ئۇيغۇرلاردا سەرراچلىق
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-06 10:23:44 كۆرۈلۈش سانى : 103
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئىچىدە سەرراچىلىق كەسپى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. سەرراچلار ئېگەر - جابدۇق، ھارۋا جابدۇقى، ئات، تۆگە، قېچىر، ئېشەكلەرنىڭ توقام - مۆلۆسى ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق جابدۇقلارنى ياسايدۇ.
سەرراچلىقنىڭ مەھسۇلات تۈرى كۆپ ۋە خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر سەرراچلىرى ئۇيغۇرچە قوش باشلىق قەدىمكى ئېگەر، موڭغۇلچە ئېگەر، قازاقچە، قىرغىزچە ئېگەر، روسچە ئېگەر، ھەربىيچە ئېگەر، خەنزۇچە ئېگەر قاتارلىق ئېگەرلەرنى ۋە تۆت تاقىلىق ھارۋا جابدۇقى، قوش ئاتلىق ھارۋا جابدۇق، يارىيار، خادىك، كالا ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسى جابدۇقلىرىنى ياسايدۇ. ئۇيغۇر سەرراچلىرى ھۈنەرگە كامىل، قولى چېۋەر بولىدۇ. ئۇلار، ئۇيغۇر قۇش باشلىق ئېگەرنى ياساشتا، ئېگەرنىڭ قاپىپى (ئىككى يېنى)، سوڭ (ئارقىسى)، ئۈستى كىرەشمىسى (ئىككى قاپىپىشنى چېتىپ تۇرىدىغان) ۋە قۇشنىڭ بېشنى ئايرىم ياسايدۇ. بۇلارنى ياسىغاندا قۇش بېشىنى ئۇرۇپ - يانجىپ قاپپا - سوڭغا يار يېلىم سۈركەپ، ئۈستىگە يانچىلغان پەينى چاپلاپ ئۈستىدىن يەنە يارا يېلىم بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاپپا ۋە سوڭنىڭ چى داملىقلىقى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. قۇش بېشى بىلەن كىرەشمىمۇ شۇ خىلدا چىڭىتىلىپ، بېرىلگەن يېلىم ئۈستىگە قاتمۇ قات ماتا ئوراپ ھەر قاتقا يارا يېلىم بېرىلىدۇ. ئورالغان ماتا بىلەن ئېگەر تەكشىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىنى گۈللۈك رەخت ياكى گىلەم بىلەن زىننەتلەيدۇ. بەزى ئېگەرلەرگە تۇچ، كۈمۈش، مىستىن نەقىش قويىدۇ.
ئۇيغۇر سەرراچلىرىنىڭ نوختا تۈگۈش، يۈگەن ياساش، يۈگەن نەقىشلەش، قامچا ئۆرۈش، رەڭدار پۆپۈك ياساش، قامۇت، جونبۇ - جاۋەن قاتارلىقلارنى ياساش ماھارىتىمۇ ئۈستۈن. بۇ خىل جابدۇقلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن ئەنئەنىۋى زىننەت بۇيۇملىرى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىدۇ. (ش) |
|