• ئۇيغۇرچە توربەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسىنى توردا نۇرمال كۆرسىتىش - [تور بەت ياساش]

    2008-07-28

     تور بەتلەرنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش

    نۆۋەتتە ئۇيغۇر كونا يېزىقىمىزنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ بارغانسىرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر كونا يېزىقىمىزدىكى تور بىكەتلەرمۇ كۇنسىرى كۆپەيمەكتە، نۆۋەتتە  تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش قىزغىنلىقى يوقىرى بولسىمۇ زور كۆپ ساندىكى تورغا چىقالايدىغان كومپىيۇتېلاردا ئۇيغۇرچە فونت بولمىغاچقا ئۇيغۇرچە تور بىكەت تۈزىگۈچىلەر  Microsoft weftنىڭ   Eot ھۆججىتى ياساش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تور بىكەتلىرىنى بىۋاستە ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆرسىتىۋاتىدۇ، گەرچە بۇ Eot ھۆججىتى ياسىلىپ تور بەتلەر ئۇيغۇرچە كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۇرئىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ، نۆۋەتتىكى windows مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا يەنىلا ئۇيغۇرچە فونت بولمىغاچقا، ئۇيغۇرچە فونت قوشۇلغان windows vista نۇسخىسىنىڭ ئومۇملىشىپ بۇلىشىغىچە بولغان بۇ ئۆتكۇنچى دەۋېردە بىز يەنىلا مۇشۇ كونا ئۇسۇلغا تايىنىمىز.
     ئىلگىرى تور بىكەتلەردە  Microsoft weft تىن پايدىلىنىپ Eot ھۆججىتى ياساپ تور بەتنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئۇسۇلى چۈشەندۇرۇلگەن، كىيىن قۇلايلىق، ئاددى بولغان فونت تاللىماي يەنى ھەر بىر ھەرىپنى بىر چېكىپ تاللايدىغان ئۇسۇلنى قوللانمايلا Eot ياسايدىغان ئۇسۇل تەشۋىق قىلىندى، ئىلگىرى مۇشۇ توغرىسىدا بىر تىما يوللىغانتىم، مەزمۇنى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، شۇڭا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ بۇ دەرىسلىكنى تەييارلىدىم، تورداشلارغا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
    تۆۋەندەمەن  Microsoft weftنىڭ فونت تاللىمايلا Eot ياساش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىمەن.
    بىرىنجى قەدەمدە Weftنى قوزغىتىمىز تۇنجى قوزغالغاندا فونىت تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كىيىن چىققان كۆزنەكتىن ئىككىلەنمايلا "ئەمەلدىن قالدۇرۇش" نى بېسىپ كۆزنەكنى تاقايمىز ،ئاندىن "Tools"نىڭ ئىچىدىن "options"نى تاللايمىز، رەسىمدىكىدىك كۆزنەك ئېچىلدۇ.




    ئاندىن settingsنىڭ ئاستىدىكى Weftنى تاللايمىز،ئاندىن ياندىكى سېرىلما تاياقچىدىن
    7Nosubsetting نى تاللايمىز ،رەسىمدىكىدەك:


    ئاندىن OKنى بېسىپ مۇقىملاشتۇرىمىز.
    ئىككىنجى قەدەم  بىۋاستە Newنى بېسىپ يېڭىدىن بىر eotياساشنى باشلايمىز.

    بۇ باسقۇچتا ئىسمىڭىز ۋە ئېخەت ئادىرىسىڭىزنى تولدۇرىسىز.
     
    كىيىنكى قەدەم (N)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
    ئۈستىدىكى ... نى بېسىپ weftتىن ئۆتكۈزىدىغان Htmlھۆججىتىنى كۆرسىتىپ قويىمىز.

    كىيىنكى قەدەم (N)نى بېسىپ موقىملاشتۇرۇشنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
    Addنى بېسىپ سىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنى تاللاپ بېرىمىز، نۆۋەتتە مەن Alpida_unicode system فونتىنى تاللىدىم، بۇ ئورۇنغا سىز ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان فونىتلارنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ، ئەڭ ياخشىسى UKIJ Tuz TOM فونتىنى تاللاڭ، بىز Unicode لىق خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    كىيىنكى قەدەم (N)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
    Editنى بېسىپ تور بېتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى تولدۇرۇڭ: Http://www.bizning.com ھەم  http://bizning.com  غا ئوخشاش، مۇنداق تولدۇرسىڭىز تور بېتىڭىزدىكى مەزمۇنلار ھەر ئىككىلا ئادىرىستا نۇرمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ، ئىككىنجى دەرىجىلىك نام ئىشلەتكەن بولسىڭىز داۋاملىق قوشسىڭىز بۇلىدۇ. مەسلەن :   http://album.bizning.com دىگەندەك، تور بېتىڭىزنىڭ ئادىرىسىغا ئاساسەن مۇشۇ بويىنچە قوشسىڭىز ياسىغان Eot ھۆججىتىڭىز قوشقان ئادىرىسلارنىڭ ھەممىسىدە كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.


