• ئانا تىل ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش جېڭى - [نەسىرى ئەسەرلەر]

    2008-08-01

    2002- يىلى قىشتا، بىز بىر ئائىلە كىشىللىرى كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىگە كۆچۈپ باردۇق. شۇ كۈنى كەچتە بىز كەچلىك تاماقنى ئەمدىلا يەپ بۇلۇشىمزغا   ئىشىك چىكىلدى. ئىشكىنى ئېچىپ قارىۋىدىم،شىك چەككۈچى چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ياشانغان بىر بودەك خانىم ئىكەن. خانىم تونۇشلۇق  بېرىپ ئىسمىنىڭ رايىس بۇلۇپ ، فىرانسىيلىك كۆچمەن ئىكەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ بىز كۆچۈپ كەلگەن بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە تۇرىدىغانلىقىنى  ئېيتتى. ئەتىسى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، رايىس خانىم  يەنە دەل تۈنۈگۈنكى چاغدا ئىشىكىمىزنى چەكتى، ئۇ ئالدى بىلەن سوۋغا سۈپىتىدە ئېلىپ كەلگەن بىر دەستە گۈلنى ماڭا بەرگەندىن كېيىن ، ئارقىدىنلا خۇددى سېھىرگەرلەردەك سومكىسىدىن فىرانسۇز تىلدا نەشىر قىلىنغان <شاھزادە>دىگەن كىتابنى  چىقىرىپ ،ئۇنى ئوغلۇمغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئوغلۇم: _رايىس خانىم ، مەن فىرانسوزچىنى بىلمەيمەن، رەھمەت سىزگە ،_دىدى ئەدەب بىلەن._قوزام ، بىلمىسەڭ بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،_دىدى رايىس خانىم ناھايتى مۇلايىملىق بىلەن،_ھازىردىن باشلاپ مەن ساڭا ئۆگىتىپ قويسام بۇلىدۇئەمەسمۇ.       شۇندىلا ئېرىم ئىككمىز رايىس خانىمىنىڭ ھەقىقي مۇددىئاسىنىڭ ئوغلىمىزغا فىرانسۇز تىلىنى ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇق . ئەسلىدە رايىس خانىم پىنسيىگە چىققاندىن كېيىن ،بىر تىل ئۆگىنىش مەكتىپىگە پىدائىي بۇلۇپ قاتنىشىپ ،يېڭى  كەلگەن كۆچمەنلەرگەفىرانسۇز تىلىنى ھەقسىز  ئۆگىتىپ قۇيۇۋاتقانىكەن.كېلىشكىنىمىز بۇيىچە ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ،رايىس خانىم دەل ۋاقتىدا ئۆيىمىزگە كىرىپ ئوغلىمىزنىڭ فىرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوغلىمىزمۇ فىرانسۇز تىلىدا تۇرمۇشتا قوللىنىدىغان ئادەتتىكى سۆزلەرنى قىلالايدىغانبولدى.ئىككى ئايدىن كېيىن ، ئوغلىمىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردۇق.بىر كۈنى چۈشتە توساتتىن ئۆيىمىزنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ كەتتى.ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام ،ئىشىك ئالدىدا چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقىرىپ كەتكەن «بالا چىراي» بىر بوۋاي تۇرۇپتۇ.بوۋاينىڭ ئىسىمى تېڭيۈن جاۋنەنبۇلۇپ ،بىز تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىنادا تۇرىدىكەن._ئاڭلىسام، ئوغلىڭىز يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن ئوغلىڭىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ _ئەكىلىشىڭىزگە ياردەملىشەيمىكىن دەيمەن،بۇنىڭغا قانداق قارايسىزكىن؟_دىدى تېڭيۈن ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ.تېڭيۈن ئەپەندى سائەتلىك ئىشچى ئەمەستۇ دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ،ئۇ خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا ئېزىپ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ ئوغلۇمنى مەكتەپكەخالىس ئاپىرىپ -ئەكىلىدىغانلىقىنى ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراقمۇ ھەق ئالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.شۇنداق قىلىپ ئوغلىمىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلدىغان ۋەزىپىنى تىڭيۈن ئەپەندىگە تاپشۇردۇق.ھەش-پەش دىگۈچىلا روجدېستۋو بايرىمىمۇ يېتىپ كەلدى.بايرامنىڭ ھارپا كۈنى ، بىز بىر ئائىلە كىشىللىرى بۇ ئىككى بوۋاي_مومايغا كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلىپ قۇيۇش ئۈچۈن بىرەر نەرسە سوۋغا قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇراتتۇق، ئويلىمغان يەردىن تېڭيۈئەن ئەپەندى ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى.ئۇ ئىگىزلىكى بىر مىتىردىن ئاشىدىغان بىر تۈپ روجدېستۋو دەرىخنى دۈمبسگە يۈدۈۋالغانىدى.دەرەخىنىڭ شاخلىرىغا ئوغۇل بالىلار ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق تاپانچا ،قوراشتۇرما ئويۇنچۇق دىگەنگە ئوخشاش نەرسىلەر ئېسىقلىق تۇراتتى.دەل شۇ چاغدا رايىس خانىئىممۇ ئوغلىمىزغا ئاتاپ ئۆز قۇلى بىلەن تۇقۇغان يۇڭ شەپكىدىن بىرنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە كىردى. ئۇ  كىرسلودا ئولتۇرغان تىڭيۈن ئەپەندىنى كۆرۈپلا ھەيران بولغان ھالدا:_تىڭيۇئەن ئەپەندى سىز بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرىسىز ؟-دەپ سورىدى. ئەسلىدە ئۇلار خېلى بۇرۇن تۇنۇشاتتىكەن._بۇ بالىنى (ئوغلىمىزنى دىمەكچى) مەن بۇرۇنلا بايقىغان ، سىز نىمىشقا ئۇنى مەندىن تارتىۋالماقچى بۇلىئىسز؟_دىدى رايىس خانىم تېڭيۈن ئەپەندىگە ئاچچىقلاپ .تېڭيۈنمۇ بوش كەلمىدى:   _ بالا يالغۇز سىزگىلا تەئەللۇق ئەمەس، ئۇ دىگەن كۆپچىلىكنىڭ....بىز بىر چەتتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ تالاش _تارتىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ،ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى چۈشەندۇق. ئەسلىدە رايس خانىم بىلەن تېڭيۈن ئەپەندى ھەر ئىككىسلا تىل ئۈگىتىش مەكتىپىنىڭ پىدائىيلىرى بۇلۇپ ، بىرى فىرانسوز تىلىنى ، يەنە بىرى ياپون تىلىنى ئۆگىتىشكە مەسئۇل ئىكەن. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلدىكەن . ئۆز ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ ئىككى بوۋاي _موماي دائىم دىگۈدەك بىربالىنى تالىشىپ مۇشۇنداق ئازارلىشىپ قالىدىكەن.شۇندىلا مەن تېڭيۈن ئەپەندىنىڭ ئوغلىمىزنى مەكتەپكە خالىس ئاپىرىپ_ئەكىلىشىنىڭ سەۋەبى،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز ئانا تىلى بولغان ياپۇن تىلىنى ئوغلىمىزغا ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم .ئاشۇ كۈنكى سۈركىلىشتىن كېيىن ،بۇ ئىككى بوۋاي_موماي ئۆز كارامەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ،جېنىنىڭ بارىچە بىز بىر ئائىلىدىكىلەرنى ئۆزىگە تارتقىلى تۇردى. ئېرىم ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى« كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ،زىخمۇ كۆيمەيدىغان » ياخشى بىر چارىنى ئويلاپ تاپتى. بۇنداق بولغاندا  ئوغلىمىز ھەم فىرانسوز تىلنىمۇ ھەم ياپۇن تىلىنىمۇ ئۆگىنەلەيتتى.مەن قارارىمىزنى ئۇ ئىككەيلەنگە دېۋىدىم،ئۇلار قۇشۇلدى.بىراق ،رايىس خانىم بۇنىڭدىن تازا خاتىرجەم بولالمايۋاتقاندەك:_ئىشەنچىلىك خەۋەرگە قارىغاندا _دىدى ئۇ،_مۇشۇ ئەتراپتا تۇرىدىغان بىر سپان تىلى ئۆگىتىدىغان پىدائىينىڭ نەزىرىمۇ سىلەرنىڭ  بالىغا چۈشكەندەك قىلىدۇ.سىلەر ئوغلۇڭلارنىڭ ئىسپان تىلى ئۆگىنىشگە ھەرگىز يول قويماڭلار جۇمۇ.مەن ئۇنىڭغا ئوغلىمىزغا ئىسپان تىلى ئۆگەتمەسلىككە ۋەدە بەردىم . بۇ بىر مەيدان جېدەلدىن كېيىن مەن چۈشەنمىگەن ھالدا ئېرىمدىن ، بۇ بوۋاي_موماي پىدائىيلار نىمانچە ئەستايىلدىللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى سورىۋىدىم .ئېرىم :_ئۇلار ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، مۇھىمى ئۆز مىللتىنىڭ تىلىدىن پەخېرلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،-دەپ جاۋاپ بەرى._مەنمۇ پىدائىيلار سېپىگە قېتىلىپ _دىدىم ئېرىمدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ _بۇ بىر مەيدان ئانا تىل ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش جىڭىدە ئاشۇ قاڭشارلىق سېرىق چاچلارغا مېنىڭمۇ ئانا تىلىمنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى  ئوبدانراق بىلدۈرۈپ قويمىسام .يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنشى بىلەن تەڭ ، مەنمۇ خۇددى بوۋاي_موماي پىدايلارغا ئوخشاش ئۆزۈمنىڭ تىل ئۆگىتىش نىشانىمنى ئىزدەشكەكىرىشىپ كەتتىم.ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن  ئېلىندى

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • يوليار بلوگنى ئۇلىنىشقا قوشماپسىزغۇ؟ سىزنىڭ بلوگىىزنى سىز ئىنكاس قالدۇرغاندىلا قوشۇپ بولغان ئىدىم. بىزنىڭ بلوگ دەپ
    ئەنقا回复يوليار说:
    كەچۈرۈڭ، ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن، مانا قوشۇپ قوياي!.....ھازىرلا!
    2008-08-02 15:08:06