ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-29 14:36:42 كۆرۈلۈش سانى : 23
تونۇش بۇ قىرىق بوغۇم ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 25 - 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ، باش باھاردا سۆسۈن سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك كۆپىيىش غولىنى چىقىرىدۇ. شاخلىمايدۇ. ئۇچىدا موبى ئۇچىغا ئوخشايدىغان سىپورا خالتىلىق باشىقى بولىدۇ. يازدا ۋە كۈزدە يېشىل رەڭلىك ئوزۇقلىنىش غولى چىقىرىدۇ. يۇمشاق، ئىچى كاۋاك بولىدۇ. ئايلانما بولۇپ كۆپ شاخلىنىدۇ. بۇغۇمىدا قوڭۇر رەڭدىكى پەردىلەشكەن ئايلانما ئۆسكەن تەڭگىسىمان يوپۇرماقلىرى بولىدۇ.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش بۇ ئۆسۈملۈكنى يازدا ۋە كۈزدە ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، كېسىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتىقۇرۇق سوغۇق.
ئۆسۈش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويلىرى، ئوتلاق ۋە ئېتىزلىقلاردا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتىقان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارىئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمى تەركىبلىك رېتسېپلار
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش، ھەيز كۆپ كېلىش، ئۈچەي قاناش، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمىنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، بۇۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ھەرخىل جاراھەت ۋە زەخىملەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.
|
|