بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ھۈنەرلىرىمىز >> سەرراپلىق

سەرراپلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-15 12:09:26    كۆرۈلۈش سانى : 94  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئۇيغۇر سودىسى ئىچىدە ئاساسىي سالماق ئىگىلەيدىغان سەرراپلىقتىن ئىبارەت ئالتۇن، كۈمۈش، يامبۇ، تىللا ۋە چەت ئەل پۇلى، بېرىليانت، ئۈنچە - مەرۋايىت، لەئلى - جاۋاھىر، ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھالىق مال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خىل كەسىپ بار. بۇ كەسىپ كۆرۈنۈشتە، ئالتۇن، كۈمۈش سېتىپ پايدا كۆرىدىغان تىجارەتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان، شۇنداقلا مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كېپىللىك قىلىدىغان يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بىر خىل كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر سەرراپلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئازادلىققىچە سەرراپلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇقىرى ئىناۋەتلىك بىر خىل كەسىپ بولۇپ، ئۇ ئەينى دەۋردە دۆلەت مالىيە كۈچىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. سەرراپلارنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى: ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە تىللا سارىيى، ئالتۇن سارىيى، سەرراب بازىرى دېگەن مەخسۇس بازار، سارايلار بولىدۇ. چوڭ سەرراپلار ساراي - ھۇجرىلاردا مەخسۇس دۇكان ئاچىدۇ. ئۇششاق تىجارەت قىلغۇچى (سەرراپلار بۇلارنىڭ بەزىلىرى چوڭ سەرراپلارنىڭ سېتىۋالغۇچى، بازارنى كۆزىتىش خادىملىرى) ھازىرقى پاي چېكى بازىرىغا ئوخشاش ئالتۇن، كۈمۈش، يامبۇ، ئالتۇن ئاسقىلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ باھا تالاشتۇرۇپ ساتىدۇ. ئۇلار يەنە چەت ئەل پۇلىنىڭ ئىناۋىتى (قىممىتى) نى ساقلايدۇ. شىنجاڭ ئۆلكە بولغاندىن باشلاپ 1949 - يىلىغىچە چىقىرىلغان ھۆكۈمەت پۇلىمۇ كۈمۈش قىممىتىگە سۇندۇرۇلغان. مەسىلەن، بىر سەر تەڭگە تۆت يۈز داچەن ھېسابلىنىپ، تۆت يۈز داچەنگە تەڭ بىر سەرلىك قەغەز پۇل چىقىرىلغان. ھۆكۈمەت قەغەز پۇلىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن سەرراپلارغا موھتاج بولۇپ كەلگەن. مۇبادا كۈمۈش باھاسى ئۆسسە، قەغەز پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ ھۆكۈمەت زىيانغا ئۇچرىغان. شۇڭا سەرراپلار ئۆتمۈشتە دۆلەت مالىيە كۈچىنىڭ مۇھىم يۆلەنچۈكى بولغان. ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مال باھاسى سەرراپ بازىرىدىن ئالتۇن - كۈمۈش باھاسىنى ئاساس قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق پۇل پاخاللىقى ۋە مال باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىدەك ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىغان. (ش)


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  تەۋىسىيە كەڭ خەل...
●  (چۈشۈرۈڭ) تۇركىيەنى...
●  بىز توردا نېمە ئىشل...
●  ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ...
●  ئۇيغۇرلاردا مېۋە ق...
●  ئۇيغۇرلاردا رەڭچىل...
●  سەرراپلىق
●  ئۇيغۇرلاردا سەرراچ...
●  زەرگەرلىك(ئۇيغۇر ھ...
●  ئۇيغۇر ھۆنەرلىرىدى...
●  كۇلالچىلىق
●  قۇيمىچىلىق
●  شامچىلىق
●  تۇنىكىسازلىق ۋە قۇ...
●  سەكسەنخالتا
●  تونۇر
●  ھاممام
●  مەشۇتچىلىك
●  ئۇيغۇرلاردا قاسساپ...
●  كۆنچىلىك

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  تەۋىسىيە كەڭ خەلىق ئا...
●  (چۈشۈرۈڭ) تۇركىيەنىڭ داڭ...
●  بىز توردا نېمە ئىشلارنى ...
●  ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ۋە جۇ...
●  ئۇيغۇرلاردا مېۋە قۇرۇتۇ...
●  ئۇيغۇرلاردا رەڭچىلىك
●  سەرراپلىق
●  ئۇيغۇرلاردا سەرراچلىق
●  زەرگەرلىك(ئۇيغۇر ھۈنەرل...
●  ئۇيغۇر ھۆنەرلىرىدىن قەن...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى