تۇنىكىسازلىق ۋە قۇلۇپسازلىق
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-24 18:17:40 كۆرۈلۈش سانى : 22
تۆمۈرچىلىك تەركىبىدىكى تۈنىكىسازلىق ئاق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئۇستىلار تۈنىكە (قاڭالتىر) دىن ئائىلە سايمانلىرى، ئۆي - ئىمارەت لازىملىقى، بوتكا (دۇكان) قاتارلىق ھەر خىل سايمانلارنى ياسايدۇ. مەسىلەن، سۇ تۇڭى، چېلەك، ياغ تۇڭى، قول يۇيىدىغان ھەر خىل چەينەك، ئۇزۇن تۇمشۇق چۆگۈن، مەش، كاناي، ساماۋار، لېس، پېچىنە - پىرەنىك قېلىپى، چوڭ - كىچىك داس قاتارلىقلار.
قاڭالتىرچىلىق سايمانلىرى، گۈل قېلىپى، ئەندىزى، سۈنبە، لوم، تۆمۈر، بولقا، ياغاچ بولقا، تۈز قايچا، ئەگرى قايچا، پەركۈچ (سەركۇل) كەپشە، دانىكا، ئوچاق، كۆيەك، كۆمۈر، داغمال قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىشلەش ئۇسۇلى: تۇنىكىسازلىق ئەندىز (قېلىپ) گە تايىنىلىدۇ. ئۇلانمىلار گىرەچە شەكلىدە بىر - بىرىگە چېتىلىپ ئۈستىدىن ياغاچ بولقا بىلەن ئۇرۇپ جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، ساماۋار، چۆگۈن، ياغ تۇڭى، سۇ تۇڭى قاتارلىق ئوتتا قويىدىغان، سۇيۇق نەرسە ئالدىغانلارنى ئۇلىغا يېرىدىن داغماللاپ دانىكا بىلەن قەلەيدە تۇتتۇرىدۇ.
جەمئىيەت ئېھتىياجىغا جىددىي لازىملىق بولغان بۇ كەسىپنىڭ ئوت بىلەن قىلىدىغان ئىشى ئاز، كىرىشتۈرۈپ جىپسىلاش قاتارلىق يەڭگىل ئىشى كۆپ.
قۇلۇپسازلىقمۇ تۆمۈرچىلىك دەستۇرىدا نازۇك ئاق ئىش ھېسابلىنىدۇ.
قۇلۇپسازلىق كەسپىدە ئىشلىنىدىغان ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆپ خىل ئىقتىدارلىق قۇلۇپ تۈرلىرى بار. مەسىلەن، شەددە قۇلۇپ - بۇنىڭ ئاچقۇ ۋە قۇلۇپ ئىچى تۆت تىللىق بولۇپ، تىل ئۆز جايىغا سېلىنغاندىلا ئېچىلىدۇ. تورۇتمە قۇلۇپ ئىككى تىللىق بولىدۇ. ئاچقۇچنى سېلىپ ئىتتىرىپ ئاچىدۇ. تارتما قۇلۇپ - ئاچقۇچنى سېلىپ ئالدىغا تارتىش ئارقىلىق ئېچىلىدۇ. تولغىما قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئچىكى تىلى ئېكىس - پىلىسلىق بۇرما بولۇپ ئۇلار ئۆز ئورنىغا ماس كەلگەندە ئېچىلىدۇ. خەنجەر قۇلۇپ، ئىشكەك قۇلۇپ، قوش ئاچقۇچلۇق (چوڭ ئاچقۇچتىن كېيىن كىچىك ئاچقۇچ سالمىسا ئېچىلمايدىغان) قۇلۇپ قاتارلىق قىرىق نەچچە خىل قۇلۇپ بار. يەنە بىر قىزىقارلىق قۇلۇپ، ئىپتىدائىي ياغاچ قۇلۇپ، يەنى لڭك دەپ ئاتىلىدىغان ب ۇ قۇلۇپنى ياغاچچىلار ياسايدۇ. لوكنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ ياسىلىشى مۇنداق: كەڭلىكى ئون سانتىمېتر، ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز سانتىمېتر چوڭلۇقتا بىر ياغاچ ساندۇقچە بولۇپ ئوتتۇرىسىغا جىپسا كېلىدىغان چاسا ياغاچ ئورنىتىلىدۇ. بۇ ياغاچنى تىلى دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۆشۈك بولىدۇ. تۆشۈككە سالىدىغان ياغاچ مىخ بولىدۇ. بۇ مىخنىڭمۇ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر تۆشۈك بولىدۇ. لوك ئىشىكىنىڭ يېنىدىكى تامغا ئورنىتىلىدۇ. ئىشىكنى يېپىپ لوك تىلىنى ئالدىغا ئىتتەرگەندە ئىشىك تاقىلىدۇ. يانماسلىقى ئۈچۈن لوكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياغاچ مىخنى سېلىپ قويىدۇ. باشقا كىشىلەر بىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن ياغاچ مىخ تۆشۈكىگە ئاچقۇمىخنى سېلىپ يوشۇرۇپ قويىدۇ، بۇ مەخپىيەتلىكنى ئۆي ئىگىسىدىن باشقا كىشى بىلمەسلىكى شەرت. قۇلۇپنى ئاچىدىغان چاغدا يان تامدىكى تۆشۈكتىن قولىنى سېلىپ ئالدى بىلەن ئاچقۇمىخنى، ئاندىن چوڭ مىخنى ئېلىپ لوك تىلىنى ئارقىغا ياندۇرغاندىلا ئىشىك ئېچىلىدۇ. لوك دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل قۇلۇپ ئاددىي ئەمما مەخپىيەتلىكى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆتمۈشتە يېزىلاردا كەڭ ئومۇملاشقان. (ش)" |
|