• BBSxp2008 ھەقىقى نۇسخىسى تارقىتىلدى - [تور بەت ياساش]

    2008-03-09

    BBSxp2008 ھەقىقى نۇسخىسى تارقىتىلدى

    «بىزنىڭ» تور گۇرۇپپىمىز بۇ قېتىم YUzi گۇرۇپپىسى  2007-يىل12-ئاينىڭ 25-كۈنى تارقاتقان bbsxp2008  8.0.2 نۇسخىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتى، بۇ نۇسخىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرىلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ۋە تەكلىپ -پىكىر بەرگەن تەدبىركار، ئوبراز، قاراخان، قايدۇ ئەپەندىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز!.

    بۇ پروگراممىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قىسمىغا پىرۇگىراممېرلار كۇلۇبىنىڭ UyghurInput_C.js تىن پايدىلىنىلدى، ئەزا نامىمۇ ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا تەڭشەلدى، لاتىنچە قوللىنىدىغانلار UyghurInput_C.js تىن ئەزا نامىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى ئۆچۈرىۋەتسە بۇلىدۇ.

    تور بېكىتىمىز بۇ نۇسخا مۇنبەر پىروگىراممىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ قوشۇمچە ئىقتىدار ۋە ئۇسلۇبلىرىنى تورداشلارغا تەمىنلەيدۇ، BBSxp غا قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە بىرلىكتە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ .

    سىناق قىلىنغان مۇنبەرنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز مۇنۇ جايغا كىرىڭ: http://bizning.146.tofor.com

    مۇنبەر قۇرۇش ئارزۇسى بار تورداشلار ۋە ئورۇنلار ئۈچۈن مۇخلىس تور مۇلازىمەت شىركىتى مەخسۇس بوشلۇق ئاجىراتتى، بۇ ئورۇندىن تور بوشلۇقى سېتىۋالغانلارغا مەزكۇر پروگىرامما ھەقسىز ئورنىتىلىپ بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئادىرىس :

    http://www.uighurs.cn/style/info/host.asp

    بىزمۇ ئۈگەنگۈچى بولغاچقا خاتالىقلاردىن خالى ئەمەسمىز، تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ئەسكەرتىش: بۇ پروگىراممىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان،  ھەر خىل زىيانلارغا بېكىتىمىز مەسئول بولمايدۇ، شۇڭا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ! ئۆزىڭىزنىڭ بىخەستەلىگىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە ئۆزىڭىز مەسئول، ئامال بار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىڭىزنى ۋاقتىدا زاپاسلاپ تۇرۇڭ.

    ئەمگىگىمىزگە ھۆرمەت قىلسىڭىز نەشىر ئۇچۇرى ۋە بېكىتىمىزنىڭ ئۇلىنىشىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەڭ!!!

    باشقۇرغۇچى: Admin

    باشقۇرغۇچى پارۇلى: Admin888

    ياكى سانداننى ئۆچۈرىۋېتىپ ئۆزىڭىز Install0000.asp نىڭ كەينىدىكى 0000لەرنى ئۆچۈرىۋېتىپ ئىجرا قىلسىڭىز يېڭىدىن ساندان قۇرالايسىز.

    http://www.bizning.com/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=3909


    收藏到:Del.icio.us