كۇلالچىلىق
يوللانغان ۋاقتى : 2008-07-25 12:29:27 كۆرۈلۈش سانى : 48
كۇلالچىلىق - ئۇيغۇرلاردا ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كۋېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ھۈنەر - كەسىپلەرنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر كۇلالچىلىقىدا مۇنداق تۆت ئالاھىدىلىك بار:
1) ئۇسلۇبى قەدىمىي ۋە ئاددىي - ساددا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئۇستىلار ياسىغان ساپال بۇيۇملارغا سىزىلغان رەسىملەردە قەدىمكى خەلق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭغا نەقىش قىلىنغان بىر - ئىككى تال ئوت - چۆپلەر ۋە گۈللەر نەپىس ۋە روشەن كۆرۈنۈشى بىلەن دىققەتنى جەلپ قىلىدۇ. يەنە بەزى ئېدىشلارنىڭ يىگىرمە سانتىمېتر يېرىگە توپارەڭ بېرىلسە، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھەر خىل رەڭدىكى بىر قانچە سىزىق سىزىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن قەدىمىي تۈس چىقىپ تۇرىدۇ.
2) ئۇيغۇر رەڭلىك ساپال بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگى خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، جىگەر رەڭ، سېرىق رەڭ، توپا رەڭ، يېشىل رەڭ ۋە توق يېشىل رەڭلەردىن ئىبارەت. بۇ خىل رەڭلەر پەقەتلا قوغۇشۇن، مىس، قىزىل توپا، ئاق تاش ۋە قارا تۆمۈر ئۇۋۇندىسى قاتارلىق مىنېرال ماددىلاردىن يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئىشلىنىدۇ. كۇلالچىلار مىستىن سۇس يېشىل، توق يېشىل رەڭ ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭ ئىشلەش چېۋەرلىكى شۇ يەردىكى ئارىلاشتۇرۇلغان ماتېرىياللارنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇستىلار رەڭ بېرىپ بولغان سايمانلارنى خۇمدانغا سېلىپ ئۈچ - تۆت سائەت تۇرغۇزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇيۇملارنىڭ جۇلاسى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.
3) ئۇيغۇر كۇلالچىلار بارلىق ساپال بۇيۇملارنى قول بىلەن ئىشلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ شەكلى تۈز، ياسىلىشى چىرايلىق، چوڭ - كىچىكلىك ئۆلچىمى ئوخشاش، دىئامېترى پەرقسىز بولىدۇ.
4) ئۇيغۇر ساپال بۇيۇملىرى ئېستېتىكلىك قىممەتكە ئىگە بولۇش بىلەن ھۈنەر - سەنئەتتە كەم ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇر كۇلالچىلىقنىڭ خۇرۇچى لايدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر خىل نەپىس بۇيۇملار لايدىن ياسىلىدۇ. مەسىلەن، ئاپتۇۋا، چىلاپچا قاتارلىقلار بىر قانچىگە بۆلۈنۈپ ياسىلىدۇ. ئاپتۇۋىنىڭ چەپچىكى، قورساق، بويۇن، بوغۇز، ئېغىز، قاپقاق دېگەندەكلەر بىر - بىرلەپ ئىشلىنىپ ئاندىن بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ.
كۇلالچىلار لايدىن رەڭلىك تەخسە، چىنە، تاۋاق، پىيالە، كوزا، ئاپقۇرا، ئاپتۇۋا، چىلاپچا، ئىۋرىق، ھەر خىل قورچاق، تەشتەك قاتارلىق كۆپ خىللىق بۇيۇملارنى ياسايدۇ. ياسالغان ھەر قانداق بۇيۇم روشەن مىلى تۈس ئالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە روناق تېپىۋاتقان ئۇيغۇر كۇلالچىلىق بۇيۇملىرى دېڭىز - ئوكيانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرىدىن |
|