    جەزىملەشتۇرگەندىن كىيىن كىيىنكى قەدەم (N)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
    Show css@font-family نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسنى تاللاپ قويۇڭ.كىيىنكى قەدەمنى باسقاندا تۆۋەندىكىدەك كودلار پەيدا بۇلىدۇ.
     Code:

    بۇ كودنى بىر خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ TXT ھالەتتە ساقلاپ قويۇڭ. كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ تاماملاشنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرۇڭ.
    ئەمدى سىز بايام Weftتىن ئۆتكۈزگەن ھۆججەتنىڭ يېنىغا قاراپ بېقىڭ، كېڭەيتىلگەن نامى eotبولغان ھۆججەتتىن بىرى پەيدا بولدى، (كۆپ خىل خەت شەكلى تاللىغان بولسىڭىز ئۇ ھۆججەتتىنمۇ شۇنچىسى پەيدا بۇلىدۇ)

    ئەمدى ھاسىل بولغان Eot ھۆججىتىنى ۋە بايا Weft تىن ئۆتكۈزگەن تور بەت ھۆججىتىڭىزنى تور بىكىتىڭىز بوشلۇقىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ قويۇڭ، ئەمدى كومپىيۇتېرىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە فونىتلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ تور بېتىڭىزنى ئېچىڭ....نۇرمال كۆرۈنگەن بولسىلا بارلىق كومپىيۇتېرلاردا ئۇيغۇرچە كۆرۈندى دىگەن گەپ.
    ئەگەر تور بىكىتىڭىز ASP دىن تۈزۈلگەن بىكەت سېستىمىسى بولسا سىز بىكىتىڭىز پىرۇگىراممىسى ئىچىدىكى كېڭەيتىلگەن نامى CSS بولغان ھۆججەتنى تېپىپ خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ ئەڭ ئۈستىگە يوقارقى ھاسىل بولغان Css كودىنى كۆچۈرۈپ قايتىدىن ساقلاپ بوشلۇقىڭىزغا يوللاڭ، كود ئارىسىدىكى
     Code:
    src: url(UKIJTUZ0.eot);

    بولسا سىز ياسىغان Eot ھۆججىتىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر تارماق مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلىرىڭىز نۇرمال كۆرۈنمىسە

     Code:
    src: url(.../ALPIDAU0.eot);
    src: url(http://www.bizning.com/UKIJTUZ0.eot);

    قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.
    ناۋادا سىزدە HTML ھۆججىتى بولمىسا مۇنۇ بەتنى ئېچىپ قايتىدىن ساقلىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ: http://www.bizning.com/eot/index.htm 
    يەنە چۈشىنەلمىگەن جايلىرىڭىز بولسا مۇشۇ تىما ئاستىغا قالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ، مۇناسىۋەتسى ئىنكاسلارنى يازماڭ!!!


    收藏到:Del.icio.us




    引用

    下面Blog引用了该文:
  • ئادىرىس

    Blog:maulanjan
    2009-04-05 20:23:10

    评论

  • ماڭا ئېئوت ياساپ بەرسىڭىز...
    ئەنقا回复ئالپ说:
    بۇ بەتتىكىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
    logs/40214924.html
    2010-06-27 04:11:08
  • مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ eot ياسىيالمىدىم .خاپا بولماي مەڭىمۇ بىرنى ياساپ بەرگەن بولسىڭز .
    ئەنقا回复تاڭ سەھەر说:
    ئۈستىنكى قەۋەتتىكى ئىنكاسقا قاراڭ.
    2010-06-27 04:13:12
  • ئۈستىدىكى ... نى بېسىپ weftتىن ئۆتكۈزىدىغان Htmlھۆججىتىنى كۆرسىتىپ قويىمىز.
    ------ مۇشۇ يېرىنى تازا چۈشىنىپ بولالمىدىم ...Html بۇ خېل ھۆججەتنى قەيەردىن ئالىمىز
    ئەنقا回复wolqan说:
    كونۇپكا تاختىسىدىكى بارلىق ھەرب-بەلگىلەرنى بېسىپ خەت يېزىپ كېڭەيتىلگەن نامىنى html قىلىپ ساقلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    2010-06-27 04:12:34
  • مەنمۇ نىر تور بىكەت ياساش مەستانىسى مىنى قوشىۋالسىڭىز بىرلىكتە ھەمكارلاشساق !
    QQ:860304222
    ئەنقا回复haksiz说:
    قوشىۋالدىم.
    2010-06-27 04:15:14
  • سىز :ناۋادا سىزدە HTML ھۆججىتى بولمىسا مۇنۇ بەتنى ئېچىپ قايتىدىن ساقلىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ: دەپسىز سىز تەمىنلىگەن بەتنى ئاچقاندىن كىيىن ئۇنى قانداق ساقلايمىز . تەلىم بەرسىڭىز . مەن بۇ ساھەدە تىخى بىر بوۋاق ~~``~~~~
    ئەنقا回复دۆلەت说:
    ھۆججەت تىزىملىكىدىن قايتىدىن ساقلاشنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ.
    2008-08-11 18:33:01