• مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆبېكىستاندا زىيارەت قىلىندى - [خەۋەر-ئۇچۇرلار]

    2009-06-05

    ئۆزبېكىستان SB.uz تور پونكىتى ئۇچۇرى:
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: EnQa (ئەنقا)

    بۈگۈن مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ 2007-يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ سەھنىگە چىققانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرىۋېتىپ يېقىندا ئۆزېىكستان جۇمھۇرىيىتىدىمۇ زىيارەت قىلىنىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن پات-پات كىرىپ تۇرىدىغان SB.Uz تور بېتىگە كىرىپ بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم، ئۆزبېك يېزىقىدىكى ھەربلەر ماڭا خېلى تونۇش بىراق ئۆزبىك تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەچكە بەزى جايلار خاتا كەتكەن بولىشى مومكىن، تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئۆزبىكىستان SB.uz تور پونكىتىنىڭ دائىمى ھەمكارلاشقۇچىسى « Maxi Studio» سىتۇدىيىسى (ئۈن-سىن مەركىزى) جۇڭگو شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ياش ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.  مۆمىنجان ئابلىكىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش مەقسىتىدە « Maxi Studio» سىتۇدىيىسىنىڭ مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇق.

    *********************************************************
    1-سۇئال: ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھرىدە «Maxi Studio» سىتۇدىيىسىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟
    -ئومۇمەن ئۆزبەك سەنئىتىگە قايىلمەن، بۇ قېتىم ئاتاقلىق سەنئەتكەرلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلار ئارقىلىق خەۋەردار بولغان، سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلار جۇڭگو شىنجاڭ رايۇنىدىمۇ مەشھۇر تور بېكەت ھېسابلىنىدۇ. بىر كۈنى تور بېكىتىڭلارغا كىرگىنىمدە مۇشۇ «ماھى سىتۇدىيۇ» سىتۇدىيىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ سىتۇدىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قارار قىلدىم، مانا ھازىر سىتۇدىيىڭلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.

    2-سۇئال: نىمە سەۋەبتىن ئۆزبىكىستانغا كەلدىڭىز؟

    -يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئۆزبىك سەنئىتىگە قىزىقىپ كەلگەنمەن، ئۇنىڭدىن باشقا مېھماندۇست خەلق بولغانلىقىڭىزلار ئۈچۈن ئۆزبىكىستانغا كېلىشنى قارار قىلدىم.

    3-سۇئال: ئېيتىشلارغا قارىغاندا سىز جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆزىڭىزنىڭ ناخشا كېچىلىكىنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋېتىپتىكەنسىز؟

    -شۇنداق، يېڭى پىلاستىنكامنى «Maxi Studio» سىتۇدىيىسى ۋە سىلەرنىڭ SB.uz  تور بېكىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا تارقىتىشنى بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان، ھازىر يېڭى ناخشىلارنى ئىشلەۋاتىمەن، بۇرۇن تاشكەنتتىكى باشقا ئۈن-سىن مەركەزلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ باققانتىم، بىراق ئۇلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ ئېچىنغانىدىم.

    4- سۇئال: شۇ كۈنلەرقايسى ناخشىلىرىڭىزنى ئېيتىپ بەرمەكچى؟

    -«يېقىن ئارىدا بارىمەن ئانا»، «مۇزلىغان يۈرەك» ۋە «ھوي سەھرا قىزى» قاتارلىق ناخشىلىرىمنى ئېيتماقچى.


    5-سۇئال: يېڭى ناخشا پىلاستىنكىڭىزنى قاچان تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟

    -جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە 6-ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدا تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

    جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ياشاۋاتقان مۆمىنجان ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋاپىقىيەت ۋە ئامەت تىلەيمىز!


    ئۆزبېكچە مەنبە: بۇ جاينى بېسىڭ


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مىنىڭ بىلوگىمنى قىتىپ قۇيسىڭىز !!!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ....
    بولسا ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ ئادرىسىنى www.ilim-pen.com غا ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز .
  • Lekin ularning sifati yaxshi emasligini ko'rib achingandim
    بىراق ئۇلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغانىدىم
    +++++++++++++++++++++++++++++++++
    achingandim ئېچىنغانىدىم.
    ئەنقا回复تارىم说:
    رەھمەت تۈزىتىپ قويدۇم.
    2009-06-07 22:04:37
  • يازمىنىڭ تېمىسىدىكى "مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆبېكىستاندا زىيارەت قىلىندى" دىگەن سۆزنى زىيارەتتە بولدى دەپ ئالغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەندۇق.
    ئەنقا回复dunyakara说:
    مۆمىنجاننى زىيارەت قىپتۇ، شۇڭا شۇنداق ئالغانتىم.
    2009-06-06 12:48:46