بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ھۈنەرلىرىمىز >> ئۇيغۇرلاردا مېۋە قۇرۇتۇش

ئۇيغۇرلاردا مېۋە قۇرۇتۇش

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-18 10:38:03    كۆرۈلۈش سانى : 100  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭ مېۋە - چېۋە ماكانى دېگەن نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرنى قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، قاق، جىگدە، ياڭاق، ھەر خىل بادام، چىلان، ئەينۇلا، قارىئۆرۈك، پىستە، ئەنجۈر، قوغۇن قېقى، مېغىز ۋە ھەر خىل خورمىلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا مېۋە تۈرى كۆپ، ئۇلارنى قۇرۇتۇش ئۇسۇلىمۇ مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇر باغۋەنلىرى ئادەتتىكى ئۆرۈك ۋە شاپتۇلنى كاۋاكشىغان مەزگىلدە ئۈزۈپ ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتىدۇ. ئۆرۈكتىن قاق (گۈلە) تەييارلاش ئۇسۇللىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، سۈپەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك خۇۋەينى ئۆرۈكنى مەي باغلاش ئالدىدا قېقىۋېلىپ ئۇنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا كۈنگە كۆرسەتمەي، نەم تەگكۈزمەي قۇرۇتىدۇ. بۇ خىل گۈلە سۈزۈك، قارامتۇل گۆشلۈك قۇرۇيدۇ، قۇرۇش جەريانىدا شىرە باغلايدۇ. يەنە بەزىدە ئادەتتىكى خۇۋەينى ئۆرۈك ياكى باشقا سورتتىكى ئۆرۈكلەرنى مەي باغلاش ئالدىدا قېقىۋېلىپ شور تۇزنى قاينىتىپ سوۋۇتۇپ چويلا بىلەن تۇزغا سېلىپ بورىغا يېيىپ قۇرۇتىدۇ. بۇ خىل گۈلىگە چىۋىن قونمايدۇ، قۇرتلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈزۈك قۇرۇيدۇ. قۇرت چۈشمەسلىك ئۈچۈن قۇرۇتۇلغان گۈلە قاچىسىغا شور تۇزنى چوقۇپ سېلىپ قويىدۇ. گۈلىدىن باشقا ئۆرۈك خورمىسى تەييارلاش ئۇيغۇر باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئىچىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۆرۈك خورمىسىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسەن مېغىزلىق خورما، مېغىزسىز خورما، ئىسلانغان خورما، ئىسلانمىغان خورما دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۆرۈك شىرنە يىغىشتىن ئىلگىرى قېقىۋېلىنىپ سېۋەت بىلەن يۇيۇپ سۈيى ساقىپ بولغاندىن كېيىن بورا ئۈستىگە تەكشى يېيىلىدۇ. ئىككى - ئۈچ كۈن ئاپتاپتا تۇرغاندىن كېيىن، سولىشىپ مەي باغلىغاندا ئۇنىڭ ئۈچكىسىنى ئاجرىتىۋېلىنىپ قول بىلەن يۇمىلاقلاپ يەنە بورا ئۈستىگە تىزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە بىر تالدىن مېغىز سېلىپ قۇرۇتۇلسا مېغىزلىق خورما بولىدۇ. بۇنداق خورما توق جىگەررەڭ بولۇپ، تەمى شېرىن، تەبىئىتى ئىسسىق بولىدۇ. مېغىزلىق خورمىنىڭ قىممىتى مېغىزسىز خورمىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ئىسلانغان خورما قۇرۇتۇش مۇنداق بولىدۇ: ئالدى بىلەن قۇرۇتۇش خۇمدانى ياسىلىدۇ. خۇمدان ئوتتۇرىسىغا قازان ئېسىپ قويۇلىدۇ. يۇيۇپ قۇرۇتۇلغان ئۆرۈكنى سېۋەت بىلەن يېرىم مېتر ئېگىزلىكتە تىزىلغان تاختاي ئۈستىگە دەستىلەپ تىزىدۇ، بىر خۇمدانغا ئوتتۇز - قىرىق سېۋەت، ھەر بىر سېۋەتتە قىرىق - ئەللىك كىلوگرامغىچە ئۆرۈك بولىدۇ. سېۋەت تىزىلىپ بولغاندىن كېيىن سەككىز يۈز گرام ئەتراپىدا گۈڭگۈرت پوقىنى خۇمداندىكى قازانغا سېلىپ، خۇمدان ئىشىكىنى شامال كىرمەيدىغان قىلىپ يىم ئېتىپ لاي بىلەن سۇۋاپ، خۇمدان ئاستىدىن ئوت يېقىلىدۇ. قازان قىزىپ گۈڭگۈرت پوقى ئىس چىقىرىدۇ. گۈڭگۈرت پوقى بىر سوتىكىدا كۆيۈپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسىدا ئۆرۈكلەر ئىسلىنىپ سارغىيىدۇ. بىر سوتكىدىن كېيىن خۇمداننىڭ ئاغزىنى ئېچىپ سېۋەتتىكى ئىسلانغان بورا ئۈستىگە تەكشى يېيىلىدۇ؛ ئىككى - ئۈچ كۈن ئاپتاپتا تۇرغاندىن كېيىن ئۈچكىسىنى ئېلىۋېتىپ تەڭگىسىمان قىلىپ خورما ياسىلىدۇ. كۈن ياخشى بولسا بىر ھەپتىدە خورما قۇرۇپ سارغىيىدۇ. بۇنداق خورما رەڭدار ۋە سۈپەتلىك بولۇپ، تەمى چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىل بولىدۇ. شاپتۇل قېقى تەييارلاشمۇ ئىسلانمىغان ئۆرۈك خورمىسى تەييارلاشقا ئوخشىشىدۇ. شاپتۇل قېقىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق تۇتۇپ قالغان كىشىلەر ئۇنى يېسە ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار قوغۇن، ئەنجۈر، قارىئۆرۈك، ئۈزۈم، ئەينۇلا، چىلان، ئۈجمە قاتارلىق ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشمىغان ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇتۇپ، ئۇنىڭدىن قاق تەييارلايدۇ. قۇرۇق يېمىش شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تەۋىسىيە كەڭ خەل...
●  (چۈشۈرۈڭ) تۇركىيەنى...
●  بىز توردا نېمە ئىشل...
●  ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ...
●  ئۇيغۇرلاردا مېۋە ق...
●  ئۇيغۇرلاردا رەڭچىل...
●  سەرراپلىق
●  ئۇيغۇرلاردا سەرراچ...
●  زەرگەرلىك(ئۇيغۇر ھ...
●  ئۇيغۇر ھۆنەرلىرىدى...
●  كۇلالچىلىق
●  قۇيمىچىلىق
●  شامچىلىق
●  تۇنىكىسازلىق ۋە قۇ...
●  سەكسەنخالتا
●  تونۇر
●  ھاممام
●  مەشۇتچىلىك
●  ئۇيغۇرلاردا قاسساپ...
●  كۆنچىلىك

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تەۋىسىيە كەڭ خەلىق ئا...
●  (چۈشۈرۈڭ) تۇركىيەنىڭ داڭ...
●  بىز توردا نېمە ئىشلارنى ...
●  ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ۋە جۇ...
●  ئۇيغۇرلاردا مېۋە قۇرۇتۇ...
●  ئۇيغۇرلاردا رەڭچىلىك
●  سەرراپلىق
●  ئۇيغۇرلاردا سەرراچلىق
●  زەرگەرلىك(ئۇيغۇر ھۈنەرل...
●  ئۇيغۇر ھۆنەرلىرىدىن قەن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى