كۆنچىلىك
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-02 18:06:35 كۆرۈلۈش سانى : 22
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر - كەسىپلىرىنىڭ بىرى - ھايۋانات تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش (كۆنچىلىك) تىن ئىبارەت
ئۇيغۇرلاردىكى كۆنچىلىك ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇيغۇرلار كۆن - خۇرۇمنى يەرلىك ئۇسۇل، يەرلىك خۇرۇچ بىلەن ئىشلەيدۇ.
خۇرۇچلار: ھاك، شور، تۇز، كاتاپ قاتارلىقلارنى تېرىنى ئاشلاش، كۆپتۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ.
كەمەك، ھېلىلە، زاك، رەڭ، ئۆرۈك قوۋزىقى، ئانار پوستى قاتارلىقلارنى رەڭ ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. قومۇش، زىغىر پاخىلىنى ئىسلاش، پىشۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. چىغ ۋە تېرىقنى چىگرىن، مەسكابقا گۈل چىقىرىشقا، سۇ مېيى، قېيىن مېيىنى پەردازغا ئىشلىتىدۇ.
كۆنچىلىك سايمانلىرى: ئاش تۇڭى، سېسىق سۇ قۇدۇقى، داس، ئورغاق، شور قازىنى، قاشتېشى، سىمتىراچ، چاك كەكە، پەشگاھ، ئىتتىك ۋە گال كەكە، بادرا.
ئىشلەيدىغان رەختلەر: خاماپ كۆن، شورلۇق كۆن، چىگرىن، مەسكاپ بۇلغارى، بىشۈ (ئەستەر)، لايكا، چەم، ئات ئېگەر - جابدۇقى، ھارۋا جابدۇق رەختلىرى.
ئىشلەش ئۇسۇلى: ھەرقانداق تېرىنى دەسلەپ سۇغا چىلاپ يۇمشىتىدۇ. ئاندىن بەز، گۆش، مايلارنى قىرىۋېتىپ ھاك سۈيىگە چىلاپ ئاشلايدۇ. يۇڭىنى قىرقىپ ئېلىۋېتىپ، سېسىق سۇ قۇدۇقىغا سالىدۇ (ئۇزۇن يىل تېرە سالغان بۇ سۇ ئېچىپ تەبىئىي ئېچىتقۇ بولغان). بۇنىڭ بىلەن تېرىدىن چاڭ چىقىپ تېرە يۇمشايدۇ. ئاندىن ئۇلاقتىكى شور سۈيىگە كەپتەر مايىقى سېلىپ، كەپتەر مايىقىنى تېرىگە يېگۈزىدۇ. شۇردىن چىققان تېرىنىڭ يۈزىنى يەنە بىر قېتىم قىرىپ سېرىق سۇ، ياۋا تۈكلەرنى چىقىرىۋېتىپ، قازانغا شور سېلىپ، تېرىنى بېسىپ قاينىتىپ شورلايدۇ. ئاندىن شوردىن چىققان تېرىنى قومۇش بىلەن زىغىر پاخىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ قالاپ بىر قانچە قېتىم ئىسلايدۇ. تېرىنى ھەرقېتىم ئىسلىغاندا كەمەك سۈيىگە چىلاپ قويىدۇ. ئىس ۋە كەمەك سۈيى بىلەن تېرە سارغىيىدۇ. تېرىنى قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىدۇ. ئاندىن سۇ ماي پۈركۈپ ئۈستىدىن قاشتېشى سۈرۈپ پەردازلايدۇ. قارا كۆننى قاراگۈل، ئانار پوستى، كاتاب بىلەن قارىغا بويايدۇ. چەممۇ يۇقىرىقىدەك ئىشلىنىدۇ. رەڭ بېرىشتە پەرق قىلىدۇ. لايكىنى ئۇندا ئاشلايدۇ. باشقا رەسمىيىتى ئوخشاش.
بۇلغار - چىگرىن ئىشلەشمۇ يۇقىرىقىدەك بولۇپ، ئوخشاشمايدىغان يېرى، تېرە ئىستىن چىققاندا، تېرە يۈزىگە چىغ يېيىپ، ئۈستىدىن تېرىق تۆكۈپ چىڭدايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرە يۈزى دانلايدۇ.
مەسكاپنى ئۆرۈك قوۋزىقى بىلەن ئىسلايدۇ، يۈزىگە قېيىن مېيى بېرىپ پەردازلايدۇ.
ئېگەر - جابدۇق، ھارۋا جابدۇق رەختلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئىشلەيدۇ: تېرىنى ئالدى بىلەن سۇدا پىشۇرىدۇ. قوۋزاققا باسماي قىيىش ئىشلەيدۇ، ھاكتىن چىققان تېرىنىڭ يۇڭىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسلاپ، ھاكنى چىقىرىۋېتىپ، بۇ تېرىگە ئون جىڭ ھېسابىدا ئۇن سېلىپ ئاشلاپ، بۇنىڭدىن يۈگەن، ئۈزەڭگە، باغ، نوختاغا لايىق رەخت ئىشلەيدۇ. (ش)" |
|