمى تىمىنى چەكمىسىمۇ تىما بىلەن بىرگە كۆرنىدۇ؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز بولۇپتىكەن
    ئەنقا回复watanparwarlar说:
    بۇ رەسىمنى ئارقا سەھنىدىن تېمىنىڭ باش بەتتە كۆرۈنىدىغان قىسمىدىن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ، تەھرىرلىگۈچنىڭ ئاستى قىسمىدىكى ئالى تەڭشەش (高级选项) تۈرىنى باسسىڭىز ئاستى تەرەپتە يەنە بىر تەھرىرلىگۈچ ئېچىلىدۇ.
    2010-05-17 12:11:11
  • تىما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق . بىراق بۇ سۆزنى قەيەرگە قالدۇرۇشنى بىلمىدىم.
  • مىنىڭ بىلوگىمنىمۇ رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز.
    ئادىرىس:
    http://altuzar.blogbus.com/
    لوگو:
    http://altuzar.blogbus.com/files/12436138240.gif
    ئەنقا回复altuzar说:
    ئىنكاسىڭىزنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
    2009-05-31 11:22:35
  • بىلوگ ياسىغۇچىلار بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى
    بېكتىمزىدىكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئېلان ئورۇنى بېكار بولۇپ (بۇرۇن بۇ ئورۇنلارغا Googleۋە alimama)نىڭ ئېلانلىرى قويۇلغان ھازىر ئۇئېلانى بۇ ئورۇنغا قويۇشنى توغرا كۆرمگەچكە شۇنداقلا باشقا خەنزۇچە بېكەتلەرنىڭ بېكىتىنىڭ ئېلانى قويۇپ ھېرىپ قالغاچقا بىلوگ ياسىغۇچىلار بىلەن ئېلان ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا كۆردۇق...شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېلان پائالىيەت ئوتكۇزۇلىدى ...بىلوگ بار تۈرداشلار بولسا شۇنداقلا تۆۋەندىكى شەرتنى قوبۇل قىلالالىسا مۇنبەرگە كېرىپ ياكى مۇنبەر توپنى قوشۇش ئارقىلىق بىزبىلەن ئالاقىلاسسا بولىدۇ ..
    mp3بەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
    mtvبەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
    كىنو-فىلىم بەتنىڭ كۆرۇش ئادىرسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
    بىز تەرەپتىن قويۇپ بىرلىدىغان ئېلان ئورۇنى :
    سىز بىزنىڭ بېكەتتكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3,قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر ئورۇننى تاللايسىز ..سۇرەتلك ئېلان قىلنپ بىرىلدۇ .سۇرەتنىڭ چوڭ كېچكلكى 200*60بولسا بولىدۇ ..پەقەت بىرىلا ئورۇننى تاللايسىز ،ئېشلگەن سۇرەت ئېناق كۆركەم ئېشلەنگە بولۇشى كېرەك ..
    ئەسكەرتىش:قويغۇچ قىسمغا ئېلان قويۇشتا بىلوگىڭىزىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ ..مەسلەن :بىلوگىنىڭزنى خارەكترى دېگەندەك ---------------------------------
    بىلوگ ياسىغۇچىلارنىڭ بىزىگە:
    سزنىڭ قىلدىغىنىڭز سەل ئاۋار چېلىق بولۇشى مۇمكىن بېراق بىر قېتىم قىلۋالسىڭز قالغنى بەك ئاسان توختايدۇ ..
    سىز پەقەت ھەرقېتىم يازما يولىغاندا يازمنىڭ ئاستغا ياكى ئۇستگە بىزنىڭ بىكەتنىڭ ئۇلنىش ئادىرسنى يېزىپ قويسىڭىزىلا بولىدۇ ..
    تۆۋەندىكدىن تالسىڭز بولىدۇ ..-------------------------------------------------
    ئەڭ يېڭى ئەسلى كود مۇنبرى(بىرلەشمە كۇلۇب)
    Www.UyCluB.Net
    UyCluB.Net
    2.بىلوگ ھەققىدە بىلملەر بىرلەشمە كۇلۇبتا
    Www.UyCluB.Net
    UyCluB.Net
    تۆۋەندىكى ئېككى تۈردىن بىرنى تالسىڭز بولىدۇ ..ھەرقېتىم يازما يۇلغاندا يازمىنىڭ رەڭگىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك ...
    ھازىر بېكەتتە بار بولغان خەنزۇلانىڭ ئېلان ئورۇننى تالسىڭزىمۇ بولىۋىرىدۇ...
    ھۆرمەت بىلەن:بىرلەشمە كۇلۇب