• Apple تەتقىقاتچىلار يىغىنى ئېچىلىدۇ - [خەۋەر-ئۇچۇرلار]

    2008-03-09

    كىرىش بېلىتى

    ئىزاھات: كىرىش بېلىتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) دىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلىدۇ.
    ئىزاھات: يىغىنغا قاتناشقۇچىلار تەكلىپنامىنى بىرگە ئېلىپ كېلىشى لازىم.
    (ئورۇن چەكلىك بولۇپ، تەكلىپنامە يوقلار كىرەلمەيدۇ)
    ۋ
    اقىت جەدۋىلى

     

    2008-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00 دە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسى 2-قەۋەت ئىلمىي دوكلات زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئالما كومپيۇتېر شىركىتى، قارلۇق شىركىتى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار قاتنىشىدۇ ۋە لېكسىيە سۆزلەيدۇ. لېكسىيە مەزمۇنى(1) لېكسىيە سۆزلىگۈچى: ئالما شىركىتى دۇنيا تەتقىقاتچىلار ھەمكارلىقى مۇناسىۋەت بۆلۈمىدىن دۈەن مۇخېڭ.
    تېمىسى: ئالما كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش سۇپىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار
    ۋاقتى: (تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتتىن ئىككى سائەتقىچە)
    (2) لېكسىيە سۆزلىگۈچى: قارلۇق شىركىتىنىڭ تېخنىكا ۋە سەنئەت يېتەكچىسى پەخرىدىن قارلۇق
    تېمىسى: ئالما تەتقىقاتچىلار تەجرىبىخانىسىنىڭ نىشانى ۋە ئەمەلىي قىممىتى
    ۋاقتى: (تەخمىنەن30 مىنۇت)
    (3) لېكسىيە سۆزلىگۈچى: ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچىسى ئالىم ئەھەت
    تېمىسى: ئالما كومپيۇتېرىدا قوللىنىشچان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش پىلانى، تەتقىقات مەزمۇنى ۋە بازار ئىستىقبالى ھەققىدە
    ۋاقتى: (تەخمىنەن 20 مىنۇت)
    يىغىننىڭ ئومۇمىي ۋاقتى 3 سائەت
    سوئال سوراش شەكلى يەنىلا بۇرۇنقىدەك يەنى قەغەزگە يېزىپ، سەھنە ئەتراپىدىكى خادىملارغا يەتكۈزۈپ بەرسەڭلار بولىدۇ. ئادەتتە جاۋاب بېرىش ۋاقتى 5 مىنۇت.
    ناۋادا قۇلايلىق بولسا، باشقا مۇنبەرلەردىمۇ خەۋەر قىلىپ قويۇشىڭلارنى سورايمىز، رەھمەت!
    ناۋادا، ئالما مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىڭىز يېتەرلىك بولمىسا، يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=16501&extra=&page=3گە كىرىپ DELL ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇپ چىقىڭ.
    مەنبە: http://www.uighursoft.com/uighur/NewsShow.asp?id=147

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [avatar:30]ياخشى خەۋەركەن