زىغىر
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-20 12:29:14 كۆرۈلۈش سانى : 132
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
胡麻
hu ma
(hei zhi ma)
تونۇش: بۇ زىغىر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، يوپۇرمىقى يىپ ياكى تېمىنە شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاچ كۆك، غوزىلىق مېۋە تۇتىدۇ، مېۋىسى شارسىمان بولىدۇ.
دورىلىق قىسمى: دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭدىن چىقارغان يېغى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ھۆل ۋاقتىدا چېچىكىنى، پىشقاندا ئۇرۇقى ۋە چۆپىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: پۈتكۈل چۆپى قۇرۇق سوغۇق، مېۋىسى قۇرۇق ئىسسىق، يېغى ھۆل ئىسسىق.
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: ھارارەت پەسەيتىش، ئېغىز ئالدۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، گۆش ئۈندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 4 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 5 ~ 8 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
زىغىر تەركىبلىك رېتسېپلار
زىغىرنىڭ دېنىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ تېڭىلسا، ھەرخىل ئىششىقلارنى ئېغىز ئالدۇرىدۇ.
زىغىرنىڭ پاخىلىنى كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنىنى بۇرۇنغا تارتسا، مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
زىغىرنىڭ پاخىلىنى كۆيدۈرۈپ سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، بالىياتقۇنىڭ جاراھەتلىرىگە، بالىياتقۇدىن قان كېلىشكە ھەمدە بالىياتقۇنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىرنىڭ دېنىنى سوقۇپ، پاخىلىدىن توقۇلغان رەختلەرگە يۆگەپ، چوڭ ئېچىلىپ كېتىپ پۈتمىگەن جاراھەتلەرگە قويۇلسا، جاراھەتنىڭ قانلىرىنى توختىتىپ، گۆش ئۈندۈرۈپ پۈتتۈرىدۇ.
زىغىرنىڭ پاخىلىدىن ئىشلەنگەن كىيىمنىڭ قىشتا يېڭىسىنى، يازدا يۇيۇلغىنىنى كىيسە ئورۇقلىتىپ، يازدا يېڭىسىنى، قىشتا يۇيۇلغىنىنى كىيسە سەمرىتىدۇ.
زىغىرنىڭ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، يۈرەك، مېڭىنىڭ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىرنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ باشقا چاپسا، باش ئاغرىقىغا، باشتىكى ئىششىقلارغا، تەمرەتكە، جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىرنىڭ ئۇرۇقىنى ئىسپىغۇل بىلەن قوشۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، چوڭ - كىچىك بوغۇملاردىكى ئىششىق، جاراھەتلەرگە ۋە ئاغرىقلىرىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىنىڭ شىرىسىنى چىقىرىپ ئىشلەتسە، كۆز قىزىللىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىدىن توققۇز گرام سوقۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەكتىكى خىلىتنى تازىلاپ، جىگەر ۋە ئىچكى ئەزادىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىنى قورۇپ سوقۇپ ئىچىپ بەرسە، ئارقا تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەي ۋە باشقا ئورۇنلاردىن كەلگەن قاننى توختىتىپ،
بەلغەمدىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىدىن ئىككى گرامدىن داۋاملىق ئىستېمال قىلسا ئۈچەي كېسەللىرىنى داۋالاپ، سۈيدۈك كەلتۈرىدۇ، تەرلىتىپ، سۈتنى كۆپەيتىپ، ئارقا تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، بۆرەك، سۈيدۈك خالتىلىرىنىڭ جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىدىن 30 گرامنى قاينىتىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، تېرىپلىرى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلايدۇ.
زىغىر ئۇرۇقىدىن 30 گرامنى قاينىتىپ، ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تال ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر دېنىنى ئازراق قارىمۇچ ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، جىنسىي ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر دېنىنى قاينىتىپ سۈيى بىلەن ھەمەل (كلىزما) قىلسا، ئۈچەيدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئۈچەي ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىغىر دېنىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، جاراھەت ئىششىقلىرىنى ياندۇرىدۇ.
زىغىر دېنىنى سوقۇپ، ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، قارا داغنى چۈشۈرىدۇ.
زىغىر دېنىنى ھەببى رىشات ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، تىرناق يېرىقىنى پۈتتۈرىدۇ.
زىغىر دېنىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى بابۇنە بىلەن قوشۇپ خېمىر قىلىپ يەرلىك چاپسا، سۆگەلنى چۈشۈرۈپ، جاراھەت ئىششىقلىرىنى ياندۇرىدۇ.
زىغىر دېنىنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، جاراھەتلەرنىڭ ئاغرىقلىرى ۋە قىچىشىشلىرىنى پەسەيتىدۇ.
زىغىر دېنىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، جاراھەتلەرنىڭ سۈيىنى يوقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
زىغىر يېغى بىلەن گۈل يېغىنى قوشۇپ ھەمەل قىلسا، ئۈچەيدىكى جاراھەتلەرنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
زىغىر يېغى بىلەن گۈل يېغىنى قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا،ئاغرىق توختىتىپ، چۈشۈرىدۇ.
زىغىر يېغىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇلۇنجى ۋە ئۈچەينىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
|
|