زەرگەرلىك(ئۇيغۇر ھۈنەرلىرى)
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-04 08:57:02 كۆرۈلۈش سانى : 31
ئۇيغۇرلاردا ئالتۇن - كۈمۈشتىن تاج - قاداق تاقاش، بىلەزۈك - زىرە، سىرغا سېلىش، چاچ ئاسقۇ - چېتىق ئېسىش ئەنئەنىۋى ئادەت. بۇنداق ئىنچىكە، نەپىس زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشنى كەسىپ قىلغۇچىلار <زەرگەر> دېيىلىدۇ. ئۇيغۇلار ئارىسىدا زەرگەرلىك ھۈنەر - كەسپى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بۇلۇپمۇ قەشقەر، خوتەندە زەرگەرلىك كەسپى بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىش تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، ھۈنىرىنىڭ نەپىس ۋە كۆركەملىكى بىلەن مەشھۇر.
زەرگەرلىك سايمانلىرى ئوچاق، كۆيەك، ئارچا كۆمۈرى، دەمەران (ئوت پۈۋدەش نەيچىسى)، بوتا (ئالتۇن ئېرىتىش قاچىسى)، جۈپتەك، كىلىك (سىم تارتىدىغان ئەسۋاب)، بولقا، سەندەل، مانكال (يۇمىلاق زىننەت بۇيۇم قېلىپى)، ئامبۇر، دانىكا، شورا، زەمچى، ئاق قۇم، چوتكا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر زەگەرلىرى ئىشلەيدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، شاھ تاجى، خان تاجى (خېنىملار)، گۈل نۇسخا، تاج، بۆرە، يولۋاس، بۇغا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن (باتۇرلار تاقايدىغان) ئويما تاج، توپە قاداق، يان قاداق، رەسىم قاداق، سوقا قاداق، ئانارگۈلى قاداق، ھوشۇقچە قاداق، يۇلتۇز قاداق (بەش شوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، بودىلىك زىرە، كۇچارچە زىرە، مىخۋالىق زىرە، مانتا زىرە، سائەت نۇسخا زىرە ۋە ھەر سىرغىلار، ئون تۆت تاشلىق قوڭغۇراق ھالقا، نوغايچە ھالقا، ئاي ھالقا، چېچەك ھالقا، تولغۇما بىلەزۈك، گاڭ بىلەزۈك، گۈللۈك بىلەيزۈك، قۇيما ئۈزۈك، ئارچا بېغى ئۈزۈك، گۈلسىز ئۈزۈك، گۈللۈك ئۈزۈك، چاچ ئاسقۇ - چېتىق، ئالتۇن زەنجىر، مېدالىئون قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.
ئىشلەش ئۇسۇلى:ئالتۇن ئېرىتىش قازىنى (بوتا) غا ئالتۇننى سېلىپ ئارچا كۆمۈرى سېلىنغان ئوچاققا قويۇپ كۆيەك بىلەن ئوت تۇتاشتۇرىدۇ. ئوت چوغ بولغاندا كۆيەكنى توختىتىپ، دەمەدان بىلەن پۈۋدەپ ئالتۇننى ئېرىتىدۇ. قەلەيدىن ياسالغان نوكەشنى مايلاپ قويۇپ نۆكچە قىلىپ سوقۇپ، ئۇزارتىدۇ تاج - قاداققا ئېرىتىلگەن ئالتۇننى ياپىلاقلاپ، قېلىپقا بېسىپ ئىشلەيدۇ. بىلەزۈكنى نۇسخىغا قاراپ تولغاپ ياكى گۈللۈك قىلىپ ئىشلەيدۇ.
زىرە - كىلىك بىلەن تارتىپ سوزۇپ سىم قىلىپ، زىرە ھالقىسى (ئوقى) ۋە ئىچكى ئەگمىلەرنى ئېگىپ، ئەنجۈر شەكلىدە گۈل ياساپ ئوتتۇرىسىغا تېرىقتەك كېسىلگەن ئالتۇننى قويۇپ كەپشەرلەپ تۇتتۇرىدۇ. قۇيما ئۈزۈك ئۈزۈك قېلىپىغا قۇيۇلىدۇ. گۈللۈك ئۈزۈك ئارچا بېغى، گۈلسىز ئۈزۈك قېلىپىغا سېلىنىپ ئىككى بېشىنى دانىكا بىلەن تۇتتۇرۇپ كۆز قويىدۇ. چاچ ئاسقۇلار قېلىپىغا سېلىنىپ ياسىلىدۇ. ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى شورا، زەمچە بىلەن چوتكىلاپ، پەرداز قىلىپ سىلغايتىدۇ. ئاندىن قۇم سۈرۈپ جۇلالاتتۇرىدۇ. زەرگەرلەرمۇ شۇ ئۇسۇل بىلەن ئالتۇننىلا ئەمەس، كۈمۈش، مىس، سېرىق تۇچ ماتېرىيال قىلىنغان زىننەت بۇيۇملىرىنىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش ياسايدۇ. ياسىغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بەزىلىرىگە ياقۇت، گۆھەر ۋە ھەر خىل رەڭدىكى ئېسىل تاشلاردىن كۆز قويىدۇ. ????????? "D???????????? ????? - ????? ?????????
|
|