-
بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى مۇھەممەت مۇسا خارازىمى - [مەشھۇر شەخىسلەر]
2009-01-03
مۇھەممەت ئىبىن مۇسا ئال خارازىمى 780 - يىلى شەرقىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ خارازىم رايۇنىدا دۇنياغا كەلگەن .
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بىرىلىپ تەتقىق قىلغان . كىيىن مەشھۇر ماتىماتىك بولۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا تەكلىپ قىلىنىپ ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا < ھىكمەت ئۆي > دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن .
ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇتقا چىقارغان .
ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى «تىرىگونۇمىتېرىك قىممەتلەر جەدىۋىلى » دۇر .
مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يىشىش ئۇسۇلىنى گېئومىتىرېيىلىك يىشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۇرگەن تۇنجى ماتىماتىك . ئالگېبىرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇنىڭ « ئالگىبېرا » دىگەن ئەسىرى دۇنيا ماتىماتىكا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .ئۇ يازغان < ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا > ( ئەزا يوتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش ) ، «ھېساب ئىلمى » قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرىق ئىلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرىسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن ، 1140- يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ( روبېرت تەرجىمە قىلغان ) باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت يوۋرۇپالىقلارنىڭ ماتىماتىكا دەرىلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن .
ماتېماتىكىنىڭ تارماقى «ئالگىبېرا » مۇ ئەل خارازىمىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .
مۇسا خارازىمى ئوتتۇرغا قۇيغان تەڭلىمە يىشىشتىكى « ئەزا يۆتكەش » ، « ئەسلىگە قايتۇرۇش» ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كىتابىدا « ئەلجەبىر» دەپ يىزىلغان بولسا ، ياۋرۇپالىقلار ئۇنى (Algebr)
دەپ تەرجىمە قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ پەن ئىسمى « ئالگىبېرا » دەپ تارقىلىپ مۇقۇملاشقان . دىمەك بۇ پەن ئىسمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم !!
كومپىيوتېر بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ، ھېسابلاش پىرۇگراممىسىنى تۇزۇشكە قوللىنىلدىغان پىروگرامما تىلىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نامى بىلەن «ئالگۇل تىلى » ( Algol تىلى ) دەپ ئاتالدى . چۇنكى بۇ ئالىمنىڭ لاتىنچىلاشتۇرۇلغان ئىسمى Alqaritmus بولىدۇ ، بۇ شۇ ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى!!
مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋىرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاستۇرنومىيىگە دائىر «سىند ھىند » دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرىقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى ، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۇشۇنۇكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۇزەپ توغرىلاپ ، چۇشىنىشلىك قىلىپ قايتا يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەرگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ < يېڭى سىند ھىند > دېگەن ئوقۇشلۇقنى يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەر ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ياۋرۇپالىقلارمۇ بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسلى ھىندىلەردە بولغان 0 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم شەكلى ( 0 ، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 ) بىلەن تونۇشۇپ ، ئۆزلىرى ئەسلى قوللىنىۋاتقان رىم رەقەملىرى ئورنىدا قوللانغان . ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى < ئەرەب رەقىمى > دەپ ئاتاشقان .بۇ نام ھىلىمۇ شۇنداق ئاتالماقتا .
دىمەك : بۇ خىل ئەڭ مۇكەممەل ، قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان رەقەم سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ئىجاتچىسى ھىندىلار بولسىمۇ پۇتكۇل ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان ۋە تاراتقان كىشى دەل ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى بولىدۇ !!
ئەرەپ ئالىملىرىدىن سارتۇن 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىنى «خارازىم دەۋرى » دەپ ئاتىغان ، شۇنداقلا «مۇسا خارازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ماتېماتىكى ، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇق ئالىمىدۇ» دەپ تەرىپلىگەن .
بۇيۇك ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى 847 - يىلى ۋاپات بولغان . ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى مەڭگۇ ياد ئىتىدۇ !
ئىلاۋە : بۇ بۇيۇك ماتېماتىكا ئالىمىمىزنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە خەلىقئارادا نۇرغۇن ئىختىلاپ بار ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيە قەۋىملىرى ئۇنى تالىشىدۇ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەب تىلىدا يىزىلغىنى ۋە ئەرەب دۇنياسىدا ئىلىم تەھسىل قىلغىنى ئۇچۇن نۇرغۇن ماتېرىياللاردا ئەرەب ماتېماتىكى -دەپ يىزىلغان. بۇ ھەقتە ئابلىز مۇسا سايرامى ئەپەندى نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارنى كۆرسۇتۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى ئىكەنلىكىنى مۇئەيەنلەشتۇرپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان . شۇڭا بىز شۇنداق قارىشىمىز كىرەك : ئۇنىڭ ئۇيغۇر ماتىماتىكا تارىخىدىكى ئورنىنى ھەرگىزمۇ ئسانلىقچە باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بىرىشكە بولمايدۇ !
收藏到:Del.icio.us
评论
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! بىزنىڭ بلوگى باشقۇرغۇچىسى :
كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بلوگ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇلانمىلار بلوگى ئۇيغۇرچە
بلوگ توپلىمى سىزنىڭ مۇبارەك بلوگىڭىزنى ئۇيغۇرچە بلوگ توپلىمىنىڭ ئون چوڭ بلوگ تۈرىگە كىرگۈزدى .
ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز .بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى . ئۇلانمىلارنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ulanmilar.blogspot.com
ulanmilar@163.com
QQ توپى : 34296971