• 8.0.5 BBSxp2008 نۇسخىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ بۇلۇندى

    2008-08-01

    bbsxp 8.0.5 نۇسخسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ بۇلۇندى
     8.0.5 BBSxp2008  نۇسخىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ بۇلۇندى

    «بىزنىڭ» تور گۇرۇپپىمىز بۇ قېتىم YUzi گۇرۇپپىسى  2007-يىل12-ئاينىڭ 25-كۈنى تارقاتقان bbsxp2008  8.0.2 نۇسخىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىپ تورداشلارغا تەمىنلىگنىدى، بۇ قېتىم   2008-يىل7-ئاينىڭ 19-كۈنى تارقاتقان bbsxp2008  8.0.5 نۇسخىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تاماملىدۇق، بۇ نۇسخىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرىلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ۋە تەكلىپ -پىكىر بەرگەن تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز!.

    بۇ پروگراممىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قىسمىغا پىرۇگىراممېرلار كۇلۇبىنىڭ UyghurInput_C.js تىن پايدىلىنىلدى، ئەزا نامىمۇ ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا تەڭشەلدى، لاتىنچە قوللىنىدىغانلار UyghurInput_C.js تىن ئەزا نامىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى ئۆچۈرىۋەتسە بۇلىدۇ.

    بۇ قېتىمقى يېڭىلىقلار

    1. قاچىلاش ھۆججىتى ۋە دەرىجە كۆتۈرۈش ھۆججىتىنىڭ كۆرۈنمە يۈز قىسمى ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
    2. ساندان تەمىنلەنمىدى، ساندانى يوقكەن دەپ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، Install.asp نى ئىجرا قىلسىڭىزلا يېپيېڭى ساندانغا ئىگە بۇلالايسىز.
    3. ناخشا تەلەپ قىلىش يامىقى قوشۇلدى.
    4. چولپانلار سەھنىسى قوشۇلدى.
    5. تېما تۈرى تۆت تۈر بويىچە كۆرۈنىدۇ يەنى رەسىملىك تېما كۆرسىتىش يامىقى قوشۇلدى.
    6.  Vista ئۇسلۇبى قوشۇلۇپ ، كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇب ھالىتىدە تەڭشەلدى.
    7.  قىسقا ئۇچۇر ئاۋازى قوشۇلدى.
    8.  تەستىقلاش ئۇچۇرى چىقىرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

    نۆۋەتتە يەنە بىر قىسىم ئىقتىدارلار جىددى سىناق قىلىنىۋاتىدۇ....

    تور بېكىتىمىز بۇ نۇسخا مۇنبەر پىروگىراممىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ قوشۇمچە ئىقتىدار ۋە ئۇسلۇبلىرىنى تورداشلارغا تەمىنلەيدۇ، BBSxp غا قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە بىرلىكتە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ .

    ئەسكەرتىش: بۇ پروگىراممىنى  ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان،  ھەر خىل زىيانلارغا بېكىتىمىز مەسئول بولمايدۇ، شۇڭا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ! ئۆزىڭىزنىڭ بىخەستەلىگىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە ئۆزىڭىز مەسئول، بوشلۇقىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكگى ياخشى بولمىسا ئامال بار قوشۇمچە يوللانما يوللاش ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىڭ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىڭىزنى ۋاقتىدا زاپاسلاپ تۇرۇڭ.

    ئەمگىگىمىزگە ھۆرمەت قىلسىڭىز نەشىر ئۇچۇرى ۋە بېكىتىمىزنىڭ ئۇلىنىشىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەڭ!!!

    چۈشۈرۈش ئادىرىسى: چۈشۈرۈش

    ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى خاتالىقلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە ئەسكەرتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ تېمىنى باشقا تور بېكەتلەرگە مەنبەسىنى يەنى مۇشۇ بەتنىڭ ئادىرىسىنى ئۇلانما قىلىپ كۆرسەتكەن ئاساستا چاپلىسىڭىز بۇلىدۇ.

     يوقارقى مەزمۇنلار «بىزنىڭ» كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈلدى [Www.bizning.Com]
    http://www.bizning.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=4884


    收藏到:Del.icio.us