-
كومپيۇتېرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدا - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]
2009-01-04
كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ كومپيۇتېرنى تورغا چاتىدىغانلارمۇ كۆپەيدى، بىراق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېر بىخەتەرلىگى توغرىسىدا چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغاچقا ئاسانلا ۋېرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ كومپيۇتېرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتىدۇ، بۇ تېمامدا مەن ۋېرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ۋە مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمەن.
ۋېرۇس-بۇزغۇنچىلىق خارەكتىرگە ئىگە پروگرامما بۇلۇپ پروگرامما يېزىشقا ماھىر كىشىلەر تەرىپىدىن ياسىلىدۇ، بۇنى ياسىغۇچىلارنىڭ مەخسىدىمۇ ھەر خىل بۇلۇپ ئاساسەن ئۆزىنى تونۇتۇپ قويۇش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەخسىتىدە ياسايدىغانلار كۆپرەك، بۇلارنى ياسىغۇچىلار ئاساسەن تور ئارقىلىق تارقىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بارماق دېسكا قاتارلىق سىرتتىن چاتىدىغان قۇراللار ۋېرۇس ئېلىپ يۈرىدىغان يەنە بىر ئوبىكىتتۇر.
ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلاتىمىز توغرا بولسىلا ۋېرۇسلار ئاسانلىقچە بىزگە كاشىلا قىلالمايدۇ، ۋېرۇس تارقاتقۇچىلارنىڭ قىلمىشى ناھايتى پەسكەش بولغاچقا تورغا چىققۇچىلار بىلىپ بىلمەيلا ۋېرۇسلارنى كومپيۇتېرىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىدۇ. يەنى دېتال چۈشۈرگەندە مەجبۇرى ھالدا ئېلان چەككۇزۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋېرۇس خارەكتىردىكى پروگراممىسى قوشۇلغان يۇمشاق دېتاللىرىنى مەجبۇرى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇنداق بەتلەردىن ماتىرىيال چۈشۈرگەندە چۈشىۋاتقان ماتىرىيالنىڭ خاسلىقىغا دىققەت قىلىپ قويىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل شەھۋانى رەسىملەر ئارقىلىق ۋېرۇسلارنى كومپيۇتېرىڭىزغا كۆچۈرۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇنداق بەتلەرگە يېقىن يولىماڭ.
تورداشلار ئۆز كومپيۇتېرلىرىنىڭ نىمە سەۋەبتىن بۇنچە تىز كاشىلىغا يولۇققانلىقىنى بىلىپ بولدىغۇ دەيمەن، ئەمدى تۆۋەندە مەن ۋېرۇسخورلار ئارقىلىق كومپيۇتېر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1. 360بىخەتەرلىك قاراۋۇلى ئارقىلىق كومپيۇتېر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش
360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى (مەن شۇنداق ئاتىۋالدىم) خەنزۇچە نامى 360安全卫士، ئاساسلىق ئىقتىدارى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، ياغاچئات ۋېرۇسىنى بايقاش ۋە تازىلاش، سېستىما ياماقلىرىنى تولۇقلاپ ياماش، لۈكچەك يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېردىن ئۆچۈرۈش، كومپيۇتېرغا كېرەكلىك بولغان ساغلام بولغان يۇمشاق دېتاللارنى تەۋسىيە قىلىش.
360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ بولغان بولسىڭىز ئۇنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاڭ، كومپيۇتېرىڭىز ۋېرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ بولغان يەنى ۋېرۇسلار كونترول قىلىچالغان بولسا بۇ دېتال قاچىلانمايدۇ ياخشىسى سېستىمىنى يېڭىلاپ قاچىلاپ بۇلۇپ ئاندىن بۇ دېتالنى قاچىلاڭ.
360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى نى چۈشۈرۈش ئادىرىسى: [url]http://www.360.cn/download.html[/url] گە كىرىپ [url=http://down.360safe.com/setup.exe]360安全卫士V4.4.1正式版 New[/url] نى چۈشۈرۈڭ
قاچىلاش ئۇسۇلى ئادەتتىكى باشقا يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش بىلەن ئوخشاش.
2. ۋېرۇسخور قاچىلاش (安装杀毒软件)
ھازىر ۋېرۇسخورلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپ بۇلۇپ ئاساسەن ھەق تۆلەپ سېتىۋالىسىز، دۆلىتىمىز مەھسۇلاتى 瑞星ۋېرۇسخورىنىڭ باھاسىمۇ 240يۈەن بەلكىم بۇ باھا كوللىكتىپ ئورۇنلار ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ بولمىسىمۇ ئائىلىلەردە كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن سەل يوقىرى باھا، بىراق بۇنىمۇ ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بار، ھەقسىز ۋېرۇسخور ئىشلىتىمىز.
مەن كۆپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولغان، 2008-يىللىق دۇنيا ۋېرۇسخورلىرىنىڭ تەرتىپىدە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان گىرمانىيە ۋېرۇسخورى Nod32نى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ۋېرۇسخورنى قاچىلاش تەرتىپى مۇنداق:
Nod32 نى 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى دېتالى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلغان بۇلۇپ [url]http://sale.360.cn/sd.html[/url] دىن چۈشۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ، [url=http://dl.360safe.com/nod32_360.exe]ياكى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۋېلىڭ.[/url] چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن قاچىلاڭ، كومپيۇتېرىڭىزدا باشقا ۋېرۇسخور يۇمشاق دېتال بولسا قاچىلانمايدۇ ئاۋال ئىلگىرى ئىشلەتكەن ۋېرۇسخور يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆچۈرىۋېتىڭ.
قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تىزىملىتىپ ئاكتىپلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، تىزىملاتمىسىڭىز ۋېرۇسخور نۇرمال ئىشلىمەسلىگى مومكىن، شۇڭا چوقۇم تىزىملىتىشىڭىز كېرەك.
360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى دېتالى Nod32 ۋېرۇسخورىنىڭ يېرىم يىللىق ھەقسىز ئىشلىتىش نۇمۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېرىم يىل ئىشلىتىپ ياقتۇرۇپ قالسىڭىز پۇل تۆلەپ داۋاملىق ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى باشقا ۋېرۇسخور ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.Nod32 نى قاچىلاش ۋە مەخپى نۇمۇرغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مۇنداق
ئۈستىگە چېكىت ئۇرۇپ كىيىنكى قەدەمنى بېسىڭ
مەخپى نۇمۇرغا ئېرىشىش ئەسكەرتمىسىنى چېكىڭبىخەتەرلىك قاراۋۇلى ئارقىلىق مەخپى نۇمۇرغا ئېرىشىڭ
360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى چىقىرىپ بەرگەن تىزىملاش نۇمۇرىنى چاپلاپ كىيىنكى قەدەمنى بېسىڭ
ئىسىم ۋە ئېلىەت ئادىرىسىڭىزنى تولدۇرۇپ كىيىنكى قەدەمنى بېسىڭسەل ساقلاڭ
تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە داۋاملاشتۇرۇڭ
收藏到:Del.icio.us
评论
ablat1985@126.com
ئۇلىنىشىمىزغا قوشۇۋېلىندىڭىز.