بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ئۆسۈملۈكلەر >> سۇزاپ

سۇزاپ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 11:18:17    كۆرۈلۈش سانى : 78  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
云香 yun xiang تونۇش:   بۇ سۇزاپ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ،  غولى تىك، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسۈپ، پەيسىمان يېرىلىدۇ، يېرىلغان ياپراقچىلىرى سوقىچاق كېلىدۇ. گۈلى سېرىق، غوزىلىق مېۋە تۇتىدۇ. پۈتۈن تېنى خۇشبۇي پۇرايدۇ. دورىلىق قىسمى:  دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. يىغىپ تەييارلاش:    بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ  قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى:    ئۈچىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق. ئۆسۈش ئورنى:    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خوتەن، يېڭىسار، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ. خۇسۇسىيىتى:    مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئەقىلنى زىيادە قىلىش، يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قۇرۇتۇش، زەھەر قايتۇرۇش، تېرىنى غىدىقلاش، قىزارتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى  ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. سۇزاپ تەركىبلىك رېتسېپلار    سۇزاپنى قاينىتىپ ياكى خېمىر قىلىپ ئىچىپ بەرسە، پالەچ، قول تىترەش، بوغۇم ئاغرىش، پەي يىغىلىپ قېلىش، يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ياخشى  مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساق ۋە بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈپ، قۇلۇنجى (يەلدىن بولغان قۇلۇنجى)،  كۆكرەك، جىگەر ۋە  تال ئاغرىقى، مەقئەت كېسەللىكلىرى، بالىياتقۇ  كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنىڭ  يوپۇرمىقىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ  70 ~  100 گرامغىچە ئىچىپ بەرسە، ھېقنى  توختىتىدۇ. سۇزاپقا قۇرۇق سېرىق چېچەكنى قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،  بىقىن ئاغرىقى، كۆكرەك ئاغرىقى،  زىققە ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەللەرگە، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي ئاغرىقى، كىندىك ئەتراپى ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان ئۆپكە ئىششىقى، چوڭ بوغۇملارنىڭ ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق، سوغۇقتىن بولغان تەپ قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنى زەيتۇن يېغىدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ. سۇزاپنى ئەنجۈر بىلەن قاينىتىپ ياكى ئەنجۈر بىلەن تۇز قوشۇپ يەرلىك  ئورۇنغا چاپسا،   كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. سۇزاپنىڭ  يوپۇرمىقىنى چايناپ بەرسە، ئېغىزدىكى پىياز ۋە سامساقنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىپ، تاماق سىڭدۈرىدۇ. سۇزاپنى ئەنجۈر ياكى ياڭاق بىلەن ئىستېمال قىلسا، ئىچىلگەن زەھەرلەرنى ۋە ھاشاراتلارنىڭ زەھەرلىرىنى قايتۇرىدۇ.  سۇزاپ تالقىنىنى ھەركۈنى ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پالەچ، ئەزالارنىڭ تىترىشى ۋە پەيلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنىڭ  ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇنىڭ سۈيىنى ھەمەل قىلسا، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ھامىلە پەيدا بولۇشنى توسۇپ،  بالا چۈشۈرىدۇ. سۇزاپنى كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنىنى پۇرىسا، ھامىلە چۈشۈرىدۇ. سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا  چاپسا، سېرىقئېشەك ۋە ئۆمۈچۈك چېقىش، غالجىر ئىت چىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. سۇزاپ  يوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى  قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاق ئېغىرلىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنىڭ  يوپۇرمىقىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ، سىركە قوشۇپ، ئۇششاق بالىلارنىڭ بۇرنىغا تېمىتسا، دۆلىنىپ كېتىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىپ،  بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ. سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىنى  تالقان قىلىپ بۇرۇنغا پۈركۈسە، بۇرۇندىن قان كېلىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنى گۈل يېغى، سىركە ۋە ھاراق بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. سۇزاپنى غار دەرىخىنىڭ  يوپۇرمىقى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ئىككى قاشنىڭ ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ. سۇزاپنى  موم ۋە مورت يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، يىرىڭلىق ئىششىق ۋە ھەرخىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنى  سېرىقچېچەك ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ھەرخىل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.  سۇزاپقا توغرىغۇ قوشۇپ بەدەننى  يۇيۇپ بەرسە، ئاق داغ ۋە سۆگەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنى  قاينىتىپ دوۋسۇنغا ھەمەل (كلىزما) قىلسا، قۇلۇنجى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇزاپنى زەيتۇن يېغىدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا  ياكى دوۋسۇنغا تېڭىلسا، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. سۇزاپنى  ئۆزىگە  ھەمراھ قىلىپ يۈرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ. سۇزاپنىڭ  سىقىلغان سۈيىنى  ئارپىبەدىيان سۈيى ياكى ھەسەل بىلەن قوشۇپ كۆزگە تېمىتسا، كۆرۈش  قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. سۇزاپنى  سىركە،  ئۇپا، گۈل يېغى  بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، كۆيدۈرگە، بەدەننىڭ چۈمۈلە ماڭغاندەك قىچىشىشى، باشنىڭ تاز چاقىسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سۇزاپ
●  زىغىر
●  رەتبە
●  رۇم بەدىيان
●  قەيسۇم
●  توغراق (胡杨)
●  ئېيىقتاپان (野桑椹 )
●  سەرخىس  (贯众)
●  ھىندى نېلۇپىرى (荇菜)...
●  ئۈجمە
●  كۆك كاۋا
●  سۆزە
●  جاغجاقئوت (漏芦)
●  ئاق قېيىن (白桦皮)
●  قاغا تىرنىقى (老鸦瓣)
●  ئۆشنە
●  ئېتىزلىق قىرىق بوغ...
●  جۇخار گۈلى(菊花)
●  ئېشەكقومۇشى (鸦葱)
●  لالىگۈل(白头翁)

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سۇزاپ
●  زىغىر
●  رەتبە
●  رۇم بەدىيان
●  قەيسۇم
●  توغراق (胡杨)
●  ئېيىقتاپان (野桑椹 )
●  سەرخىس  (贯众)
●  ھىندى نېلۇپىرى (荇菜)
●  ئۈجمە

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى