• بۈگۈن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تورى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى - [خەۋەر-ئۇچۇرلار]

    2010-05-14

    ئاپتونوم رايونىمىز ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىنتېرنېت تور كەسپىنى تولۇق، مۇكەممەل ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئېچىۋەتتى.
    ئىنتېرنېت ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ، ئالاقە، كۆڭۈل ئېچىش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر سەھنە. ھەربىر تورداشنىڭ ئۇنى ئاسراش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. ھازىر رايونىمىزنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، تىنچ . ھەر مىللەت ئاممىسى بۇنداق ئالتۇندەك پەسىلنى ئەزىز بىلىشى، ئاسرىشى لازىم. ھەممەيلەننىڭ ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى، يېشىل تور بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز!
    ئاپتونوم رايونىمىز ئىنتېرنېتتىكى ناچار ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش خەت ساندۇقى ۋە تېلېفونى ئاچتى. كەڭ تور ئاممىسىنىڭ ئۆز -ئارا نازارەت قىلىپ،گۈزەل ۋە تىنچ بولغان ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى سورايمىز.


    مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى :
    0991-12321 0991-2398343
    خەت ساندۇقى : JUBAO@XJTS.CN


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • تورنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەقىيقەتەن مۇ ياخشى ئىش بولدى. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
  • ياخشى بولدى