ھاممام
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-15 12:31:07 كۆرۈلۈش سانى : 23
ھاممام دېگەن سۆز ھازىرقى زامان تىلىدا پارلىق مۇنجا دېگەندىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلار ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىللەردە كۆپرەك تاغلىق دالا، قارلىق ئورمانلاردا ماكانلاشقان. تاش تىزىپ ئوچاق ياساپ تاماق ئەتكەن، قازاندىن تاشقان سۇ، تاشقا چۈشۈپ ھور ھاسىل قىلغان، بۇ ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئۇلار كېيىن شەھەرلىشىپ دېھقانچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئائىلىۋى تاش ھاممام ياساپ تازىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكەن. كېيىنكى سودا تەرەقىياتى نەتىجىسىدە پەيدا قىلىنغان ئاۋات كوچا بازارلاردا بىر قەدەر مۇكەممەل ھامماملارنى سېلىپ، ئۇلۇغ كارۋان يولىنىڭ قوناقلىرى، سودا كارۋانلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ يۇيۇنۇشىغا ئىمكان ياراتقان ۋە ھاممامدىن ئىبارەت بۇ تازىلىق مۇئەككىلىنىڭ جاھانغا تارقىلىشىغا بەلگىلىك ئاساس ياراتقان.
ئۇيغۇر ھامماملىرى بىر كىشىلىك يۇيۇنۇش ئۆيى ۋە كۆپ كىشىلىك ھورلىنىش ئۆيىدىن ئىبارەت قۇرۇلمىغا ئىگە. ئۇيغۇرلار ئىككىنچى بىر كىشى بار جايدا يالىڭاچ يۇيۇنۇشنى ئەدەبسىزلىك ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئايرىم ئۆيدە يۇيۇنىدۇ. ئايرىم ئۆيلەر قاتار سېلىنغان بولۇپ، ھەممە ئۆينىڭ ئۈستىدىن سۇ ئىسسىتىدىغان قازانغا تۇتاشتۇرۇلغان چاقچۇق (ساپال) نور ئۆتىدۇ. ھەر بىر ئۆي ئۈستىدە نورنىڭ سۇ چۈشۈش تۆشۈكى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر تال شۈمەك بېكىتىلگەن بولىدۇ. قازاندىن چىققان سۇ داۋاملىق نور ئىچىدە ئايلىنىپ تۇرىدۇ، قايسى ئۆي لازىم قىلماق بولسا جۈمەكنى ئوڭغا بۇرايدۇ. نوردىكى سۇ جۈمەك ئارقىلىق چۈشىدۇ. سولغا بۇرىغاندا جۈمەك ئاغزى نورغا تاقىلىپ سۇ توختايدۇ، سۇ بىلەن بەدەننى بىر قەدەر يۇيۇپ بولغانلار ئالدى - ئارقىسىنى لۆڭگە بىلەن يۆگەپ ھورلىنىش ئۆيىگە چىقىدۇ. ھورلىنىش ئۆيى چوڭ سېلىنغان بولۇپ، ئورۇندۇق ۋە كارىۋاتلار قويۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا تاش قىزىتىش سۇپىسى بولىدۇ. سۇپىنىڭ ئاستى ئوچاق بولۇپ، قالغان ئوت تاشنى ئىسسىتىدۇ. تۈتۈنى ئوچاق ئاستىدىن چىقىپ كېتىدۇ، تاش قىزىقى ئۆينى يۇقىرى ھارارەتتە قىزىتىپ كىشىلەر بەدىنىنى تەرلىتىپ كىر يۇمشىتىدۇ. كۆپ ھاللاردا تاشقا سۇ سېپىپ نەملىك ھور پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەرلەش يۇقىرى دەرىجىگە چىقىپ كىرلەر ئۆزلۈكىدىن يۇمشايدۇ. ھورلىنىش ئۆيىدە بەش يۈز يەتمىش ئۈچ، خاتەمچىلار (بەدەننى سۈرتۈپ قويغۇچىلار) بولىدۇ. خالىغانلارنىڭ بەدەنلىرىنى سۈرتۈپ مۇلازىمەت قىلىدۇ. ھورلىنىپ بولغانلار قايتا يۇيۇنۇپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەر - ئايال ھامماملىرى ئايرىم تەسىس قىلىنغان. ئۇيغۇر ھامماملىرى تېز كىر چىقىرىش، بەدەن يەڭگىللىتىش، سوغۇقتىن ساقلاش، ئۇستىخان ئاغرىقلىرىغا داۋا بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. يەرلىك شەكىلدە ياسالغان مۇنداق ھامماملار ھازىر زامانىۋى مۇنچىلارغا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى رولىنى ئونتۇماسلىقىمىز كېرەك.
ھامماملارنىڭ تارىخىي تەرەقىياتىغا ئائىت سەئىدىيە سۇلالىسىنىڭ (1533 - 1559) ئابدۇرېشتخان سۇلتانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان بىر يازما يادنامىدا: <بەش يۈز سەكسەن بەش مەھەللە مەسچىتى، تۆت يۈز ئوتتۇز يەتتە ھاممام، بىر مىڭ ئالتە يۈز توقسان مەكتەپخانا، بەش يۈز يەتمىش ئۈچ مەدرىس (يۇقىرى بىلىم يۇرتى)، بىر مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە كارۋان سارىيى ... (قىسقارتىلدى)> بارلىقى يېزىلغان.
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن بۇ خىل مەدەنىي ئەسلىھەلەر ۋايران قىلىنىپ گۇلاخ (كۈل خانا) قا ئايلانغان، كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بىر كىشىلىكتىن يۇيۇنۇش ئۆيى ياساپ سەرراپ دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭغا چېلەك تاپالمىغانلار كوزا، قاپاق بىلەن سۇ ئېسىپ يۇيۇنۇش ئۆيىنى بەرپا قىلغان، شۇ كۈنلەردە تۇرۇبىلاشقان سەرراپلار مۇنچا دېگەن نام بىلەن ئىشقا كىرىشتى. ئۇيغۇرلاردا يۇيۇنۇش ئادىتى، ئەر - ئايال بىرلىكتە يۇيۇنۇش مەنئى قىلىنغان ۋە مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بىرىلىكتە يالىڭاچ يۇيۇنۇش نومۇس دەپ بىلىدۇ. ئادەتتە ئۇيغۇرلار تازىلىق ئۈچۈن ۋە ئەر - ئايال مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنىدۇ. ھەر قانداق ھاممام، سەرراپلاردا جىنسىي ئەزا مويلىرىنى ئېلىش ئەسۋابى بولىدۇ. جىنسىي ئەزا مويلىرى تازىلىنىدۇ. (ش)" |
|