بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ھۈنەرلىرىمىز >> بىز توردا نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز ؟ (1)

بىز توردا نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز ؟ (1)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-01 22:36:07    كۆرۈلۈش سانى : 134  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
سىزنىڭ بۇ يازمامنى كۆرۈشتىن بۇرۇن سىزنىڭ ئاۋۋال jeck ئەپەندىنىڭ بلوگدىن jeck ئەپەندى يازغان بىز توردا نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟ دېگەن تېمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز . [url=https://jeck.blogbus.com/logs/26271039.html]بىز توردا نېمە  قىلالايمىز ؟ (1)[/url] [url=https://jeck.blogbus.com/logs/26271324.html]بىز توردا نېمە  قىلالايمىز ؟(2)[/url] ئەمدى ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك ، مەن بۇ تېمىنى jeck ئەپەندىنىڭ يازمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ، ئۆزۈمچە يەنە تولۇقلاش مەقسىتىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . خۇددى jeck ئەپەندى سۆزلەپ ئۆتكەندەك بىزنىڭ ھازىر ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە بىزنىڭ تور بەتتىكى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ماتېرىياللىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ بەك ئاز . بىز ھازىر مەلۇم بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىپ شۇ مەسىلە توغرىسىدا توردىن ( ئۇيغۇرچە ) ماتېرىيال ئىزدىسەك ئاساسەن دېگۈدەك ماتېرىيال تاپالمايمىز . ئەمما بىز خەنزۇچە 百度 ،  google قاتارلىق بەتلەردىن بۇنىڭغا ئائىت ماتېرىيال ئىزدەيدىغان بولساق ماتېرىيالنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆزىمىزگە ئىشەنمەيلا قالىمىز . ئەيھانناس ،  ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش ، ئۇيغۇر گوگول قاتارلىق بەتلەردىن ئىزدىسەك ھېچقانداق ماتېرىيال تاپالمايمىز ، بۇ بىزنىڭ ئىزدەش ، ئۇيغۇر گوگول قاتارلىق ئىزدەش تور بەتلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى 百度 ، google قاتارلىق بەتلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن تۆۋەنلىكىدىنمىدۇر ؟ ياق ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ، ئەگەر سىز خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە ماتېرىياللارنى بىزنىڭ ئاشۇ ئىزدەش ، ئۇيغۇر گوگول قاتارلىق بەتلەردىن ئىزدەيدىغان بولسىڭىز ، يەنىلا سىز ھەيران قالغۇدەك ماتېرىياللارنى تاپالايسىز . بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ بۇ دەل بىزنىڭ توردىكى ماتېرىياللىرىمىزنىڭ كەمچىلىكىنىڭ ئىپادىسى . مەسىلەن : ھازىر ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش 人力资源管理 گە ئائىت بىلىملەر بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىلىم ، ھازىر ھەرخىل ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، ھەرقايسى كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ  ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش 人力资源管理 گە ئائىت بىلىمگە بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى ، ئەمما سىز بىزنىڭ تور بەتلىرىمىزدىن بۇنىڭغا ئائىت ماتېرىيال ئىزدىسىڭىز ئاساسەن تاپالمايسىز . ( ھېچ بولمىغاندا مەن شۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەن . ) يەنە مىسال ئالساق ، ھازىر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئاز-تولا ھال كۈنى ياخشى بولۇپ قالغان شارائىتتا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا تېلېفون ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ كېلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ قىممەت باھالىق تېلېفونلارنىڭ سېتىۋالغان بولسىمۇ لېكىن ، كۆپ ساندىكى قېرىنداشلار خەنزۇ تىلىدا دېگەندەك ساۋاتقا ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن شۇ قىممەت باھالىق تېلېفونلارنىڭ ئەڭ ئاددىي پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئىقتىدارلىرىدىنمۇ پايدىلىنالماي كېلىۋاتىدۇ . بولۇپمۇ ئەقلىي ئىدراكلىق تېلېفون سېتىۋالغان قېرىنداشلار شۇنداق . مەن بۇ قېتىم تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىمدا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ nokia n73 ، nokia n73 قاتارلىق ئەقلىي ئىدراكلىق تېلېفون سېتىۋالغانلىقىنى كۆردۈم ، لېكىن ئۇلار ئاشۇ قىممەت باھالىق ئەقلىي ئىدراكلىق تېلېفونلارنىڭ زادى قىممەت بولغانغا چۈشلۇق قانچىلىك ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن ھەم بىلىسىمۇ پايدىلىنالمايۋېتىپتۇ . ئۇلار شۇ تېلېفون قىلىش ۋە تېلېفون قوبۇل قىلىشتىن سىرت ئاساسەن باشقا ئىشلىتەلمەيدىكەن . ( ئۇنتۇپ قالماڭ nokia 3230 ، nokia n70 ، nokia n73 ، nokia n73 قاتارلىق ئەقلىي ئىدراكلىق تېلېفونلاردا بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى txt ھۆججىتىنى بىمالال ، ناھايىتى نورمال كۆرگىلى بولىدۇ . بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز بلوگىمىزنىڭ nokia تېلېفون سەھىپىسىدىكى تېمىلاردا بولسۇن . ) نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قېرىنداشلار ئاشۇ ئالىي دەرىجىلىك تېلېفونلارنىڭ سېتىۋېلىپ يەنە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن بىز توردىن بىمالال ھالدا ئۆزىمىزگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ پايدىلىنالمايمىز ؟ نېمە ئۈچۈن ............بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ توردىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللىرىمىزنىڭ كەمچىلىكىنىڭ ئىپادىسى . ئۇنداقتا بىز ھەر كۈنى تورغا چىقساق زادى نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز ؟ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق ، بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز ناھايىتىمۇ كۆپ . مەسىلەن : سىز بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى بولسىڭىز ، ھەركۈنى بىر ، ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىگە ئائىت مەزمۇنلاردىن ئاز-تولا ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزنى يوللاپ قويسىڭىز بولىدۇ . ياكى سىز ئىچكىرىدە ئوقۇسىڭىز سىز ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىدىن قىينالمايسىز ، شۇڭا ئاز-تولا بىر نەرسە تەرجىمە قىلىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ . دىققەت : خەنزۇ تىلىنى ئۇقۇپ چۈشىنىش بىلەن ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش دېگەن باشقا باشقا ئىش . گەرچە سىز خەنزۇچە ماتېرىياللارنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگىنىڭىز بىلەن ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلالىشىڭىز ناتايىن ، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ . شۇڭا دائىم ئۇنى-بۇنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى يىتىلدۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ . سىز بلوگ قۇرىۋېلىپ ( قۇرالمىسڭىز بىزنى ئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ ياكى باشقا ئۇستازلارنى ئىزدىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ياكى بولمىسا مۇنبەرلەرگە يوللىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . ) مەلۇم سەھىپىدە ( مەسىلەن : ھازىر ئەكلىماكان بلوگى ئاساسەن گوگول ئېلانى ھەققىدە چۈشەندۇرۇشنى ، ئارامگاھ بلوگى بلوگ ھۆنەرلىرىنى چۈشەندۇرۇشنى ، تارىم بلوگى ماتىماتىكا بىلىملىرىنى سۆزلەشنى ، يوليار بلوگى ئالى ماما بىلىملىرىنى چۈشەندۇرۇشنى ، دەۋر بلوگى بولسا ئەقلىي ئىدراكىلىق تېلىفۇن بىلىملىرىنى چۈشەندۈرشنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئىسىل ، سەرخىل بلوگلار بارلىققا كەلدى . سىزمۇ ئاشۇنداق ئۆزىڭىز قىزىققان مەلۇم سەھىپىنى تاللىۋېلىپ بلوگ يازسىڭىز بۇلىدۇ .) ئاز-تۇلا يازما يوللاپ قويسىڭىز بۇمۇ سىزنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان ياخشى پۇرسەت ، سىز ھەركۈنى 网吧 غا يۇگرەپ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن پۇللارغا 游戏 ئوينىمىسىڭىزمۇ بۇلار . سىز 游戏 ئويناپ ئاتا - ئانىڭىزنىڭ قان تەرىنى بۇزۇپ چاچمىسىڭىزمۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ھېلىمۇ تارتقان جاپاسى يىتەر . شۇڭا ئاز-تۇلا پايدىلىق ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . سىز قىلسىڭىز باشقىلارمۇ سىزدىن ئۆگىنىپ قىلسا تاما-تاما كۆل تۇلار دەپ بىزنىڭ تور دۇنياسىدىكى ماتىرىيال مەنبەيىمىز كۆپەيسە ھەممە قېرىنداشلىرىمىزغا پايدىلىق . ئەگەر سىز بىرەر شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى بولسىڭىز ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىگە ئائىت ئاز-تۇلا بىر نەرسە يوللاپ قويسىڭىز بۇلىدۇ . ئەگەر سىز كۈندە قىلغىلى ئىش تاپالمىسىڭىز بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابى ئەسەرلەرنى تورغا يوللاپ قۇيۇڭ . بۇنداق قىلسىڭىز بىر جەھەتتىن ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيوتىر مەشغۇلاتى قىلىش جەھەتتىكى بىلىمىڭىزنى موللاشتۇرالايسىز ، يەنە بىر جەھەتتىن ئۆز ئانا تىلىڭىزنى بىمالال ئىملاسى توغرا ھالداكومپىيوتىرغا يازالايدىغان بۇلالايسىز شۇ چاغدا سىز بىزنىڭ بەزى تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ ئىقتىدارلىق بۇلۇپ كېتىسىز .(  چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن تۇلۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلىمىزمۇ ئۆز ئانا تىلىدا ئۆز ئىسمىنى كومپىيوتىرغا بىمالال يازالمايدىغان ئىشلار ھازىر نۇرغۇن . شۇڭىمۇ ئۇلار ھازىر ئېغىر ئىش تاپالماسلىق كىرزىسىغا دۇچ كەلمەكتە . بۇ جەھەتتە كىيىن مەخسۇس يازما يوللايمىز . ھازىرچە مۇشۇنچىلىك خەۋەردار بولغاچ تۇرسىڭىز بۇلىدۇ .)  بۇمۇ سىزنىڭ قۇلىڭىزدىن كېلىدىغان ئىشلار ، كىنونى ئازراق كۆسىڭىزمۇ بۇلار ، كىنو دېگەن تۈگەپ قالمايدۇ . ئەگەر سىز يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلالمايدىكەنمەن دېسىڭىز ، سىز قىلالايدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار  . مەسىلەن : سىز ھېچ ئىش قىلالمىسڭىز ، كۈندە تۆت بەش مىنۇت تورغىغۇ چىقالارسىز ؟ ( ئەگەر تورغىمۇ چىقىشنى بىلمىسڭىز سىز ئۆزىڭىزنى مەن ھازىرقى زامانغا ماسلىشالماپتىمەن دەپ ھېساپلاۋېرىڭ . چۈنكى ھازىر دېگەن ئۇچۇر دەۋرى ، سىز توردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلمىسىڭىز ، دەۋر سىزنى شاللايدۇ ، سىز ياشاشقا ئامالسىز قالىسىز . ) شۇڭا سىز تورغا چىققاندا ھېچ ئىش قىلالمىسىڭىز ، مۇنداق قىلىڭ ، باشقىلار يېزىپ قالدۇرغان يازمىلارنى كۈرۈپ قۇيۇڭ ، سىزگە چۇقۇم پايدىسى تېگىپ قالىدۇ . شۇ يازمىلارنى كۈرۈش جەريانىدا مۇۋاپىق ھالدا باشقىلارنىڭ تور بېتىدىكى ياكى بلوگىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قۇيۇڭ . ( دىققەت : چۇقۇم ئىناۋەتلىك چىكىڭ . ئەگەر ئىناۋەتلىك چىكىشنى بىلمىسىڭىز ئارامگاھ بلوگىدىكى بۇنىڭغا ئائىت مەزمۇننى كۈرۈپ قۇيۇڭ . ) سىز باشقىلارنىڭ بېتىدىكى ياكى بلوگىدىكى ئېلارنى ھەركۈنى كۆپ ئەمەس پەقەت بىر قېتىمدىن چىكىپ قويسىڭىز ، باشقىلار ئاز-تۇلا مەنپەئەتكە ئېرىشسە ئۇلار تېخىمۇ رىغبەتلىنىپ ، تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ توردىكى ماتىرىيال مەنبەيىمىزمۇ موللىشىدۇ . ھۇرۇن بولماڭ ، ھۇرۇنلۇق ئادەمنى تۈگىشىش گىرداۋىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ ، سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئېلانىنى چىكىپ قۇيۇشىڭىزغا كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ تۆت-بەش مىنۇت كىتەر ، سىز ئېلاننى چىكىپ ساقلاپ تۇرۇشىڭىز ھاجەتسىز ، چىكىپ قۇيۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسىڭىز بۇلىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە قۇلىڭىزدىن كېلەر ؟ باشقىلارنى قوللاشنى ئۆگىنىپ قۇيۇڭ . بۇ قېتىم مۇشىنچىلىك يازاي . داۋامىنى يەنە تۇلۇقلايمەن . مەنبە:[url=https://dewir.blogbus.com/logs/29569644.html]دەۋر بلوگى [/url]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تەۋىسىيە كەڭ خەل...
●  (چۈشۈرۈڭ) تۇركىيەنى...
●  بىز توردا نېمە ئىشل...
●  ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ...
●  ئۇيغۇرلاردا مېۋە ق...
●  ئۇيغۇرلاردا رەڭچىل...
●  سەرراپلىق
●  ئۇيغۇرلاردا سەرراچ...
●  زەرگەرلىك(ئۇيغۇر ھ...
●  ئۇيغۇر ھۆنەرلىرىدى...
●  كۇلالچىلىق
●  قۇيمىچىلىق
●  شامچىلىق
●  تۇنىكىسازلىق ۋە قۇ...
●  سەكسەنخالتا
●  تونۇر
●  ھاممام
●  مەشۇتچىلىك
●  ئۇيغۇرلاردا قاسساپ...
●  كۆنچىلىك

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تەۋىسىيە كەڭ خەلىق ئا...
●  (چۈشۈرۈڭ) تۇركىيەنىڭ داڭ...
●  بىز توردا نېمە ئىشلارنى ...
●  ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ۋە جۇ...
●  ئۇيغۇرلاردا مېۋە قۇرۇتۇ...
●  ئۇيغۇرلاردا رەڭچىلىك
●  سەرراپلىق
●  ئۇيغۇرلاردا سەرراچلىق
●  زەرگەرلىك(ئۇيغۇر ھۈنەرل...
●  ئۇيغۇر ھۆنەرلىرىدىن قەن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى