• يۈكسىلىۋاتقان بۈگۈر مائارىپى - [مائارىپ]

    2008-07-28

     بۈگۈر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ 1955 - قۇرۇلغان بولۇپ ،6 يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتەپ . دەسلەپكى قۇرۇلغاندا غۇلجا ، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئىلغار زىيالىلارنىڭ نۇرغۇن تۆھپىسى سىڭگەن ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلق مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ۋە تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىغا يېقىندىن ياردەم بېرىشى ، كەڭ ئوقۇتۇقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسدەئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارىغا كىرگەن. مەكتەپ قۇرۇلغان يېرىم ئەسىر داۋامىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇپ ، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا تىگىشىلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا . مەن ئۆزەممۇ مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئۆز ۋاقتىدىكى قاينام ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ئەسلىسەم ھازىرمۇ چوڭقۇر سېغىنىپ تۇرۇپتىمەن. 2004 -يىلى قوش تىل ئوقۇتۇشى يولغا قويۇش چاقىرىغى بىلەن مەكتەپ قوشىمىز دەپ 1- مىللى ئوتتۇرا بىلەن 2- خەنزۇ ئوتتۇرىنى بىرلەشتۇرۈپ 1- ئوتتۇرىنى بىراقلا 2- ئوتتۇرىغا يۆتكىدى. مىليونلاپ مەبلەغ سېلىندى. ھەيۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى قەد كۆتۈردى. مائارىپ ئىدارىسى ۋە مەكتەپ رەھبىرىنىڭ بۇ دانا قارارى بىلەن تولۇقسىز 1- يىللىق بۇ يىلدىن باشلاپ مىللى سىنىپ قوبۇل قىلىنماي ئەدەبىياتتىن باشقا ھەممە پەن خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى.ھەتتا بۇيىل 9-ئايدىن باشلاپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابى زاكاس قىلىنمىدى. ئالدىنقى 4 يىلدا تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نۇمۇر سىزىقى يول قويۇلۇپ نۇمۇر سىزىقىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار قەتئى قوبۇل قىلىنمىدى. شۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆزۋاقتىدىكى 10 سىنىپتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان ئەھۋالغا بىراق خاتىمە بېرىلىپ 2 دىن 3 سىنىپقىچە تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا يۇقىرى نۇمۇر ئالغان بالىلار قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇش باشلاندى. (ناھىيىمىزدە %80 نوپۇس ئۇيغۇر ) نۆۋەتتە مەكتىۋىمىزدە 3000 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بار. مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىراقلا كېمىيىپ 1000 غا يەتمەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ئويۇنقېپى ، يۇقىرى نۇمۇر ئالالمايدىغان بىر تۈركۈم پەرزەنتلەر ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنىپ مەكتىۋىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئوبلاست بويىچە يۇقىرى نۇمۇر ئالىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇشتەك رېكورت يارىتىش پىلانى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. مەكتىۋىمىزدە مۇئاۋىن دەرىجىلىك گۇرۇپپا باشلىقىدىن تارتىپ ئاساسەن دىگۈدەك ياش ، ئىقتىدارلىق خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ مىللى ئوقۇتقۇچىلار بۇلارنىڭ رەھبەرلىگىدە پائال تىرىشىپ ، مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ياخشى ئېلىپ بارماقتا. ھەر سەيشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كەچتە كەسپى ۋە سىياسى ئۈگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۆز سەۋىيىسىنى ئاشۇرماقتا. ھەر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن مەكتەپ مەمۇرىيىتنىڭ يىغىنىغا بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ۋاقتىدا قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بارلىق ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى كەچتە مەكتەپكە كېلىپ 2 سائەت ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۈگىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ مەكتىۋىمىز يېقىنىقى 4 يىل مابەينىدە تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئېلىپ بارمىدى. مەيداندىكى بارلىق تورنىك ۋە قوش تورنىكلارنى ئېلىپ تاشلاپ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى بارلىق ئىش - پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچىلار بار بولۇپ ، قاراپ تۇرۇپ مۇزاكىرىگە سېلىش ئارقىلىق قارىمىغاندا مۇزاكىرە قىلماسلىقتەك بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقان قاششاڭ ، بەز خاراكتىرلىك ئۈگىنىش كەيپىياتىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. .......

    收藏到:Del.icio.us