توغراق (胡杨)
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 15:31:03 كۆرۈلۈش سانى : 190
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
توغراق)胡杨Hu yang(
تونۇش: بۇ تال - تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 5 ~ 8 مېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرماق شەكلى كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يۇمران شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلىرى تار ۋە ئۇزۇنراق، گىرۋىكى تولۇق بولىدۇ، كونا شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلىرى كەڭ تۇخۇم شەكلىدە، قىيپاش تۆت بۇرجەك شەكلىدە ياكى يۈرەك شەكلىدە بولۇپ، گىرۋىكىدە چىشلىرى بولىدۇ، رەڭگى كۈل رەڭ يېشىل؛ ئانىلىق ۋە ئاتىلىق تۈپلىرى ئايرىم بولىدۇ، غوزا شەكىللىك مېۋىسى تۇخۇمسىمان بولۇپ، ئۇچىدىن يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى كۆپ، ئۇزۇن پاختىدەك تۈكچىلىرى بار.دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش: ئۇنى توپا ئاستىدىن كولاپ ئالغاندىن كېيىن، يات نەرسىلىرى تازىلىۋېتىلىپ، خام ياكى دەرەخ يېلىمىنى ئېزىپ داسقا سېلىپ، باراۋەر مىقداردا سۇ قويۇپ، قىزىتىپ ئېرىتكەندىن كېيىن سۈزۈپ، كۈچلۈك ئوت بىلەن سۈيى پۈتۈنلەي ھورغا ئايلىنىپ بولغۇچە قاينىتىپ، قازان تېگىدىكى كۆيگەن شامىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، كۆيمىگەن قىسمىنى يۇمشاق ئېزىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.
ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويلىرى ۋە قۇرۇپ كەتكەن دەريادا، بولۇپمۇ تارىم دەريا ۋادىلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ خام توغراق يېلىمى 4 ~ 12 گرام، تالقان ياسالمىسى 1 ~ 2 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
توغراق تەركىبلىك رېتسېپلار
خام توغراق يېلىمىدىن 4 ~ 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقى، ئېغىز، چىش ئىششىپ ئاغرىش ۋە بويۇن لىمفا سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئون پىرسەنتلىك توغراق يېلىمى سۇيۇقلۇقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى توغراق يېلىمى تالقىنىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن ئۇدا يەتتە كۈن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
|
|