• «سونار سېستىمىسى» ھەققىدە - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    2008-07-31

    سونار ئىنگىلىزچە ئاۋاز، يول باشلاش ۋە ئارىلىقنى ئۆلچەش، دېگەن ئۈچ سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇ ئاۋاز دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ سۇ ئاستىدىكى نىشاننى ۋە ئۇنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنىنى ياكى تېخنىكىنى كۆرسىتىدۇ. نىشاننى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قۇرۇقلۇقتا رادارغا تايىنىلدۇ. رادار ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى جىسىم بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قايتقان " ئەكس سادادىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش" پرىنسىپىغا ئاساسەن يىراقتىكى جسىملارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ. ئەمما ئېلېكترو ماگنېت دولقۇنىنىڭ سۇدىكى تارقىلىشى ھاۋادىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسى ناھايىتى تېزلا سۇ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كېتىدۇ - دە، ئۇ سۇدا يىراققا تارقىلالمايدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، تەتقىقاتچىلار نەزىرىنى ئاكۇستىلىق ئۇسۇللارغا قارىتىپ، سۇنىڭ ئاۋاز دولقۇنىنى سۈمۈرۈۋېلىشىنىڭ ئىنتايىن ئاز بولىدىغانلىقىنى، ئاۋاز دولقۇنىنىڭ سۇدا ناھايىتى يىراققا تارقىلالايدىغانلىقىنى بايقىدى. تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، چەكسىز كەتكەن دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدە بىر ئالاھىدە " ئاۋاز يولى" بارلىقىنى، بۇ ئاۋاز يولىدا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا تارقالغاندىمۇ ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، تارقىلىش تېزلىكىنىڭ سېكونتىغا 1 مىڭ 500 مېتىر بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بەزىلەر مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: ئۇلار ئوكيانىيە قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭقۇر دېڭىزدا بىر بومبىنى پارتلاتقان، پارتىلاشتىن پەيدا بولغان ئاۋاز دولقۇنى بۇ ئاۋاز يولىنى بويلاپ، ئۈمىد تومشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتكەن، ئاندىن يەنە ئېكۋاتور تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئۈچ سائەت 43 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان يوشۇرۇن ئاڭلاش پونكىتىدىكىلەرگە ئاڭلانغان. بۇ پارتىلاش ئاۋازىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 19 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يىتىپ، دېڭىزدا يەر شارىنى يېرىم ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ تېخنىكا، يەنى سونار ناھايىتى تېزلا سۇدا نىشاننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئۇچۇر يوللاشنىڭ مۇھىم قۇرالىغا ئايلانغان. خىزمەت ئىشلەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، سونارنى ئاكتىپ سونار ۋە پاسسىپ سونار، دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئاكتىپ سونارنىڭ ئۆزى ئاۋاز دولقۇنى تارقىتالايدۇ. ئۇ تارقاتقان ئاۋاز دولقۇنى جىسىم بىلەن ئۇچرىشىپ قايتقاندا ئاۋاز دولقۇنى ئېلېكتر دولقۇنىغا ئۆزگەرتىلىپ ۋە كۈچەيتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئاخىرىدا ئېكراندا كۆرسىتلىدۇ. ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تارقىلىش يۆنىلىشى، بېرىش - كېلىشىگە كەتكەن ۋاقىتقا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقچى بولغان جىسىمنىڭ ئورنى ۋە ئارلىقىنى ھېسابلاب چىققىلى بولىدۇ. بۇنداق سوناردىن پايدىلىنىپ سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە دېڭىز تېگىدىكى توسالغۇلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. پاسسىپ سونار ئاۋاز دولقۇنى تارقىتالمايدۇ. ئۇ باشقا جىسىملار سۇدا تارقاتقان ئاۋاز دولقۇنىلا قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ماتورىنىڭ ئاۋازىنى بايقىغىلى ياكى سۇدىكى ئاۋاز چىقىرىدىغان باشقا جىسىملارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سونار سىستېمىسى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاشتى. ئۇ سۇدىكى نەرسىلەرنى بارغانسېرى ئىنچىكە ۋە توغرا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالايدىغان بولدى، دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىكى كىچىككىنە بىر پارچە پولات تاختىمۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھازىر بەزى دۆلەتلەر سونارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئارىلىقىنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسى ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئۇنى ھەربىي ئىشلار، ئالاقىلىشىش، قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە ئىشلىتىش ئۈچۈن، چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سونار ۋە تېز سۈرئەتلىك سونارنى تەتقىق قىلماقتا. ئەسەر مەنبەسى:ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى ئاپتۇرى:ئېنىقسىز رەتلەنگەن ۋاقتى:2008-6-22

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • CSS نى ئېلخەت ساندۇقۇمغا ئەۋەتىپ بېرەلەمسىز؟ مەن تەڭشىۋالسام بوپتىكەن ..
    boghlan99@gmail.com
    QQ:695560815
    ئەنقا回复بوغلان说:
    ئەۋەتىۋەتتىم، ئىنكاس رامكىسىنى ئوڭشاپ قالسىڭىز ماڭا قايتۇرۇپ يوللىۋېتىڭ.
    ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلىپ قويايلى.
    2008-08-01 07:14:21