评论

  • بۇ يۇمشاق دىتالنى مەنمۇ ئىشلىتىپ باقتىم ھەقىقەتەن ياخشىكەن.
  • جاۋابىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
    مېنىڭ قولۇمدىكى ئۈنئالغۇ قەلەم پەقەت MP3 شەكلىدىلا ئاۋاز ئالالايدىكەن. چۈشەندۈرۈشلىرىنىمۇ ئوقۇدۇم.بۇنى ئايالىم بېيجىڭدىن سېتىۋالغان ئىكەن، مەن يېڭىنى ئالغۇچە ئىشلىتىپ توراي دىگەن، قارىغاندا يېڭىدىن بىرنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ.ماڭا ئاساسلىقى ئاۋاز سۈپىتى يوقرى بولسا بولاتتى.
  • سىزدىن ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ فورماتىنى ئايلاندورۇش توغرىسىدا بىر نەرسىنى سوراي دىگەن ئېدىم. مۇمكىن بولسا ياردەم قىلسىڭىز.
    مەندە بىر ئۈنئالغۇ قەلەم بار ئىدى (录音笔)، ئۇنىڭ ئاۋاز ئېلىش شەكلى پەقەتلا mp3 ئىكەن. لېكىن مەن تىل تەكشۈرگەندە WAV شەكلىدە چىققان ئاۋاز ھۆججىتىگە ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى WAV ھۆججىتىنىڭ ئاۋاز سۈپىتى mp3 نىڭكىدىن ياخشى بولارمىش. زادى قانداق ياخشى بولىدۇ بىلمىدىم. لېكىن مەن كۆرگەن كىتابلاردا شۇنداق تەلەپ بار ئىكەن. ئەمدى سىزدىن سورايدىغىنىم،
    1. ناۋادا مەن mp3 شەكلىدە ئېلىنغان ئاۋاز ھۆججىتىنى WAV شەكلىگە ئۆزگەرتسەم، ئاۋاز سۈپتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن؟ ئاۋاز چاستوتىسى (Hz)دا ئۆزگىرىش بولامدۇ؟
    2. مەن ئۆزگەرتىپ باقسام 位速 دىگەندە ئۆزگىرىش بولۇپ قاپتۇ، بۇ دېگىنى نېمىسى؟
    3.音频采样大小 دىگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ قارىسام 16位 دەپ چىقىپتۇ، بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟
    ناۋادا بىلسىڭىز، ياردەم قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
    رەھمەت.
    ئەنقا回复ئانا تىل说:
    ئادەتتە wav نىڭ سىغىمى mp3 تىن خېلىلا چوڭ بۇلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتىمۇ mp3 تىن كۆپ يوقىرى بۇلىدۇ، ئادەتتىكى ئۈن ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى (مەن يانفۇننىڭكىنى كۆزدە تۇتتۇم) يوقارقى ئىككى خىل شەكىلنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئاۋاز ئالالايدۇ، بۇنىڭ تەڭشەپ قويغىلى بۇلىدۇ.
    سىز ئالغان ئاۋاز ھۆججىتىڭىزنى يەنى MP3 فورماتىدىكى ئاۋاز ھۆججىتىڭىزنى wav فورماتىغا ئايلاندۇرسىڭىز تاماممەن بۇلىدۇ، ئادەتتە Mp3 فورماتىدا Hz نىڭ قىممىتى قانچە چوڭ بولسا سىغىمى شۇنچە چوڭ ئاۋاز سۈپىتى شۇنچە ياخشى بۇلىدىكەن ،مەن ئاۋاز ئايلاندۇرۇشتا HA_GoldWave508 دېتالىنى ئىشلىتەتتىم، بۇ دېتالدا MP3 نىڭ ئەڭ يوقىرى Hz قىممىتى 44100 ئىكەن، بىراق Wav فورماتىنىڭ بولسا pit دەپ ھېسابلىنىپتۇ ئەڭ يوقىرى قىممىتى 32bit ئىكەن.
    مەن بۇ جەھەتتە پەقەت ئۆزەمنىڭ شەخسى تەجىربەم بىلەن سىناقلىرىمنىلا ئوتتۇرىغا قويدۇم، 音频采样大小 دىگىنى دەل ئاشۇ wav نىڭ bit بىلەن ئىپادىلەنگەن قىسمىدەك تۇرىدۇ. مەن بىر Mp3 ھۆججىتىنى wav غا ئايلاندۇرۇپ باقتىم ، 32bit ھالەتتە سىغىمى ۋە سۈپىتى ئەڭ يوقىرى ئىكەن، 16bit كۆڭۈلدىكى ھالەت ئىكەن، Mp3 فورماتى wav غا قارىغاندا كۆپ پىرىسلىۋېتىلگەن ئىكەن .
    سىز Mp3 فورماتىنى wav غا ئايلاندۇرسىڭىز پەقەت سىغىمى چوڭىيىدۇ، ئاۋاز سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشى ناتايىن، ناۋادا سىزگە ئوىشاش سۈپەتتىكى wav ھۆججىتى كېرەك بولسا يوقارقى ئايلاندۇرغۇچ ياكى HA_GoldWave508 دېتالى ئارقىلىق ئايلاندۇرسىڭىز تامامەن بۇلىدۇ.
    2009-01-12 10:55:38