• QQ نومۇرىنى مۇنداقمۇ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    2010-05-26

    تۆۋەندە تورداشلارغا ئۆزەم سىناپ كۆرگەن قولايلىق QQ نومۇرى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن.

    تورنىڭ ئالدىراش بولىشى تۈپەيلىدىن يېڭىدىن نومۇر ئىلتىماس قىلسا ئوڭۇشلۇق بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچىرايدۇ، ناۋادا تور بەت ئارقىلىق QQ نومۇر ئىلتىماس قىلىشىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ، چوقۇم ناھايتى تىزلا QQ نومۇرىغا ئىگە بولالايسىز.

    1. ئاۋال  تۆۋەندىكى بەتتىن QQ ئىلخەت مۇلازىمىتىگە تىزىملىتىڭ.

    مەنزىل: http://mail.qq.com 

    بۇ بەتكە كىرگەندىن كىيىن ئېلخەتكە كىرىش كۆزنىكى ئاستىدىكى 立即注册 ناملىق ئۇلانمىنى چېكىڭ، ئاندىن 

    方法二:如果您未使用QQ,可以直接注册邮箱帐号 نى تاللاپ بېسىڭ.

    ئاندىن چىققان جەدىۋەلنى تۆۋەندىكىدەك تولدۇرۇپ ئاستىدىكى 确定并同意以下条款 ناملىق كونۇپكىنى بېسىڭ.

    ئوڭۇشلۇق بولسا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.

    مانا سىزنىڭ QQ ئېلخېتىڭىز بار بولدى، ئەمدى سىز   ناملىق ئۇلانمىنى بېسىپ ئېلخېتىڭىزگە كىرىڭ.

     كىرگەندىن كىيىن سىزگە بىر پارچە تەبرىك خېتى كەلگەنلىكىنى كۆرىسىز، ئۇ خەتنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇستىدىكى خەت ئەۋەتكۈچى ۋە قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ ئادرېسىغا دىققەت قىلىڭ.

    发件人:QQ邮箱管理员 10000@qq.com 
    时   间:2010年5月26日(星期三) 晚上9:21
    收件人: 1467196641 1467196641@qq.com

     

     دىمەك سىزنىڭ QQ نومۇرىڭىز بار بولدى، يەنى 1467196641 دەل سىزنىڭ QQ نومۇرىڭىز بولدى، ئەمدى ئۇنى QQ پاراڭلىشىش قورالىدا ئېچىپ بېقىڭ.

    يولۇققان مەسىللىرىڭىز بولسا قالدۇرۇڭ....


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • تەكشۈرۈپ قارىسام شەخسى ماتېرياللاردىكى ئۇچۇرلار قۇپ-قۇرۇق بولۇپ كېتىپتۇ،
    472555008 ئىچىدە 200دىن ئوشۇق دوستلار بار ئىدى، ھەممىسى بىلەن ئالاقىسىز قالدىم. بەك ئېچىنىشلىق ئىش بولدى.
    ئەنقا回复dunyakara说:
    پارول قوغداش قىلغان بولسىڭىز قايتۇرۋېلىشقا بولىشى مومكىن، پارول قوغداش ئەمەلدىن قالغان بولسا ئۇ نومۇر قايتىدىن تىزىملىتىلغان بولىشى مومكىن.
    2010-07-06 23:42:11
  • بۇرۇنقى نومۇرنىڭ شىفىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، قاندقلا قىلسام قايتۇرۇپ كېلەلمىدىم، ئامالى بارمىدۇ؟
    ئەنقا回复dunyakara说:
    ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىسا نومۇرىڭىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، يېڭى نومۇر ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2010-07-06 01:39:17
  • نومۇرۇمنىڭ شىفىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، تور ئېچىلىپ ھازىرغا قەدەر 30قېتىمچە ئىلتىماس قىلىپ كەتتىم، تەستىقلانمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى نومۇرۇمنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيۋاتىمەن، بۇنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بارمىدۇ؟
    ئەنقا回复dunyakara说:
    بۇرۇنقى نومۇرىڭىزنى تەكشۈرسىڭىز باشقىلار ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسا قايتۇرۋېلىش مومكىنچىلىگى بار
    2010-07-06 01:38:30
  • رەھمەت، مەنمۇ بىر نەچچىنى ئىلتىماس قىلىۋالدىم.
    ئەنقا回复كۆكلەم说:
    تۈزۈت قىلماڭ...
    2010-05-30 03:34:32